مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-25
ئېھتىمال - [ئىجادىيەتلىرىم]
قۇپقۇرۇق كاللامدا يوقتۇر ھېچنىمەبەلكىميۈز ئۆرۈپ كەتكەندۇر ھەربىر ئەسلىمەخيالىم،پىكرىم ھەممە ئويلىرىمنېمىدۇر؟نېمىدۇر؟پەقەت ھېچنىمەيۇمۇلغان كۆزلىرىم ،قۇپقۇرۇق دۇنياكۆرۈنەر،كۆرۈنمەس سۇسىز بىر دەريائىچىمنى مالتىلار بەلكى ھېچنىمەبىلمەيمەن ،بىلمەيمەن قانداق بىر نېمە؟ -
2010-12-25
چۈش ۋە رىئاللىق - [ئىجادىيەتلىرىم]
(ئەي قۇياشسىز شەھەر،توختىماي ياغىدىغان يامغۇرىڭدىن بىزارمەن)بىر چۈش كۆردۈم ئۈشبۇ چۈشۈمدە،كۆزلىرىمدەك ياشلانغان دۇنيا.ئۇ شۇنچىلا سوغۇق بىۋاپا،بار مېھرىمنى بەرسەممۇ ئاڭا،مېنى يالماپ يۈتەتتى ئاستا،كۆز يەتمەيتى يېراق-يىراققا.قۇياش يۈزىن كۆرمەك بەكمۇ تەس -
2010-12-25
قار - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم!بۈگۈن يازماقچى بولغىنىم دەرس تەييارلىقى ياكى تەرجىمە ئەسەر ئەمەس بەلكى بۈگۈنۈمدىن خۇلاسە.
بۈگۈن بۇ يەردە تۇنجى قار ياغدى،ئەمما نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنچە پاراكەندە،باشقىلاردەك خۇشال بولالمىدىم،چۈنكى نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار مېنى خېلىلا چارچىتىپ ،ھىچنەرسىگە قىزىقماس قىلىپ قويغانىدى.
سىنىپ مۇدىرىمىز بالىلارنى چاقىرىپ رەسىمگە چۈشىۋىتىپتىكەن،مەن بارمىدىم،چۈنكى ئۇنىڭ قىلغان گەپلىرى تېخى يادىمدىن كەتمىگەنىدى.ياتاقدىشىم بىلەن بىرگە رەسىمگە چۈشىۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ۋە سىنىپ مۇدىرىمىزنى ئەگىپ ئۆتۈپ ئۇدۇل سىنىپقا كىرىپ كەتتۇق،كىرىشىمىزگە قوڭغۇراق چىلىنىپ مۇئەللىم كىرىپ كەلدى.
-
2010-12-20
بىر سۈرەت،بىر ھەقىقەت - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئادەملەر ئالماقتا ئېغىر تىنىق،كاللىسىدا تۇرمۇش غېمى لىق.مەن سۆزلىمەيمەن،ھەقىقەتنى رەسىم ئۆزى سۆزلەيدۇ. -
2010-10-15
كۆزلىرىمدە ياش كەلكۈنى 2 - [ئىجادىيەتلىرىم]
أظأ
..................
قوشنا ئايالنىڭ ئىشرەتلىرىگە.
قىززىقسىنىپ ئاستا مارايمەن ،
ئالا- تاغىل سەكرەيدۇ بالام.
( نازىركومنى بىلمەيدۇ ئەسلا )
مەن شۇندىلا تونۇپ ئۆزەمنى،
ئۆكۈنىمەن-
ئۈلگۈرەلمەي دېيىشكە « ئەستا »
ئەنسىرەيمەن-
....................
-
2010-10-14
كۆزلىرىمدە ياش كەلكۈنى1... - [ئىجادىيەتلىرىم]
2009-يىلى 9-ئاينىڭ 2- كۈنى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئەزىزانە يۇرتۇم قەشقەردىن ئايرىلىپ ئىچكىردىكى بۇ مەكتىپىمگە ئوقۇشقا كەلدىم.ئائىلەمدىن تۇنجى ئايرىلىشىم ۋەپويىزغىمۇ تۇنجى قېتىم چىقىشىم ئىدى.ئائىلە شارائىتىمىزنى ئويلاپ :« مەكتەپكە ئۆزۈم بارىمەن » دەپ تۇرىۋالدىم.پويىز ئىستانسىغا ئۇزاتقىلى چىققان دادام كۆزلىرى ياش ھالدا ئارقامدا قالدى.。。。。。
-
2010-07-04
تۇغۇلمىغان بوۋاقنىڭ چالا قالغان كۈندىلىك خاتىرىسى - [ئىجادىيەتلىرىم]
(تۇغۇلماي تۇرۇپلا بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقان جىيەنىمگە بېغىشلايمەن!!!)5- ئۆكتەبىر: بۈگۈن مەن پەيدا بولدۇم،يوق ئىدىم،ئەمدى بار بولدۇم،بەك ياخشى ئىش بولدى!مېنىڭ پەيدا بولغىنىمنى دادام-ئانام تېخى بىلمەيدۇ.بىر ىئالمىنىڭ ئۇرۇقىدىنمۇ كىچىكمەن ، شۇنداقتىمۇ ئىشقىلىپ مەن مەۋجۇتمەن .بەدەنلىرىم تېخى روشەن يارىتىلمىدى ، يۈزۈممۇ تېخى يوق، ئەمما مېنىڭ مەۋجۇتلۇقۇم مېنىڭمۇ بىر تىرىك جان ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىنشائاللاھ بىر قىز بوۋاق بولۇپ تۇغۇلىمەن، چىچەكلەرنى سۆيىمەن،چىچەك كەبى بىر ىقىز بولىمەن................... -
2010-06-15
ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى - [ئىجادىيەتلىرىم]
(مەلەك)ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
* ئاينىڭ * كۈنى ھاۋا ئوچۇق
بۈگۈن ئىرىم ئۆيدە يوق.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەچچە كۈندىن بۇيان يۇيۇش خوش ياقماي دۆۋىلەپ قويغان كىرلەرنى 12 ياشلىق ئۆگەي ئوغلۇم مەۋلانغا يۇغىلى سالدىم،بۇ شۇمتەك يۇمىسا مەندىن تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلگە چكە گەپ قىلماي مىجىقلاپ يۇيۇشقا باشلىدى. پاكىز يۇيالمايدىغانلىقىنىى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا يۇغۇزدۇم.
چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا 10 ياشلىق قىزىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىدىم،مەۋلان كىرنى يۇيۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاماق بەرمىدىم،جېنىمنى چىقىرىپ بىز تاماق يەۋاتساق بۇ گۇي ئېچىنى سىلىپ قويغان چېغى،كەچكە يېقىن قىزىمنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى..... -
2010-06-05
بوغۇلۇش - [ئىجادىيەتلىرىم]
بوغۇلۇش!
(مەلەك)
خىرىس قىلىپ بارىمەن تەنھا،
روھىمدىكى \"مەن\" ۋە \" ئۆز\" ۈمگە.
چېقىلغاندا سەۋىر قاچىسى،
قىساس قىنى تولار كۆزۈمگە.
سىلكىنىدۇ زىمىن زىندانى،
..........................
-
2010-06-05
ئۈمىدنى ئاياپ قېلىش - [ئىجادىيەتلىرىم]
( مەلەك)
ساختا ھايات پەنجىرلىرىدىن ،
تەقدىر باقار ئاچچىق ھىجىيىپ .
ئارمان بىلەن ئۆتسىمۇ كۈنلەر ،
كەتكەنلەرگە دىمەيمەن ئېسىت .قورقۇنچلۇق خىيالىم يۈدۈپ ،
-
2010-05-28
üzülme hatice üzülme! - [ئىجادىيەتلىرىم]
üzülme hatice üzülme!
yazar:hatice melek
üzülme hatice üzülme!
yeter artık şimdi onu düşünme!
tek allahım yardım eder,
agır günler başa gelince......................................
-
2010-05-10
مەلەك شېئىرلىرى - [ئىجادىيەتلىرىم]
يىڭى ئايدىكى كونا مەلەك
كىرىپ كەلدى يىڭى ئاي ئاستا،
تىنىقىمدىن ئۇچار نامراتلىق.
ئۈزۈكلەنگەن ئۈمىدسىز ھىستا،
تەسەللىسىز قەلبىم ياماقلىق.
كۆزلىرىمدىن سىرغىيدۇ ئارمان،
ۋۇجۇدۇمنى غاجار بىر ئازاپ.
ئاچچىق ھېستا تىرەر لەۋلىرىم،...............................
-
2010-04-29
كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچىلار - [ئىجادىيەتلىرىم]
2010-يىلى6-ئاپرىل ،ھاۋا :تۇتۇق
بۈگۈن ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئاللاھنىڭ ماڭا يەنە بىر كۈن ھاياتلىق ئاتا قىلغىنىغا،تىنچ-ئامان قوپۇشقا نىسىپ قىلغىنىغا ھەمدۇسانا ئىيتتىم،نامىزىمنى ئوقۇپ بوپ،كىتاپ ئوقۇپ يىتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن،ھى ھى ھى چۈشلىرىمدە چ چ توپتا قىلىشقان داڭقان پۇتى گەپلەرنىڭ ئاخىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ چۈش كۆرۈپتىمەن،ئويلاپلا بىرنى ھىجىيىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم،ياتاقتىكىلەر :"توۋا!مانىڭ كىسىلى يەنە تۇتۇپتۇ،كۈندە شۇنداق قىلغان بۇ ھاڭۋاقتى!!:دىيىشىپ كەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇخلاپ قالغىنىم ئۈچۈن ناشتىمۇ قىلماي دەرسكە چىقىشقا تەييارلىق قىلدىم،(ناشتا قىلاي دىسەممىغۇ نېنىم يوقتى ھامىنى) ،ياتاقتىكىلەر يۈز-كۆزلىرىنى ياساپ بىرمۇنچە ئىشنى قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ،مەن بىر ياغلىقىمنى ئوڭشاپ چىگىپ بولالماي نەچچە چۇۋۇيمەن،ھەركۈنى.............................................
-
2010-04-28
كىمنىڭ بالىلىق خاتىرىسى يوق؟ - [ئىجادىيەتلىرىم]
گۈزەل بالىلىقىمغا شاھىت بولغان ساپ ھاۋالىق سەھرايىم قانداق ئەھۋالىڭ؟ مەن كەلدىم.
كىتىۋاتىمەن،سانسىز قىتىم تاپانلىرىمغا تىكەن كىرگەن شۇ تونۇش يوللار،بالىلىقتىكى كەپسىزلىكلىرىم بىر- بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتمەكتە.
ئەنە مومامنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى قېرى توغراق،شۇ توغراققا قانچەقېتىم يامىشىپ قانچەقېتىم يىقىلغىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن،بىر قىتىم توغراقتىن پەسكە توختۇتۇپ قويۇلغان ھارۋىغا،ھارۋىدىن پەستىكى ئېرىققا سەت يىقىلىپ چۈشۈپ يىرىم كۈن ئىنجىقلاپ گەپ قىلالماي يۈرگىنىم ئىسىمدە.شۇ چاغلارنى ئويلىسام ئۆزۈمچە ھىجىيىپ قويىمەن.
ئەنە ،ئالدىمدا مەن ھەر كۈن ئوتۇن يۈدۈپ كىلىدىغان ئورمانلىق،توۋا شۇ چاغدا مۈرەمگە ئوتۇن يۈدىۋالغاندىن باشقا ئىتىكىمگە كالا تىزەكلىرىنى تولدۇرۇپ يىغىۋالاتتىم چۈنكى شۇ...... -
2010-04-28
ئاچچىق ھەقىقەتلەر - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئاچچىق ھەقىقەتلەر
1-كۆرۈنۈش:رىېستۇراندا ئانا باشقا ئەر بىلەن نازلىنىپ تانسا ئوينىماقتا،دادا- شۇ رىستۇراننىڭ ئايرىمخانىسىدا كۆڭۈل ئاچماقتا،بىچارە پەرزەنت_ئۆيگە كىرەلمەي،مۇزدە سىمونت پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىمەكتە.
2-كۆرۈنۈش:يىزا يولىدا بىر ئانا يۈرىكىنى مۇجۇقلىغىنىچە ياتماقتا،چۈنكى بايىلا ئۆزىنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىسىنى يۇلۇپ ئىلىۋالغان بۇلاڭچى،دەل ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكىنىگە ئون يىل بولغان ئوغلى ئىدى،ئەي رەھىمسىز رىئاللىق،ئانانىڭ يۈرىكى بۇ ئىشقا ئىشىنەلمەيتى..... -
2010-04-25
ئاشىق چوپان - [ئىجادىيەتلىرىم]
ئاشىق چوپان(مەلەك)
ئاڭلىنىدۇ يىراق-يىراقتىن،پادىچىنىڭ مۇڭلۇق نەي ئۈنى.تۈنەپتۇ ئۇ قارا جاڭگالدا،يوقمىكىنە ئىللىق بىر ئۆيى.ياق نە كىرەك ئىللىق ئۆي ئاڭا،يۈرەك يېنىپ تۇرسا پىراقتا.ھىجران ،ۋىسال ئوخشاشلا ئۇلۇغ،گەر بولسىمۇ يايرى يىراقتا.