..............

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-23

    تاموژنىدا - [دەرسخانا]

    Meryem : Merhaba

    مەريەم:ياخشىمۇسىز

    Polis Görevlisi : Merhaba, hoş geldiniz.

    ساقچى خادىمى:ياخشىمۇسىز،خوش كەپسىز

    Meryem : Hoş buldu

    مەريەم:رەھمەت(بۇ يەرگە كىلىپ خۇشاللىق تاپتۇق دېگەن مەنىنى بىلدۈردۈ،ھەرگىزمۇ ھە ئە خوش بولدۇم دېگەن گەپ ئەمەس)

    Polis Görevlisi : Pasaportunuz lütfen.

    ساقچى خادىم:پاسپورتىڭىزنى چىقارسىڭىز

    Meryem : Buyurun

    مەريەم:مەرھەمەت

    Polis Görevlisi : Gezi için mi geldiniz ?

    ساقچى:ساياھەتكە كەلدىڭىزمۇ؟‹

    Meryem : Hayır, öğrenim için geldim.

    مەريەم:ياق،ئوقۇش ئۈچۈن كەلدىم

    Polis Görevlisi: Çok iyi. Size başarılar diliyorum. Buyurun pasaportunuz.

    ساقچى :ياخشى بوپتۇ،سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن، مەرھەمەت مانا پاسپورتىڭىز

    Meryem : Teşekkür ederim, kolay gelsin.

    مەريەم:رەھمەت،خىزمىتىڭىز كۆڭۈللۈك بولغاي

    ئەمدى تىكىسستىكى سۆزلۈكلەرنى تەھلىل قىلىپ باقايلى

    دېگەن بۇ سالام سۆزىنىڭ ۋاقىت ئايرىمىسى يوق،ھەرقانداق ۋاقىتتا ئىشلەتسەك بولىۋىردۇ. “Merhaba

    “Gün aydın”بۇنى چۈشتىن بۇرۇن ئىشلىتىمىز.

    چۈشتە يەنى كۈندۈزدە ئىشلىتىلىدۇ.“İyi günler

    كەچتە ئىشلىتىلىدۇ.“İyi akşamlar

    ئۇخلاشتىن ئاۋال،يەنى بۇ بەكرەك كېچە بولغان ۋاقىتتا ئىشلىتىلدۇ. “İyi geceler

    “Lütfen”

    بۇ باشقىلاردىن بىر ئىشنى ئۆتۈنگەندە قوللىنىلىدىغان سۆز،ئۆزبەكلەردىكى ئىلتىماس دېگەن گەپ بىلەن ئوخششاش

    بۇ مەرھەمەت دېگەن مەنىدە بولۇپ  ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.Buyurun

    يەنە تىلىفۇن ئالغان ۋاقتىمىزدا ،خوش ،قېنى مەرھەمەت سۆزلەڭ دېگەن مەنىدە بۇ سۆزنى ئىشلىتىمىز.Buyurun”

    kolay gelsin

    بۇ سۆزنى تۈركلەر ئادەتتە باشقىلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەندە،ئىشىڭ ئاسان بولسۇن، كۆڭۈللۈك بولسۇن

    دېگەن مەنىلەردە ئىشلىتىدۇ ،يەنە بۇنىڭدىن باشقا رەھمەت ئىيتىش سۆزلىرىدىن بىر نەچچىسى بار،مەسىلەن :

    Teşekkür ediyorum” “Teşekkürler”“sağ olun”“mersi” . “çok mersi”

    قاتارلىقلار.

    كېلەر قېتىملىق دەرسىمىزدە مەريەمنىڭ مىھمانغانىغا بېرىش يولىدا تاكسى شوپۇرى بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئۆگىنىمىز.

    خۇشۋاخ قېلىڭ،خوش! Hoşça kalın





ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك