ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن: مەلىكە بەرنا
-
ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن: مەلىكە بەرنا
ۋاقتى: 2015-08-13 ئاۋاتلىقى: 3976 قېتىميانفوندا كۆرۈش
مەلىكە بەرنا
ئۇيغۇر خەلق چۆچىكى
سېنارىيەلەشتۈرگۈچى: توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
ياندىن بايان:بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ناھايىتى سەلتەنەتلىك بىر شاھ ئۆتكەنىكەن. شاھنىڭ خوتۇنى ھامىلدار بولۇپ، ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايدەك چىرايلىق بىر قىز تۇغۇپتۇ. شاھ پەرزەنت كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شادلىنىپ، يەتتە كېچە-كۈندۈز توي-تاماشا ئۇيۇشتۇرۇپ بېرىپتۇ-دە، قىزىغا ‹‹بەرنا›› دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. مەلىكە بەرنا ناھايىتى ئەقىللىق ۋە زېرەك قىز بولۇپ چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ. قىز ئوقۇش يېشىغا توشقاندا، ئاتىسى ئۇنى ئوردا ئۇستازىغا ئوقۇشقا بېرىپ، يىگىرمە يېشىغىچە ئوقۇتۇپتۇ. مەلىكە پۈتۈن ئىلىملەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ ئۆگىنىپتۇ. قىزنىڭ داڭقى پۈتۈن جاھانغا تارقاپتۇ. ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە دانىشمەنلىكىنى ئاڭلاپ، كۆرمەي تۇرۇپ ئاشىقى بىقارار بولغان شاھزادە، بەگزادىلەر ئارقا-ئارقىدىن شاھقا ئەلچى ئەۋەتىشكە باشلاپتۇ، لېكىن مەلىكە بەرنا نىكاھلىنىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلەرگە جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:مەلىكە بەرنا:ــ ئاتام مېنى ياتلىق قىلماقچى بولسا، ماڭا لايىق بولغۇچى يىگىت ئاقىل ۋە دانا بولۇشى لازىم، ئەنە شۇنداق يىگىت بولسىلا، مەن ئاتامنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلاشقا تەييار.شاھ قىزىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ بىر نەرسى دېيەلمەپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر قانچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شاھ يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىپتۇ. مەلىكە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولۇپ تەختكە چىقىپتۇ ۋە پۈتۈن يۇرتقا مۇنداق جاكارلاپتۇ:مەلىكە بەرنا:ـــ مېنىڭ قىرىق بىر سوئالىم بار، كىمكى مېنىڭ سوئاللىرىمغا توغرا جاۋاب بېرىپ مېنى قانائەتلەندۈرەلىسە، ئۇ مەيلى شاھزادە بولسۇن، مەيلى گاداي بولسۇن، مەن ئۇنىڭ ئەمرىدە بولىمەن، شاھلىقىمنى بېرىپ خىزمىتىنى قىلىمەن. ئەگەر جاۋاب بېرەلمىسە، ئۆزىنى دار ئاستىدا كۆرىدۇ.بۇ شەرتكە رازى بولغۇچىلار مەلىكىنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭ سوئالىنى ئاڭلاشقا باشلاپتۇ. بىراق، نى-نى مەشھۇر شاھزادە ۋە بەگزادىلەر قىزنىڭ سوئالىغا تۈزۈكرەك جاۋاب بېرەلمەپتۇ. جاۋاب بېرەلمىگەن ھەربىر يىگىت دارغا ئېسىلغاندا، قىز ئۇلارغا تەنە قىلغاندەك مۇنۇ سۆزنى تەكرارلاپ قويىدىكەن:مەلىكە بەرنا:ـــ ھەركىم ئۆز ھالىنى بىلمىسە بىھۇدە ھالاك بولىدۇ.بۇ شەھەرنىڭ بىر يېزىسىدا ئوتۇنچىلىق قىلىپ جان باقىدىغان بىر بوۋاينىڭ ۋاھىد ئىسىملىك ئوغلى بىر كۈنى مەلىكىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئوردىغا كىرىپتۇ. مەلىكە ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:ـــ ئەي يىگىت، تالاي يىگىتلەر سوئاللىرىمغا جاۋېاب بېرەلمەي ئەزىز جېنىدىن ئايرىلدى. ئۆز جېنىڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، رايىڭدىن قايت!ـــ كىشى ئۆز بەختىنى ئۆلۈمدىن قورقماسلىق بىلەن تاپالايدۇ. سىزنىڭ مۇبارەك قولىڭىزدا ئۆلۈش مەن ئۈچۈن بەخت.ـــ نەدىن كەلدىڭ؟ـــ ئاتا-ئانامنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى ۋە رەھمىتىدىن كەلگەنلىكىم ئۆزىڭىزگە ئايانغۇ؟ـــ نەگە بارىسەن؟ تۇرار يېرىڭ قەيەر؟ـــ ئاشىق ئۈچۈن يۇرتنىڭ يېتى يوق، ئەل ئوغلى ئۈچۈن ھەممە يەر ماكان، مەن سىزنىڭ ۋىسالىڭىزغا يەتكىلى كەلدىم.ـــ ئىنساننىڭ ئالىي پەزىلىتى نېمە؟ـــ ئۆز بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىش ۋە ئۆز ئېلىگە، خەلقىگە، دوستىغا خىيانەت قىلماسلىقتا.ـــ پۈتۈن دۇنياغا شاھلىق قىلغانلار بولغانمۇ؟ـــ بولغان، دۇنيا بىنا بولغاندىن بۇيان جاھان شاھلىرىدىن سۇلايمان، ئىسكەندەر، نەمرۇت ۋە شەددات قاتارلىقلار ئۆتتى، بىراق ئىلىم-ھېكمەتتە ياراتقان تۆھپىسى بولمىغاچقا، دۇنيادا ئۇلارنىڭ قۇرۇق نامىلا قالدى، خالاس.ـــ كىشىلەر قايسى ياخشىلىقتىن قاچىدۇ، قايسى يامانلىقنى سۆيىدۇ؟ـــ كىشىلەر قار-يامغۇردىن ئىبارەت تەبىئەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئارتۇق مال-دۇنيا، پىتنە-پاساتنى سۆيىدۇ. بۇ ئومۇمىي ئادەتتۇر. دەلىل شۇكى، سىزمۇ خەلقنىڭ قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن خەزىنىڭىزنى سۆيىسىز.ـــ ئادەمنى پەسلەشتۈرىدىغان سۈپەت نېمە؟ـــ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، ئالدىراڭغۇلۇق ۋە يالغانچىلىقتۇر.ـــ قانداق كىشى رەھىمدىل ۋە قانداق كىشى رەھىمسىز، پىخسىق بولىدۇ؟ـــ يوقسۇزلۇق، ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى رەھىمدىل، بايلار پىخسىق ۋە بېخىل كېلىدۇ.ـــ دۇنيادا ئەڭ كەڭ نەرسە نېمە؟ـــ ئالەم بوشلۇقى، شۇنداقلا پادىشاھلارنىڭ ئادالىتى، ئالىملارنىڭ ئىلمۇ-ھېكمىتىدىن ئارتۇق كەڭلىك يوق.ـــ دۇنيادا سانسىز ۋە چەكسىز نەرسە نېمە؟ـــ جانلىق سانسىز، ئالەم چەكسىزدۇر.ـــ ھاياتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى نېمىدە؟ـــ ئىلىم-مەرىپەت، ھالال مېھنەت، پاك مۇھەببەتتە.ـــ تويماس نەرسە ئۇچراتتىڭمۇ؟ـــ ئۇچراتتىم: كۆز قاراپ تويمايدۇ، مۇھەببەتلىك كىشىلەر بىر-بىرىگە، ئوت ئوتۇنغا، ئالىم ئىلىمگە، باي مالغا، ئادەم ئۆمۈرگە تويمايدۇ.ـــ ئادەم نېمىدىن خارلىنىدۇ؟ـــ ھەممىگە ئايانكى، ئىلىم-مەرىپەتنى، ھۈنەرنى، ھالال ئەمگەكنى خورلىغۇچىلارنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزلىرى خارلىققا قېلىپ ۋەيران بولۇشى مۇقەررەردۇر.ـــ نېمىلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلمايدۇ؟ـــ ساقلىقتىن ئاغرىق، ھاياتلىقتىن ماماتلىق، توقلۇقتىن ئاچلىق، خۇشاللىقتىن خاپىلىق مەڭگۈ ئايرىلمايدۇ.ـــ خىزمەت قىلىشتىن يانماسلىق كىمگە مەنسۇپ؟ـــ بالا ئاتا-ئانا خىزمىتىدىن، مەرد ئەل خىزمىتىدىن، ئۆي ئىگىسى مېھمان خىزمىتىدىن يانمايدۇ.ـــ ئادەم نېمىدىن نومۇسقا قالىدۇ؟ـــ چاقىرمىغا يەرگە بېرىش، بوھتان چاپلاش، دۈشمەندىن، بېخىلدىن ياردەم تىلەش ئادەمنى ئۆلۈمدىن ئارتۇقراق نومۇسقا ئېلىپ بارىدىغىنى شەكسىزدۇر.ـــ ئەڭ ئېغىر نەرسە نېمە؟ـــ غېرىبلىق، جۇدالىق، مۇھتاجلىق تەڭداشسىز ئېغىردۇر.ـــ ئۇستازى يوق ھۈنەرۋەن بارمۇ؟ـــ بار، مۇھەببەتلىك يۈرەك ئۇستازى يوق ھۈنەرۋەن.ـــ نېمە بايلىق ھېسابلىنىدۇ؟ـــ سالامەتلىك ۋە خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشتىن ئارتۇق بايلىق يوق.ـــ ئادەمنىڭ ئەڭ يامان دۈشمىنى قايسى؟ـــ ئەجىرسىز توپلانغان مال-دۇنيا ئەڭ يامان دۈشمەندۇر.ـــ مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا سازاۋەر بولۇشنى خالامسەن؟ـــ سىزنى خىيال قىلىش بىلەن خۇشالمەن.ۋاھىدنىڭ جاۋابىدىن قانائەتلەنگەن مەلىكە بەرنا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ۋاھىدقا ھۆرمەت بىلدۈرۈپتۇ ۋە ئۆز قولى بىلەن شاھلىق تاجىنى كىيگۈزۈپ ئالتۇن تەختكە چىقىرىپتۇ ۋە مۇنداق دەپتۇ:ـــ سىزنىڭ ئەمرىڭىزدە بولۇشقا رازىمەن.ياندىن بايان:داقا-دۇمباق، كاناي-سۇناي چېلىنىپتۇ، زىلچە-گىلەملەر سېلىنىپتۇ، داش قازانلار ئېسىلىپتۇ، زىنداندىكىلەر ئازاد قىلىنىپ، مۇراسىمغا قېتىلىپتۇ، راۋاقلارنىڭ ئۈستىدىن تەڭگە-تىللالار چېچىلىپتۇ...شۇنداق قىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز توي-تاماشا بوپتۇ. مەلىكە بەرناغا ئۆيلىنىۋالغان ۋاھىد ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئادىللىق بىلەن يۇرت سوراپ، بەختلىك ياشاپتۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
نىدائىي: ئامېرىكىنىڭ تارىختىكى زۇڭتۇڭلىرى
8748سائەت ئىلگىرى4053ھىندىستاندىكى ‹‹گىگانت قوللۇق بالا›› ئوپېراتسىيە
2015-12-13 01:17:494074بىلىشكە تېگىشلىك دوستلۇق مىزانلىرى
2015-07-21 13:18:483754«گۈزەل ئالەم»دە ئەھمىيەتلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى
2015-05-01 13:27:284037دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن ‹‹100 كىتاب›› (1)
2015-02-05 17:30:434258داڭلىق رومان: گۆھەر ئارال (19)
2015-03-01 22:42:543497چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلى
2015-02-05 14:29:303841ئامىرخان مۇنازىرە پاتقىقىغا پېتىپ قالدى
2015-11-27 18:54:288215
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-