مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-28
تاكسىدا - [دەرسخانا]
merhaba! Arkadaşlar!
ئۆتكەن سائەتلىك دەرسىمىزدە بىز مەريەمنىڭ تاموژنىدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن ئورتاقلاشقانىدۇق.مەريەم رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بولۇپ مىھمانخانىغا قاراپ يول ئالىدۇ.ئەمدى بىز مەريەمنىڭ شوپۇر بىلەن
بولغان سۆھبىتىگە قۇلاق سالايلى.
Meryem : İyi akşamlar
مەريەم:خەيىرلىك كەچ!
Taksi şoförü : İyi akşamlar, efendim .
تاكسى شوپىرى:خەيىرلىك كەچ خانىم!
(بۇ يەردىكى ئەفەندىم دېگەن سۆزنى ھۆرمەت نامى دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ،تۈركلەردە ئەفەندىم دېگەن بۇ سۆزنىڭ مۇنداق بىر نەچچە خىل مەنىسى بار،مەسىلەن:تىلىفۇن كەلسە،ئەفندىم دەپ ئالىدۇ،بۇ يەردىكى ئەفەندىم ھە دېگەن مەنانى بىلدۈردۈ،بىرسى ئىسمىمىزنى چاقىرسا ھە دېمەكچى بولساق ئەفەندىم دەپ جاۋاپ بېرىمىز.بۇندىن باشقا يەنە ئەفەندىم دېگەن بۇ سۆز تولاراق پەيغەمبىرىمىز مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەمنى كۆرسىتىدۇ،چۈنكى ئەپەندى دېگەن بۇ سۆز ئەڭ ھۆرمەتكە لايىق،ھەر قايسى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن كىشلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۇيغۇر تىلىمىزدىكى ئەپەندىم يالغۇز ئەرلەرنىڭلا ھۆرمەت نامى بولسا تۈرك تىلىدە
جىنىس ئايرىماي ئىشلىتىلدىغان ھۆرمەت نامىدۇر.ۋە ياكى جىنىس ئايرىش توغرا كەلسە
“Hanım efendi ”ۋە“Bey efendi”
دەپ ئايرىپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
چالىقۇشى فىلىمىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ،فەرىدە خانىم ئەپەندىم دەپ)
。
Meryem : Beni şu adrese götürebilir misiniz?
مەريەم:مېنى شۇ ئادرىسقا ئاپىرىپ قويالامسىز؟بۇ يەردىكى
Götürmek
كۆتۈرمەك دىگەن بۇ سۆزنى تۈركلەردە ئۇ يەردىن بۇ يەرگە ئاپىرىش ,يۆتكەش دېگەن مەنىدە قوللىنىدۇ.
Taksi şoförü : Tabi efendim.
تاكسى شوپۇرى:ئەلۋەتتە خانىم (ئەپەندىم) بۇ يەردىكى تابى دېگەن سۆز ئۇيغۇرتىلىدىكى تەبئي دېگەن سۆزشۇ،يەنى بۇنداق بولىشى تەبئي يەنى ئەلۋەتتە دېگەن مەنىدە.
بىلەن مەنىسى ئوخشاش“elbette”ياكى“evet”
Taksi şoförü : Pardon, sizin memleket neresi?
تاكسى شوپىرى:كەچۈرۈڭ(ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم) سىز قەيەردىن كەلدىڭىز؟ياكى يۇرتىڭىز قەيەر؟
Meryem : Ben İran’in Tebriz kenitindenim.
مەريەم:مەن ئىراننىڭ تەبرىس شەھرىدىن.بۇ يەردىكى كەنت دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ يېزا-كەنىت دېگەن مەنانى بىلدۈرمەيدۇ،شەھەر دېگەن مەنانى بىلدۈردۈ،مەسىلەن
Başkent مەركىزى شەھەر
Taksi şoförü : Ama çok güzel türkçe konuşuyorsunuz.
تاكسى شوپۇرى:ئەمما تۈركچىنى بەك ياخشى سۆزلەيدىكەنسىز.
Meryem: Teşekkür ederim, o kadar da güzel konuşamıyorum.
مەريەم:رەھمەت بەك ياخشى دېگۈدەكمۇ سۆزلىيەلمەيمەن.
Taksi şoförü : Geldik efendim, aradığınız ötel burası
تاكسى شوپۇرى:كەلدۇق خانىم سىزئىزدىگەن مىھمانخانا مۇشۇ شۇ.
.
Meryem: Teşekkür ederim, Ne kadar oldu?
مەريەم:رەھمەت قانچە پۇل بوپتۇ؟بۇ يەردىكى Ne kadar دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئۇيغۇرتىلىدىكى نەقەدەر،قانچىلىك دىگەنلىك بولىدۇ.
Taksi şoförü : 55 TL.
تاكسى شوپۇرى:55 لىرا
Meryem: Buyurun.
مەريەم:قېنى ئېلىڭ (مەرھەمەت)
评论