..............

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-25

    قار - [ئەسەرلىرىم]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم!بۈگۈن يازماقچى بولغىنىم دەرس تەييارلىقى ياكى تەرجىمە ئەسەر ئەمەس بەلكى بۈگۈنۈمدىن خۇلاسە.

    بۈگۈن بۇ يەردە تۇنجى قار ياغدى،ئەمما نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنچە پاراكەندە،باشقىلاردەك خۇشال بولالمىدىم،چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار مېنى خېلىلا چارچىتىپ ،ھىچنەرسىگە قىزىقماس قىلىپ قويغانىدى.

    سىنىپ مۇدىرىمىز بالىلارنى چاقىرىپ رەسىمگە چۈشىۋىتىپتىكەن،مەن بارمىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى تېخى يادىمدىن كەتمىگەنىدى.ياتاقدىشىم بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ۋە سىنىپ مۇدىرىمىزنى ئەگىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ كەتتۇق،كىرىشىمىزگە قوڭغۇراق چىلىنىپ مۇئەللىم كىرىپ كەلدى ۋە سىنىپتىكى ئۈچ تۆتىمىزنىلا كۆرۈپ قالغانلارنى سورىدى،ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن بىر بىرلەپ يوقلىما قىلىپ كىرمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر سائەت يوق قىلىۋەتتى،قار ئويناپ ،رەسىمگە چۈشۈپ ھىجاراپ كىرگەنلەر ئىشىك ئالدىدا دەرس ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ تەنقىدىنى ئاڭلاپ شۈمشىيىپ كېلىپ ئولتۇرۇشتى،ھېلىمۇ ياخشى بارماپتىكەنمەن دەپ قالدىم.ھې ھې لىكىن خۇش بولدۇم،چۈنكى مەن بىلەن قېرىشىپ ئارام بەرمەي سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ تىلىنى ئاڭلىتىۋاتقان سىنىپ باشلىقى ئەڭ كۆپ تەنقىد ئاڭلىدى ھاھا،بۇ ئەنە شۇنداق ئۆتنا جاھان ئىدى.مەن يىغلىغاندا كۈلگەنلەر مانا ئەمدى يا يىغلىيالماي يا كۈلەلمەي بۇرۇقتۇرما بولماقتا.

    دەم ئىلىشتا بىر نەچچە قىز ساۋاقدىشىم :«بىر موچەن سوراپ كەلدى» پارچە پۇرات بىر موچەنلىك پۇللارنى بىر يەرگە يىغىپ قويسام 40-50 تال بوپ قاپتىكەن،شۇڭا بېرىۋەردىم،بىردەمدىن كىيىن يەنە بىرسى سوراپ كەلدى،«نېمە قىلىسىلەر؟» دېسەم دەپ بەرمىدى.

    ياتاقدىشىم چۈشەندۈرۈپ :« ئاداش بۈگۈن تىنچلىق كېچىسى،يەنى بەخت تىلەش كۈنى،ئەتە روجىدىستوۋا بايرىمى ،بۈگۈن 24 ئادەمدىن بىر موچەنلىك پۇل ئېلىپ يىغىلغان پۇلغا بىر تال ئالما سىتىۋىلىپ بىرسىگە بەخت تىلەش يۈزسىدىن سوۋغا قىلىدۇ» دېدى.

    مەن چۈشەنمەي،« بىر تال ئالما سوۋغا قىلغۇچە بىرەر كىلو سوۋغا قىلسا بولمامدۇ،نېمىشقا پۇلنى خەقتىن ئالىدۇ»دەپ سورىدىم،دوستۇمنىڭ جاۋابىدىن شۇنداق كۈلگۈم كەلدى،ھىم بۇ بۇ بايرامنىڭ قائىدىسىمىش،يېنىدا بار ئىككى يۈەن تۆت موغا سېتىۋالسا بولماسمىش،چوقۇم باشقىلاردىن بىر مۇ ،بىر مودىن يىغقان ،جاپا چىقىپ تاپقان پۇل بولىشى كىرەك ئىكەن.

    ھىڭ،نەدىن پەيدا بولدى بۇ تېتىقسىز ئىش؟

    چىرايلىق ئورالغان بىر تالما سىنىپىمىزغا كىردى ،توۋا ئاجايىپ ئىشلاردە بىر جىڭىنى 3 يۈەندىن ئېلىپ يەيتۇق ئالمىنى،ئاۋۇ بىر تال ئالاھىدە ئالما ئىككى يۈەن تۆت مو ئىكەن.

    تىنچىلىق كېچىسى،روژدىستوۋا بايرىمى دەيدىغان بايراملارنىڭ مۇسۇلمانلارغا يات ئىكەنلىكىنى بۇ قېرىنداشلىرىم بىلمەمدىغاندۇ؟

    ھەي ئۇيغۇرۇم!! ئاتا ئانىمىز ئاران جاپادا تېىپىپ ئەۋەتكەن ئايلىق خىراجىتىمىزنى تۈگىمەس تۇغۇلغان كۈن،يۇرتداشلار ئولتۇرشىغا خەجلىۋىتىپ بىرەر ھەپتىدە بىرە قېتىممۇ مىۋە-چىۋە

    يېيىشكە كۆزىمىز قىيمايدىيۇ يۇرتىمىزدا ئىككى تال نان كېلىدىغان پۇلغا برى تال ئالما

     ئېلىپ باشقىلارغا سوۋغا قىلىمىز،ھىم بۇ تېخى يىمەي ساقلايدىغان خاسىيەتلىك تەۋەرۈك

     ئالمامىش.

    ئۇنۇتمايلىكى دوستلار،بۈگۈن بايرام،يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغ جۈمە كۈنى،بۇندىن باشقا بايرام بىزنىڭ ئەمەس،بىزنىڭ پەقەت 3 بايرىمىمىز بار،قۇربان ھېيت،روزا ھېيت،ۋە ئۇلۇغ جۈمە كۈنىدىن ئىبارەت ئۈچ بايرام.

    بۈگۈن جۈمەلىكىنى ئويلاپ،ھەم قار ياغقانلىقىنى ئويلاپ ماۋۇ يۇقىرقى ئىشلار دەستىدىن قايغۇرۇپ چارچىغان كاللامنى سەل ئازات قىلماقچى بولدۇم،قارلىق تاشلايمۇ،ئەمما كىمگە؟

    شېئىر يازايمۇ؟ئەمما بۇ تاپانلار ئاستىدا بىر دەمدە چەيلىنىپ قارا بوپ كەتكەن قارلار ئالدىدا ئىلھاملىرىم ئۈركۈپ قاچىدۇ،شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ھەدىلىرىمگە جۆر بولۇپ ،ئۇلارنىڭ قار تەنتەنىسى ئۈچۈن خۇش بولغان شۇ دەملىرىمنى ئەسلەي.

      

    يىلتىز ئاتئال ھەدەمگە جۆر بوپ قاردىكى قىز بىلەن ئوينىدۇق.

     

    خىياللارغا مەس بولغان شۇ قىز،
    بۇ كوچىدا بىر ئۆزى قالدى.
    شۇ سوغۇقتا كۆيەر يۈرىكى
    ئوتنى زادى قايسى گۇي سالدى.
    كۆكتىن ياغقان شىكەرسىمان قار،
     چۈشەر ئۇنىڭ قارا چېچىغا.
    ئايدىن ئۈلگە ئالغان قېشىغا،
    يۈرەكتىكى ئاتەش يالقۇنى.
    نىچۈن تەپمەس بەدەن تېشىغا،
    ياق !
    يۈرەك كۆيسە بەدەنمۇ كۆيەر
    تەنگە چۈشكەن شۇ قارمۇ ھەتتا
    ئېرىپ كەتكەچ ئاڭا ياش تۆكەر

    خىيال ئېتى چاپار قاياققا
    شۇ بىچارە قارنى يېغلىتىپ
    سۇنمىغاندۇ قارنىڭ يۈرىكى
    كۆك ئاسماندىن يېقىلىپ چۈشۈپ


    بەرگىيە ھەدەمگە جۆر بوپ قار ئىزدەپ

    يەنە بىرەر ئاي كېيىن،
    بۇ يەردىمۇ قار ياغىدۇ،
    بۇنى بىلسە مېنىڭ يۈرىكىم،
    ئىرىقلاردەك ئاقىدۇ..
    خىيالىمدا قار ئوردىسى،
    مەن ئۇندىكى قار خانىش.
    چەكسىز چەكسىز قارلار دۆۋىسى،
    ئۇ ئەسلىتەر توپان بالاسى.
    بىزنىڭ بۇ يەردە، 
    قۇياشنىڭ تەپتى يوق،
    ھاۋا بەك سوغۇق.
    ئىس-تۈتەك ۋە تۈمەنلەر قويۇق،
    مۇزلاپ بارىدۇ ئۇندا،
    يۈرىكىم ئاستا-ۋە ئاستا.
    يۆتىلىپ قويىمەن كالتا ۋە كالتا،
    قار ياغمىغان سوغۇق كوچىدا.
    تەمتىرەيمەن بىرسىنى ئىزلەپ،
    ئىزلىگەن بولغىيتىم كىمنى ، مەن
    ئۆتۈپ كەتتى چىرايلىق شۇمتەك.
    بوينى باغلانغان "قار بوۋاي"يىتىلەپ،
    قار بوۋاينى ساتىدۇ نەدە؟
    ئىيتىپ بەرگىن ئوماق شۇمتىكىم،
     قار بوۋاينى چىللايتىم ئۆيگە .
    بىرلا پەقەت مېنىڭ تىلىكىم،.
    قار رەڭ پەردە يىيىلدى ئاستا.
    سېغىنىش تولغان غېرىپ كۈلبەمگە،
    دەرىزىدىن سوقۇنۇپ كىرگەن.
    ئوغرى شامال ئىيتماقتا ناخشا،
    تەڭكەش قىلىپ ساختا كۈلكەمگە.

     

     

     





    评论

  • ئويناڭ،ئويناڭ،كىچىك بالا بوغاندىكىن...[cusFace:0]
  • كىچىك بالىنىڭ ئۆزى ھە سىز[cusFace:7]
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك