شى جىنپىڭ بىلەن ئەردوغان ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى
-
شى جىنپىڭ بىلەن ئەردوغان ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى
ۋاقتى: 2015-07-31 ئاۋاتلىقى: 4667 قېتىميانفوندا كۆرۈش
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغان بىلەن 30-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 30-ئىيۇل تېلېگراممىسى، توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردۇغان بىلەن 30-ئىيۇل بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو-تۈركىيە ئىقتىساد-سودا مۇنبىرىگە قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-تۈركىيە ئىككى دۆلەت ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرق-غەرب ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان، قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرقى نۇقتىسى بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە گۈللىنىشىگە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. نۆۋەتتە جۇڭگو خەلقى ‹‹قوش يۈز يىل›› كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچەۋاتىدۇ، تۈركىيەمۇ دۆلەت قۇرۇش يۈز يىللىق پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆزئارا تەرەققىياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، يەنە ئۆزئارا تىرىشىش كېرەك، بۇ يەنە خەلقئارا ھەمكارلىقتىن ئايرىلالمايدۇ. زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىلەن ئىككىمىز ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بېيىش پىرىنسىپى ئاساسىدا جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدۇق.شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ‹‹بىر يېتەكچى مېخانىزم، ئىككى ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسى، ئۈچ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھە›› ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.ئالدى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئارا ھەمكارلىق كومىتېتى مېخانىزمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سودا، بىخەتەرلىك، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.ئىككىنچىدىن، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت ئىككى ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى نۇقتىلىق بەرپا قىلىش. جۇڭگو بىر تۈركۈم ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى بولغان تۆمۈريول قۇرۇلۇشى كارخانىلىرىغا ئىگە، جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئالاقىدار تۆمۈريول تۈر قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئەۋزەللىكە ئىگە، ئىككى تەرەپ جۇڭگونىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈركىيەنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەدە ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.ئۈچىنچى، ئاۋىياتسىيە، پۇل مۇئامىلە ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق ئۈچ يېڭىدىن گۈللەنگەن ھەمكارلىق ساھەسىگە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش. جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەدە مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۆز ئەۋزەللىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈركىيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە داۋاملىق يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھام بېرىدۇ. مەن تۈركىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى جۇڭگو-تۈركىيەنىڭ ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈپ، ئورتاق بېيىيدىغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا قاتناشقۇچىلار، تۈرتكە بولغۇچىلار. جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىق يۇشۇرۇن كۈچىنى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇشتا ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشىغا مۇھتاج بولىمىز. بىز جۇڭگو-تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق يۈكسەكلىدە تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ھەمكارلىشىپ تەڭ بېيىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.ئەردوغان تەبرىك خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن بۇ قېتىمقى جۇڭگو زىيارىتىمدە رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا نۇرغۇن مۇھىم، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى. تۈركىيە جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەسەۋۋۇرى ۋە يىپەك يولى فوندىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار ئىشلاردا ئاكتىپ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ ھەمدە قولايلىق مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
تەكشۈرگۈچ پلۇتون بىلەن دىدارلاشتى
2015-07-15 12:35:304130دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل كۇتۇپخانىلار
2015-08-14 19:55:305080«فوربېس» باھالىغان ئامېرىكىدىكى 25 مۇنەۋۋەر ئۇنى
2016-02-06 01:06:423844ما يۈننىڭ يابۇلى مۇنبىرىدىكى نۇتۇقىدىن ئۈزۈندىلە
2016-02-20 16:31:504648موڭغۇلىيەدىن ۋەتەنگە قايتقان ئۇيغۇرلار (4)
2015-05-01 15:43:374906ئوبامانىڭ مائارىپ ھەققىدىكى نۇتۇقى
2015-02-09 10:28:144312قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى مۇبارەك ساڭا
2015-02-04 18:37:014875دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك دۆلەتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چ
2016-03-12 23:35:143846
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-