..............

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2011-02-12

    ئالماشلارنىڭ خەۋەرلىك قوشۇمچىسى - [دەرسخانا]

    ئالماشلارنىڭ ئاخىردىكى خەۋەرلىك قوشۇمچىسى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

    (بۇ قائىدىنى مۇشۇنداق ئاتامدۇ يوق بىلمىدىم،ئۆزۈممۇ نېمە دېيىشنى بىلەلمەي ئاخىرى مۇشۇ پويىزدەك ئىسىمنى قويۇپ چىقتىم.گىرامماتىكىلىق قائىدىلەردىن خەۋىرى بار ئۇستازلار ئۆلچەملىك ئاتالغۇسىنى ئىزاھلاپ بەرگەي)


    ھەممىمىزگە مەلۇم تۈركچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ھەم ئەڭ ئادەتتىكى ئالماشلار مەن سەن ئۇدىن ئىبارەت.بىز ئۇيغۇر تىلىدە ياكى خەنزۇتىلىدا بىۋاستىلا ئىپادىلەپ قۇتۇلىمىز،ئەمما تۈركچىدە ھەر بېرىنىڭ ئارقىسىدىن خەۋەرلىك قوشۇمچىسى سۆرۈلۈپ كىلىدۇ،مەسىلەن :

     

     

     
    دىمەك مەسىلە دەل بۈگۈن بىز ئۆگەنمەكچى بولغان ئارقىسىدىكى پۇتلىشىدىغان ئەمما توغرا قوشالمىغىنىڭىزدا سىزنىڭ تۈركچە سەۋىيەرىڭىزنى تۆۋەن كۆرسىتىپ قويىدىغان مۇھىم گىرامماتىكىلىق قائىدەدۇر.يۇقىرقى جەدىۋەلدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى  كىچىككىنە بىرى تال يې ھەرپى ئىككى سوزۇق تاۋۇشنى باغلاش رولىنى ئويناۋاتىدۇ.تۈركچىدە ھەرگىزمۇ مەن ئوقۇغۇچى سەن ئوقۇتقۇچى دېگەندەك گەپلەرنى ئاخىردىكى شۇ سۆز نىڭ ئۆزى بىلەنلا بەن ئۆرەنجى سەن ئۆرەتمەن دەپ توختىتىپ قويمايمىز،گەرچە باشقىلار نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلسىمۇ لىكىن ، بۇ تولۇق بولمىغان شۇنداقلا تازا توغرا بولمىغان جۈملە،بۇنىڭ ئاخىرىغا چوقۇم ماس تەۋەلىك قوشۇمچىسىنى قوشىمىز،يۇقىرقى جەدىۋەلدىكىگە ئوخشاش.

    چەتئەللىك دېگەن سۆزدىكى ئاساسى سوزۇق تاۋۇش ئا ۋە ئې دىن ئىبارەت بولغاچقا ئارقىسىغا ئۇلانغان قوشۇمچە شۇنىڭغا ماس ھالدا ئې بولىدۇ،ھەرگىز چىكىتلىك ئى ئەمەس.

    ئەگەر بىر  ئىسىمنىڭ ئاخىرىدىكى سوزۇق تاۋۇش ئا ياكى ئې بولسا،قوشۇلىدىغان قوشۇمچىلار:
    -
    ım  –sın  –ız    –sınız    –lar

    ئەگەر بىر ئىسىم ياكى سۈپەتنىڭ ئاخىردىكى سوزۇق تاۋۇش  ئۇ ياكى ئو بولسا:
    -um    –sun    –uz    –sunuz    –lar

    ئەگەر ئىسىم ياكى سۈپەتنىڭ ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇشى ئە ياكى ئى بولسا :
    -im   -sin   -iz   -siniz    -ler
     بولساö,üئەگەر ئىسىم ياكى سۈپەتنىڭ ئاخىرقى سوزۇق تاۋۇشى
    -üm   -sün   -üz   -sünüz   -ler
    گەرچە بۇ قائىدىلەر بىرئاز مۇرەككەپ بولسىمۇ ئەمما چوقۇم بىلىۋىلىشىڭىز كىرەك. مەن ھەم مۇشۇنداق گىرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى سۆلەشكە ھورۇنلۇق قىلىمەن شۇ سەۋەب دەرس سۈرىتىمىز ئاستا كىتىۋاتىدۇ ،ھې ھې ھې

    ئەڭ ياخشىسى بۇ قائىدىلەرنى مىساللار ئارقىلىق كۆرۈپ ئۆتەيلى:

    Ben mutlu-y-um مەن بەك خۇشال
    Sen güzel-sin   
    سەن بەك چىرايلىق
    O ö
    ğretmen     ئۇ ئوقۇتقۇچى
    Biz Çinli-y-iz   
    بىز جوڭگۇلۇق
    Siz doktorsunuz
    سىلەر دوختۇر
    Onlar arkada
    şlar ئۇلار دوست

    يۇقىرقى مىساللاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر تىلىمىزدىكىگە ئوخشاش شۇ ئىسىم ياكى سۈپەت بىلەنلا جۈملە ئاخىرلاشماستىن بەلكى ئۇنىڭغا ماس  قوشۇمچىلارنى قوشۇشقا توغرا كىلىدۇ.

    قېنى ئەمسە ئالماشلارنى ۋە ئاخىردىكى ئىسىم سۈپەتلەرنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىز بىر سىناپ بېقىڭ.

    görüşürüz !

     

     





ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك