..............

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-18

    سامانيولى Samanyolu - [تۈركچە كىنو- فىلىملەر]


    رىژىسسور:ئانداچ خەزىنىدار ئوغلى  Andaç HAZNEDAROĞLU
    سىنارىست :ئەجە يۆرەنچ،مەلەك گەنچ ئوغلى Ece YÖRENÇ – Melek GENÇOĞLU
    تارقىتىلغان قانال:  ياۋروپا تىلىۋىزىيە قانىلىATV
    Oyuncular:رولچىلار
    ئوزجان دىڭىز  Özcan Deniz
    ۋىلسدن ئاتا سۆيەر  Vildan Atasever
    خەدىچە ئاسلان  Hatice Aslan
    ھۈليا دەرجان   Hülya Darcan


    يىللار بۇرۇن كەرىمە نادىرنىڭ "سامانيولى" ناملىق" مۇھەببەت ئۈچۈن ئوقۇش، خىزمەت ھەممىنى تاشلاش كېرەكمۇ " دېگەن سۇئالنى كىتاپخانلارغا تاشلاپ بىر جۈپ ئاشىق -مەشۇقنىڭ ئەگرى توقاي جەريانىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بۇ  رومانى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەنىدى،مەنمۇ  ھېلىھەم بۇ روماننى تولىمۇ ياخشى كۆرىمەن. تۆۋەندە تونۇشتۇرماقچى بولغان تىلىۋىزىيە تىياتىرى "ياۋروپا تىلىۋىزىيە قانىلى"نىڭ يەنە بىر مۇۋاپىقىيىتى "سامانيولى" بۇ دەل سىزلەرگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بىر نەۋرە تۇغقان بولغان نىجات ۋە زۇلالنىڭ ھىكايىسىنىڭ يىڭى زاماندىكى يېڭى قىياپىتى.
    تۈركچە سەۋىيەم ئاجىزلىق قىلىدۇ دەپ تۈرك تىلىدىكى فىلىملەردىن قېچىش،كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماسلىق ئىرادە كەمىرىنى باغلىغانلارنىڭ ئىسى ئەمەس.بىزنىڭ خەنزۇچە ئۇقماي تۇرۇپ خەنزۇچە فىلىملەرنى كۆرۈپ ئۆز كۆڭلىچە "ئانداق دەۋاتىدۇ،مانداق دەۋاتىدۇ" دەپ كۆرۈپ كىتىدىغان ئانا -دادىلىرىمىزنى ئويلاڭ.كۆرگەنسىرى چۈشىنىپ كېتىسىز،سۆزلۈك مىقدارىڭىز ئاشىدۇ.
    قېنى ئەمسە.!!hadi buyrun


    فىلىمنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇ ئادرىستىن كۆرگەيسىلەر
    !
    http://www.youku.com/playlist_show/id_4310800_ascending_1_mode_pic_page_1.html





ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك