مەن بىر ئوقۇلۇشنى كۈتۈپ ،جاھازىدا ياتقان بىر كىتابمەن.مېنى چۈشىنىش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئوقۇشۇڭ كىرەك.

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-14

    سۈكۈت قىلدىم - [تەرجىمە ئەسەرلەر]

    سۈكۈت قىلدىم...
    تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
     
    سۈكۈت قىلدىم ھىچكىم تۇيمىدى.ئۆزۈم بىلەن مۇڭداشماقتىمەن ئەمدى يالغۇز.پەقەت يۈرىكىم بىلەن ئىپادىلەۋاتىمەن تىۋىشلىرىمنى،ھىچكىم تۇيمايدۇ،بىلمەيدۇ.
    سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلدى لەۋلىرىمدىكى كۈي،كۆزۈمدىكى شېئىر،يارامنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال.
    پەقەت كۆزلىرىم سۆزلىمەكتە.
     
     
    بىر ئاھ چىكىش بىلەن تەڭ جىمىدىم، سۈكۈت قىلدىم،قانچىلىك جىم تۇرالىسام،سۈكۈت قىلالىسام شۇنچىلىق قىلدىم.
    سۈكۈت قىلدى مەن بىلەن دېڭىز،سۈكۈت قىلدى تاغ.ئۈمىدلىرىمنى ھەر كېچەشاماللارغا يۆگەپ تەلپۈنىمەن ، ھېچكىم كۆرمىدى كۆرەلمەيدۇ ، چېچى ئاقارغان خىياللار،نەملەنگەن كىرپىكلەر ...يەنە....ھېچكىم كۆرمەيدۇ.

    كۆكتە چاقماق بولۇپ  غەزەپ بىلەن چاقنايمەن،ھېچكىم كۆرمەيدۇ.
    سۈكۈت قىلدىم، يارىلىرىمغا تۇزبېسىپ.
    سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى ۋولقانلارنى دەرۋىش كەبى تەنھالىقنىڭ تېمىغا ئۇرۇپ.
    كوچىلارغا گۈل تۆكتۈم،ھېچكىم كۆرمىدى،ھچكىم پۇرىمىدى،شۇ گۈللەرنىڭ ھېدىنى.
    ئۆزۈم يالغۇز كەچمەكتىمەن يالغۇز ھالدا شۇ كۆڭۈل كوچامنى،ھېچكىم بىلمىدى.
    سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن تاغ،جىمىدى ئاسمان،جىمىدى يەر،ئازابلار سۆزلەيدۇ ئەمدى .

    سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت،جىمىدى ھەسرەت،تۇردى ۋاقت.
     پەقەت كۆزۈم بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن بۇ رەڭۋاز دۇنياغا.
    ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
    سۈكۈت قىلدىم،ئىچىمدىكى دولقانلار يانار تاغ كەبى ۋولقانلىغانچە جىمىدىم،سۈكۈت قىلدىم،جىمىدى لەۋلىرىم،جىمىدى كۆز ياشلىرىم.
    جىمىدى كۆزۈمدىكى شېئىر،كۆڭلۈمدىكى دەريا.
    بۇلۇتلارۋە ئىسيانىم بولمىش چاقماق مېنى  چاقىردى پەقەت مەنلا ئاڭلىدىم بۇنى،پەقەت مەن،ئەمما سۈكۈت قىلىۋالدىم.
    ئەي !! مەن بۆشۈكىنى تەۋرەتكەن ھايات ،باغرىمدا چوڭ قىلغان مۇھەببەت!!ئاڭلا!
    يارامغا مەلھەم كار قىلمايدۇ،كېچىلەرئاھ چىكىشسىز ئۆتمەيدۇ.مەن سۈكۈت قىلدىم،يالغۇز ئازابلىرىم سۆزلەيدۇ.

    مەن سۈكۈت قىلدىم،يۈرىكىمنى يىغلاتقان ئازابلار سۈكۈت قىلمىدى،دەرىزەمگە ئۇرۇلغان يامغۇر تامچىسى سۈكۈت قىلمىدى.سىرتتا ھۇۋلىغان شامال سۈكۈت قىلمىدى.
    باھار كەلمىدى،قۇشلار سۆيۈنمىدى،پەقەتلا قىش ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ.
    يۇلتۇزلار قېيدىدى،ئاي يىغلىدى،قۇياش چىقمىدى،ئازاب تۈگىمىدى.
    ئېچ-ئىچىمدىن شېئىرلار تۆكۈلىدۇ ھەر كېچە،ھېچكىم بىلمىدى.
     

    سۈكۈت قىلدىم
    جىمىدى مەن بىلەن سەۋىر-تاقەت
    جىمىدى ھەسرەت
    تۇردى ۋاقت
     پەقەت ئازابلىرىم سۆزلىدى ،كۆزلىرىم سۆزلىدى.
    ھېچكىم ھېس قىلمىدى.
    تۇيمىدى.
    ھېچكىم...
    ھېچكىم...





    评论

  • kusura bakma,şu blogda 200dan fazla yazmak mümkün değilmiş şöye yazıları parçalarak gönderdim, aşağıdan başlayarak okumak zorundasın galiba
  • foruma bu adiresden girebilirsin www.nevsale.com qq:526531767 msn:ilghar@hotmail.com
  • ama biraz daha türkçe bilenlerle de elbirliği yaparak beraber bu forumu büyütmek istedik.
    eğer konuyum hoşunuza gidebilirse çok harika hisedecektik
  • arkadaş olarak birkaç arkadaşlar birlikte türkçe öğrenmek isteyen ve türkiye költürü falan öğrenmek isteyenler için bir forum açtık
  • selamüneleyküm melek kardeş nasılsınız,blog yazılarınızı okudum çok güzeldi, çok iyi bir türkçe konuşuyorsunuz zanettim,şöyle sizle bikere tanışmak istedim, söyleyecek bişeylerdevar evet

مەلەك:بارلىق ھوقۇق مەلەك بىلوگىغا مەنسۇپتۇر،يازمىلارنى رۇخسەتسىزكۆچۈرمەڭ،خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك