..............

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-08

    Arkadaşsızlık=دوسىتسىزلىق - [سىلىستۇرما ئوقۇشلۇق]

      بىلوگىمنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى!تەرجىمە ئەسەرلەرMerhaba!

     سەھىفىسىدىكى تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەدەبىيلىك ۋە پەلسەپىۋىلىك كۈچلۈك بولغان ئەسەرلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەسلى مەنانى ئۆزگەرتىمىگەن ئاساستا ئۇيغۇرتىلىدىكى ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ چۈشىنىشلىك تەرجىمە قىلىپ چىققان،شۇڭا ئۇ ئەسەرلەرنىڭ تۈركچىسى بىلەن بىرمۇبىر سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىش بىر قەدەر مۈشكۈل.شۇڭا تورداشلارنىڭ كۈچلۈپ تەلىپىگە ئاساسەن بۈگۈندىن ئىتىبارەن «سىلىشتۇرما ئوقۇشلۇق» دېگەن بۇ سەھىفىدە بىر قەدەر ئاددى بولغان تىكىست،كىچىك ھىكايە ،مەسەللەر ئارقىلىق سۆزلەرنى بىرمۇبىر ئۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى قارار قىلدىم.شۇڭا بۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلمىدىم،سۆز-جۈملىلەر تازا راۋان ،نورمال باشلاشمايدۇ.

    hadı dersimize gelelim ئۇنداقتا:

     Arkadaşsızlık

    Zengin, yaşlı bir adam ölünce bütün parası tek oğluna kalmış. Oğlan, ahmak bir delikanlıymış, çok geçmeden bütün parasını harcamış. Bu vaki olduğu zaman bütün arkadaşları onu terketmiş. Ahmak oğlan gitmiş nasihat almak için Hoca ile görüşş.

    "Fakirim şimdi ve hiç arkadaşım yok! Ne yapayım?" diye sormuş.
    "
    Merak etme," demi
    ş Hoca. "Çok geçmeden her şey düzelir. Bekle, tekrar mutlu olursun."

    Oğlan heyecanlanarak: "Tekrar zengin mi olacağım?" diye sorunca Hoca:
    "Hay
    ır, onu demedim. Fakirliğe ve arkadaşsızlığ
    a alışırsın demek istedim." diye cevap vermiş.

    دوسىتسىزلىق

    باي،ياشانغان بىر ئادەم ئۆلگەندە پۈتۈن پۇل –مېلى ئۇنىڭ يالغۇز ئوغلىغا قاپتۇ.ئوغلى ئەخماق بىر يىگىت ئىكەن.ئۇزاق ئۆتمەي بارلىق پۇلىنى سورۇپ بوپتۇ.بۇ ئىشلار بولغاندا ئۇنىڭ بارلىق دوستلىرى ئۇنى تاشلاپ كىتىپتۇ.ئەخمەق ئوغۇل،نەسىھەت(مەسلىھەت) ئىلىش ئۈچۈن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ يېنىغا بېرىپتۇ:

    -ئەمدى مەن نامراتمەن،ھىچقانداق دوستۇم يوق،قانداق قىلىمەن؟دەپ سوراپتۇ.

    «ئەنسىرىمە!» دەپتۇ ئەپەندىم.«ئۇزاق ئۆتمەي ھەممە ئىش ئوڭشىلىپ كىتىدۇ،كۈتكىن،يەنە بەختلىك بولىسەن»

    ئوغۇل ھاياجانلانغان ھالدا :«يەنە باي بولامدىم؟»دەپ سورىغىنىدا ،ئەپەندىم:«ياق،ئۇنى دېمىدىم.نامراتلىققا ۋە دوستسىزلىققا كۆنۈپ قالىسەن دېمەكچىمەن» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

    سۆزلۈكلەر

    Arkadaş    دوست   

    Fakir      كەمبەغەل şimdi      ھازىر Zenginباي

    Yaşlıياش دېگەن سۆزگە لىق قوشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن ياسالغان بۇ سۆز ياشلىق،يېشى جىق،يەنە ياشانغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ ھەرگىزمۇ ياش دېگەن مەنىنى ئەمەس.

    Para   پۇل (ئۇيغۇر تىلىدىكى پارا بەرمەك ،پارا ئالماقتىكى پارا دېگەن مەنانى بىلدۈرمەيدۇ

    delikanlı   ياش يىگىت    ( ساراڭ ۋە قان دېگەن ئىككى سۆز بېىرىكىپ قېنى ئۇرغۇپ تۇرىغان ياش دېگەن مەنانى ئاڭلىتىدۇ)

    "Merak etmek               ئەنسىرىمەك،يەنە قىززىقماق ھەۋس قىلماق دەپمۇ       مەنىسى بار.

    Beklemek     كۈتمەك،ساقلىماق   alışmak  كۆنۈپ قالماق    

     her şey    ھەممە شەيئى ھەممە ئىش ،ھەممە نەرسە 

     düzelmek   تۈزەلمەك،ئوڭشالماق،ئەسلىگە كەلمەك 

      Mutlu            بەختلىك    Mutlu ol  بەختلىك بول

    بۈگۈنكى دەرس مۇشۇ يەردە تامام،سىناققا تەييارلىق قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار ھە!!چۈشىنەلمىگەن جاي بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورىغايسىزلەر.





    评论

  • ئۇستاز،ما جۈملىنى كۆرۈپ باقسىلا،ئۆزۈم تۈزگەن:
    Gulen gozlerin hepsi aglacak!...
    توغرىمۇ؟[cusFace:6]
    مەلەك回复ئۇيغۇربەگ说:
    gülem gözlerin hepsi sonunda ağlayacakدېسەك بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغۇدەك،ھەم يىغلىماق دېگەن پىئىلنى كەلگۈسى زاماندا خاتا تۈرلىگەندە بىر ي ھەرپى قوشىمىز.
    2010-12-17 13:33:16
  • راست ، كاتاكچا چىقىۋالدى ، ئۇف...سىزنىڭ مۇنبەردە دىگەن سۆزىڭىزمۇ ئورۇنلۇقكەن ئۇستاز ، ئەمدى بۇنىڭغا كۈچىمەي بۇرۇنقىدەك ئۆگەتسىڭىز بولغۇدەك
  • خەت شەكلى پەقەت نورمال ئەمەسقۇ؟جىق خەتلەرنى ئوقۇيالمىدىم!!!قېينالدىم سۈيۈملۈك مۇئەللىم
    مەلەك回复باككوس说:
    تۈركچە خەت نۇسىىسى يوق كومپىيوتڭردھ تۈركچە ھەرپلەر كاتەكچە بولىۋالىدۇ
    2010-12-16 00:16:59
  • سىزگە قىزغىن ئېھتىرام ۋە سالاملار بولسۇن! تور خاتىرىڭىزدىن ئۆزگىچە ھوزۇر ۋە بىلىملەرگە ئىرىشىۋاتىمەن.
    مەلەك回复ئوۋچى说:
    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ئوۋچى ئەپەندى قەدىم تەشىرىپ قىلغىنىڭزدىن بەكمۇ خوش بولدۇم
    2010-12-14 23:21:08
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك