مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-25
قار - [ئەسەرلىرىم]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!بۈگۈن يازماقچى بولغىنىم دەرس تەييارلىقى ياكى تەرجىمە ئەسەر ئەمەس بەلكى بۈگۈنۈمدىن خۇلاسە.
بۈگۈن بۇ يەردە تۇنجى قار ياغدى،ئەمما نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنچە پاراكەندە،باشقىلاردەك خۇشال بولالمىدىم،چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار مېنى خېلىلا چارچىتىپ ،ھىچنەرسىگە قىزىقماس قىلىپ قويغانىدى.
سىنىپ مۇدىرىمىز بالىلارنى چاقىرىپ رەسىمگە چۈشىۋىتىپتىكەن،مەن بارمىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى تېخى يادىمدىن كەتمىگەنىدى.ياتاقدىشىم بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ۋە سىنىپ مۇدىرىمىزنى ئەگىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ كەتتۇق،كىرىشىمىزگە قوڭغۇراق چىلىنىپ مۇئەللىم كىرىپ كەلدى.
共1页 1