ما يۈن «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نى سېتىۋالدى
-
ما يۈن «جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى»نى سېتىۋالدى
ۋاقتى: 2015-12-12 ئاۋاتلىقى: 4752 قېتىميانفوندا كۆرۈش
<<ئەلى بابا>> گۇرۇھى <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نى سېتىۋالدى
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
<<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ما يۈن گو جەمەتىنىڭ قولىدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىنگلىزچە گېزىت ___ <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نى سېتىۋالدى.
ما يۈننىڭ تاراتقۇلار ئىمپېرىيەسىگە يەنە بىر نەشر ئەپكار قوشۇلدى. كۆزەتكۈچى تورىنىڭ ئىگىلىشىچە، 2015-يىلى 11-دېكابىر، <<ئەلى بابا>> گۇرۇھى مالايشىيا گو جەمەتىنىڭ قولىدىن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىنگلىزچە گېزىت ___ <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نى سېتىۋالغان بولۇپ، <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ ئىنتېرنېتتىكى ئەۋزەللىكى ۋە <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ تەھرىرلىكتىكى ئەۋزەللىكىن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونى ئىنگلىز دۇنياسىغا چۈشەندۈرىدىغان ئەۋزەل كۆزبەك بەرپا قىلىدىكەن. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىنغىنى <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى تاراتقۇلار مۈلكى بولۇپ، <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ قەغەزچە ۋە تور نۇسخىسى، ژۇرنال، نەشر قىلىش، بېسىش ۋە دالا تاراتقۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.<<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> 112 يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ، شياڭگاڭدىكى تارقىتىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا رايونى بويىچە تەسىرى ئەڭ زور ئىنگلىزچە گېزىت. بۇنداق سۇپىنىڭ ما يۈن ۋە <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىغا بولغان ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. ناۋادا سېتىۋېلىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ يەرشارىلىشىشىغا ئەۋزەل مۇھىت يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ساداسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتالايدۇ.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> دۇنيا بويىچە ئەڭ پۇل تاپىدىغان گېزىت دەپ ئاتالغان بولۇپ، خۇيفېڭ بانكىسى، ئاخبارات گۇرۇھى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ گېزىتچىلىك گۇرۇھىنىڭ پاي چېكى بولغان. نۆۋەتتە <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> گۇرۇھىنىڭ بازار قىممىتى 2 مىليارد 763 مىليون شياڭگاڭ پۇلى، مالايشىيا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق باي گو خېنيەن قۇرۇغان كېررى پاي كونترول گۇرۇھى 1993-يىلىدىن باشلاپ <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ پاي چېكى بولغان. 2013-يىلى 3-ئايدا، گو جەمەتى <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ تارقىتىلىپ بولغان پايلىرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان، بۇ <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ ئاۋامنىڭ قولىدىن پايدىن % 25 تۆۋەن بولۇپ، شياڭگاڭ ئاكسىيە برژىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپ بولۇپ، <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> گۇرۇھىنىڭ پاي چېكىنىڭ بازارغا سېلىنىشىنىڭ ئىككى يىل توختاپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.دۇنيادىكى باشقا گېزىتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ قەغەزچە نۇسخىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشتەرى بولۇش نىسبىتى ئازىيىپ، ئېلان كىرىمى ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا سانسىزلىغان ئوقۇرمەنلىرى بار. بۇ گېزىتنىڭ قەغەزچە نۇسخىسىنىڭ كۈنلۈك تارقىتىلىش مىقدارى 104 مىڭ نۇسخا بولسىمۇ، ئەمما تور بېكىتىنىڭ ھەر ئايلىق زىيارەت مىقدارى 2 مىليون 700 مىڭ بولۇپ، 2013-يىلىدىكىدىن % 40 ئاشقان. 2015-يىلى 4-ئايدا، <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ يەنە خەلقئارا نۇسخىسى نەشر قىلىنغان.<<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>> گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خۇ يىچېن بىر قېتىملىق زىيارەتتە مۇنداق دەيدۇ: <<باش كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگو بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ۋەقە بولۇپ، شياڭگاڭ ئاخبارات ئىشلىرىدا 112 يىللىق گېزىت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزدە يەرشارىلاشقان ئۆتكۈر كۆزنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز.>><<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ توردىكى مىقدارى ۋە تەسىر كۈچى شياڭگاڭنىڭ يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ % 30 ئابونتى ئامېرىكا ۋە كانادادا. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ گېزىتنىڭ ئەنگلىيە، مالايشىيا ۋە باشقا ئىنگلىز دۆلەتلىرىدىمۇ بىر تۈركۈم ئوقۇرمەنلىرى بار. <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ باش مۇھەررىرى جورجى ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2014-يىللىق دۇنيا ئالىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن يېقىندا يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتچى ئالىم بولماقتا.2015-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىنىشىچە، ما يۈن ياكى <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ پاي چېكى بولۇش خىيالى بار ئىكەن. 11-ئاينىڭ 23-كۈنى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، <<ئەلى بابا>> گۇرۇھىنىڭ بەرپاچىسى <<جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى>>نىڭ پاي چېكى بولۇش خىيالى بار بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. سۆھبەت نۆۋەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ تېزلا توختام ئىمزالاش مۇراسىمى ئىمزالايدىكەن.
تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار
ھىندىستاننىڭ مەشھۇر كىنو ئارتىسى __ سانجاي دۇت
2016-07-15 13:27:158257‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى››
2015-04-01 11:44:484430كىم جوڭئۇننىڭ دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىكى نۇتۇقى
2015-04-27 13:12:334069«بوستان»نىڭ يېزىلىش سەۋەبى (1)
2015-02-06 11:16:223696نىدائىي: ما يۈن ياشلارغا شۇنداق دەيدۇ
2015-08-25 11:05:434235چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلى
2015-02-05 14:29:304172ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
2015-03-15 01:37:133897ئاجەي دېۋگاننىڭ ئىلگىرىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرى
2016-02-14 01:39:395315
- باھالار
-
ئىسمىڭىز:
- باھالار رېتى
-