مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-20
بىر سۈرەت،بىر ھەقىقەت - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئۇكام،ماللىرىڭنى ئالماي پەرۋاسىزلارچە كېتىۋاتقان شۇ ئادەملەرگە قاراۋاتامسەن ياكى سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭغانلارغىمۇ؟ئايىغىڭلارنى پارقىرىتىپ مايلاپ قوياي،سىلەرنىڭ ئايىغىڭلارنىڭ شوينىسىدىن مەن بۇ ھاياتقا ئېسىلىۋالايئاق مەھەللە،كۆك مەھەللە، بىزئوينىغان شۇ مەھەللە،بىز چوڭ بولساق بىز بىلەن ،يوق بوپ كەتكەن شۇ مەھەللە.بۈگۈنكى ياشلار بوكىس خالتىسىنى مۇشلاپ چېنىققان بولسا،بوۋىلىرىمىز تۇرمۇشتا چېنىققان.ئاق قويلار ئاپئاق قويلار،بوز قويلار،بوزرەڭ قويلار مەن باقىمەن پاقلان قويلار؟سوغۇق قىشتا ماڭا ئوخشاش يېلىڭ كىيىم بىلەن قارلىق دالىلاردا قوي بېقىپ باقتىڭىزمۇ؟؟باشلانغۇچ مەكتەپتە سىزمۇ ئوقۇپ باققان،كەپسىزلىك قىلىپ پارتىدىشىڭىز بىلەن دەرس ئۈستىلى ئۈستىگە قەلەمتىراچ بىلەن چېگرا ئايرىغىنىڭىزدا باشقا شەھەردە باشقا يۇرتتا سوغۇق نەم يەردە ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلاۋاتقان شۇ بىچارىلەرنى ئويلاپ باقققانمىتىڭىز؟مەن چىرايلىق پارتىغا بېشىمنى قويۇپ سۇنايلىنىپ يېتىپ ئۇخلايمەن،ئەمما بۇ ئۇكىلىرىم......يالغۇزلۇق ،غېرىپلىق دەستىدىن ئۆتكەن -كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇردىڭىزمۇ ياكى نەچچە يىلدىن بۇيان چوڭ شەھەرگە كېتىۋىلىپ سىزنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاپاسىز ئوغلىڭىزنى ساقلاۋاتامسىزئېسىل ئۆيدە،غېرىپ كۆڭۈلكۆمىۋەتتى قايسى تىراكتور،بوۋام قالدۇرغۇن شۇ چوڭقۇر ئىزنى؟ئالدىنقى رەتتىكىلەرنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇمغا ئەمەس،كۆزىڭىزگە كۆرۈنمەي قالغان لېۋىنى يالاۋاتقان بالىنىڭ چىرايىدىكى مەيۈسلۈككە قاراڭ.بو چوكا مۇز پەقەت بىرى موچەن ئىدى.ھەي تەڭقىسچىلىق بۇ سەنمۇ؟مەن بوۋامنىڭ قۇچىقىدىن چۈشمەي ھېكايە ئاڭلاپ چوڭ بولغان، ئۇ زاكىسىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ يەسىلىدىكى قوش تىللىق مۇئەللىملەردىن两只老虎两只老虎,跑得快نى ئاڭلاپ چوڭ بولدى.بۇ كىتاب ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟بالىڭىزغا رەسىملىك قوش تىل كىتابلىرىنى ئېلىپ بېرىدىغان چاغدا بۇ كىتابنىڭ بار-يوقلىقىنى كىتابچىدىن سوراب باققانمىتىڭىز؟مۇشۇ تاغىلىرىمىز ئەركىن ئازادە ھارۋىسىنى سۆرەپ ماڭغان يوللاردا،ھازىر قىقاس-سۈرەن ماشىنىلاردىن باشقا ئۈچ چاقىلىق موتسىكىلىتىڭىزنىمۇ ھەيدىيەلمەيسىز.مانا بۇ تەرەققىيات بورىنىنىڭ سوۋغىسى.سىز ھەم مەن مۇشۇنداق يىغلىغان،ئەمما ھازىرقى بالىلىرىمىز ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن چاغدىكى بىر تۇتام چېچىنى تا ھازىرغىچە ئۆستۈرۈپ سۇمبۇل چاچ بولماقتا،يەنە مۇقەررەر بىر مەزگىلگە كەلگەندىن كېيىن سۇمبۇل چاچلار توباسىمان چاچلارغا ئايلىنىدۇ،ئەمما ئۇ ۋاقىتتا بۇنداق يىغلاپ ئەمەس،34 چىشىمىزنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ ھىجىيىپ ئولتۇرىمىز.ئەڭ سۆيۈملۈك بىر توپ لاي «قونچاق«لار،!!بوۋاي مۇشۇ جىگدىلەرنى سېتىپ كىرسىن لامپىسىغا ماي ئالماقچى ،قاراڭغۇلۇقتا ئۇماچ ئېتىۋاتقان مومىيىنى خۇش قىلماقچى ئىدى.ئەپسۇس كىچىك قىزنىڭ تەبەسسۇمى ئۈچۈن بۇلارنى ئۇنتۇدىئادەملەر ئالماقتا ئېغىر تىنىق،كاللىسىدا تۇرمۇش غېمى لىقبۇرۇنقى بالىلارغا ئاتىلىرى ئات مىنىشنى ئۆگەتكەن بولسا،تەرەققىياتنىڭ بالىلىرى توكلۇق موتسىكىلىت،غالتەكلىك ئاياغ ھەيدەشنى ئۆگىنىدۇ.ئىشىك ئالدىدا بالىسىنى ساقلىغان شۇ مومام،ھازىر تۆت ئەتراپى قورشالغان بىنادىن پەسكە چۈشەلمەي دەرىزىدىن سىرتقا قارايدۇ.موما، ئالدىڭىزدىكى ئۈزۈمنى سېتىپ،نەۋرىڭىزگە پايپاق ئالغاچ باراتتىڭىز شۇنداقمۇ؟؟ئەپسۇس بۇ ئادەملەر ئالدىڭىزدىكى ئۈزۈمگە قاراپمۇ قويمايدىغۇ؟ئەي !فوسفور كۆز ئەبلەخ! مومام مىڭ بىر مۇشەققەتتە قىلىۋاتقان قىيمىنى ئوغۇرلاپ قېچىشنىڭ پىلانىنى سوقۇپ مۇغەمبەرلەرچە ھىجىيىۋاتامسەن؟كۆرەڭلىمە،بوينۇڭ باغلاقلىق!!مەنبە:مەكتەپداشلار تورىدىكى مىھرىگۈلنىڭ بېتىدىن ساقلىۋالغان سۈرەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىنكى مەلەكنىڭ تەسىراتىرەسىم بىر بولسىمۇ كۆرگىنىڭىز ئوخشىمايدۇ،بۇ مېنىڭ شەخسى ھىسلىرىم شۇڭا باشقا تور بەتلەرگە ئەكەتسىڭىز ئۆزىڭىنىڭ كۆرگىنىنى يېزىڭ.
评论
قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن ،ھەشقاللا