مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-14
سۈكۈت قىلدىم - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
sustum
سۈكۈت قىلدىم ھىچكىم تۇيمىدى.ئۆزۈم بىلەن مۇڭداشماقتىمەن ئەمدى يالغۇز.پەقەت يۈرىكىم بىلەن ئىپادىلەۋاتىمەن تىۋىشلىرىمنى،ھىچكىم تۇيمايدۇ،بىلمەيدۇ.
سۈكۈت قىلدىم،سۈكۈت قىلدى لەۋلىرىمدىكى كۈي،كۆزۈمدىكى شېئىر،يارامنى سىيپاپ ئۆتكەن شامال.
پەقەت كۆزلىرىم سۆزلىمەكتە. -
2010-12-08
مەن شۇنى خالايمەنكى.... - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
تەرجىمە قىلغۇچى: مەلەك
مەن شۇنى خالايمەنكى،بۇلۇتلار يىغلىسۇن،ئەمما بالىلار يىغلىمىسۇن ،يىتىملىكنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسۇن.
مەن شۇنى خالايمەنكى،ھەربىر گىياھ ئۆز تىلىدا سۆزلىسۇن،ئەمما قوراللارنىڭ ئاۋازى بېسىقسۇن.
مەن شۇنى خالايمەنكى، بارلىق ئىشىكلەرئېتىلسۇن زۇلمەتكە قارشى ،ئەمما كۆزلەر ۋە قەلىبلەرنىڭ ئىشىكى ئېتىلمىسۇن.
مەن شۇنى خالايمەنكى ئوتلار ئۆچۈرۈلسۇن،ئەمما ئۈمىد ھەرگىز ئۆچمىسۇن.
-
2010-12-08
ئەزىز نەسىن نەسىرلىرى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
تەرجىمە قىلغۇچى:مەلەك ئاۋاز
يېرىم كىچىدە ئۆيگە قايىتقىنىڭدا ئىشىكتە ئاچقۇچنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىساڭ،بىلگىنكى-سەن يالغۇزسەن.
چىراغ كونۇپكىسىنى باسقىنىڭدا چىت قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىساڭ،بىلگىنكى سەن يەنە يالغۇزسەن.
ئۇخلاش ئۈچۈن كارىۋاتقا چىققىنىڭدا يۈرىكىڭنىڭ سوقۇش ئاۋازىدىن بىئارام بولۇپ ئۇخلىيالمىساڭ،بىلگىنكى سەن يالغۇزسەن.
بىر سادا سېنى ئۆتمۈشنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلسا،بىلگىنكى سەن يالغۇزسەن.
-
2010-10-14
ئەگەر بىر كۈن پەيغەمبىرىمىز ئۆيىڭىزگە كەلسە... - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
كىتاپ جاھازىلىرىڭىزدىكى قاتارى تىزىلغان مۇزىكا پىلاستىنكىلىرى ئورنىغا توپا بېسىپ كەتكەن ھەدىس توپلىمىنى تىزىپ قويامسىز؟
پەيغەمبىرىمىزنى شۇ ھامان ئۆيىڭىزگە تەكلىپ قىلامسىز؟ياكى« قانداق قىلارمەن» دەپ پۇتى كۆيگەن توخۇدەك ئوڭ-سولىڭىزغا يۈگىرەمسىز؟
تولىمۇ قىزىقىۋاتىمەن،پەيغەمبىرىمىز ئەگەر ئۆيىڭىزدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالسا،كۈندە قىلىدىغان شۇ ئىشلىرىڭىزنى يەنە داۋاملاشتۇرالامسىز؟
-
2010-10-14
ئەي سۆيۈملۈك - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئەي سۆيۈملۈكسەن كەتكەنىدىڭقويۇپ بىزنى يالغۇز بېشىمىزغا،تاشلاپ شۇ پاك قوللىرىمىزنى،غۇربىتىڭگە سالغانتىڭ بىزنى.
يېتىم قالدۇق،بېقىمسىز قالدۇق،قوللىرىمىز كىرلەندى يوقلۇقىڭدا. -
2010-08-21
ئاناڭ بۇ رەسىمنى چۈشەندۈرۈپ قويمايدۇ!! - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئاناڭ بۇ رەسىمنى چۈشەندۈرۈپ قويمايدۇ!!
ئاناڭ بۇ رەسىمنى چۈشەندۈرۈپ قويالمايدۇ قوزام،چۈنكى چۈشەندۈرۈشكە باشلىغاندا ئۆكسۈشتىن توختىيالمايدۇ كۆز ياشلىرى.
ئۇ سېنىڭ قېرىندېشىڭ قوزام،سەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئافرىقىلىق قېرىندىشىڭ.
كۈندۈزى ئاچ،كېچىسى ئۇيقۇسىز،بېقىمسىز ۋە كىسەل قېرىندىشىڭ.
ئۇنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلار كىم بىلىدۇ قايسى مىھمانسارايلاردا،قايسى زىياپەتلەردە؟...
قوزام ئۇ دەل بىز ئىنسان...
ئۇخلىغان،غەپلەت باسقان،ھەممىنى ئۇنۇتقان ئىنسان...
رەببىدىن يۈز ئۆرۈپ شەيتانغا قۇچاق ئاچقان ئىنسان... -
2010-08-21
بىر قىزدىن مەكتۇب - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
بىر قىزدىن مەكتۇب
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
قولۇمغا قەلەم ئالدىم،يوغان بىر قەغەز بېرىڭلار ماڭا،پۈتۈن كەچمىشىمنى يازماقچىمەن.
سەۋدا يارىسىدىن ئەمەس ئېقىۋاتقان بۇ قان ياشلىرىم.
دوختۇرخانىنىڭ دەرىزىسى تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆز خاتالىقلىرىمقا پىچىرلاۋاتىمەن.
مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن قانچىلىك ئۈمىدلەرگە تولغان بولغىيتى ئائىلەم؟ -
2010-08-14
چۈشەندىم - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
(جان يۈجەل) چۈشەندىمئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :مەلەكشۇنچە ۋاقىتتىن بۇيان ماڭا چۈشەندۈرۈشكە تېرىشقانلىرىڭنى ،ئۆزۈمنى تاپقاندا چۈشەندىم.ھەر ئادەمنىڭ ئۆز بەختىنى تېپىش ئۈچۈن باسىدىغان بىر يولى بار ئىكەن،ئۆز يولۇمنى تاپقاندا بۇنى چۈشەندىم.ھاياتنى پەقەت ياشاش ئارقىلىقلا چۈشىنىدىكەنسەن....، -
2010-08-08
دادا ئويغان!! - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
دادا ئويغان!!
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
ھەر سەھەر ئانامنىڭ ئۇھسىنىشلىرىدىن ئويغىنىمەن.ئانامنىڭ يۈزلىرى كۈلمەيتى،ھەر كېچە يىغلايتتى.
چاچلىرىمنى سىيلاپ،كۆزلىرىمگە تىكىلىپ :« شور پىشانىمەن بالام،بەختى قارىمەن بالام،تەلەيسىزمە... -
2010-08-06
ئانا دۇئاسى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئانا دۇئاسى
ماڭا شۇنداق بىر پەرزەنت بەرگىنكى ئىھ ئاللاھئاجىز بوپ قالسا، ئۆزىنىڭ قورقۇۋاتقانلىقىنى ئىتراپ قىلالىغۇدەك جەسۇر بولسۇن،مەغلۇبىيەت ئالدىدىمۇ تىك تۇرسۇن، غەلبە قىلغاندا بولسا ئېغىر- بېسىق، ئۆزىنى تۇتىۋالىدىغان بولسۇن.
ماڭا شۇنداق بىر پەرزەنت بەرگىنكى ئىھ ئاللاھ
ان ئىشلار پەقەت ئارزۇ پەدىسىدە قىپ قالمۇسۇن،سېنى تونۇيدىغان بىر پەرزەنت
................ -
2010-07-15
كۆرۈشنى بىلگەن كۆزلەر - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
كۆرۈشنى بىلگەن كۆزلەر
كىچىك قىز،ئۆزىنى بىلگەندىن تارتىپ ئانىسىنىڭ چەكسىز مۇھەببىتى ۋە ماختاشلىرى ئىچىدە چوڭ بولدى.ئۆزىنىڭ «قار مەلىكە»دىنمۇ چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى.ئانىسىنىڭ كۆڭلىدە ئۇ نۇر يۈزلۈك،چىرايلىق كۆزلۈك ،يالغۇز ئوماق قوزىسى ئىدى.ئەمما قىز باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە ھەممە ئىش ئۆزگەردى.دوستلىرى ئۇنىڭ چىرايلىق ئەمەس ئەكسىچە ئىنتايىن سەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەشتى.قىز دەسلەپ ئۇلارغا ئىشەنمىدى،چۈنكى ھەممە ئادەم بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدۇ،قىزغىنىدۇ ....
-
2010-07-12
ئۇنۇتتۇق - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئۇنۇتتۇق
سەناي تۆمۈرچى
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى :مەلەك
ئۇنۇتتۇق ....ئۇنۇتتۇق
نىمىدىگەن تىز ئۇنۇتتۇق،نىمىدىگەن كۆپ ئۇنۇتتۇق....دۇنيا بىزگە مىراس ئەمەس ئىدى.يەر يۈزىدە بىز ھىچنەرسىگە قارار قىلالمايتۇق.كەلدۇق يەنە بىر كۈنى كىتەتتۇق، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ئەمدى ئېسىمىزگە كەلگىنى بۇلار،ھەم ئەمدى ئۇنتۇپ كىتىشكە بولمايدىغىنى بۇلار.
نىمىدىگەن كۆپ ئۇنۇتتۇق،نىمىدىگەن تىز ئۇنۇتتۇق، بىزدىن بۇرۇن كەلگەنلەرنى ۋە بىزدىن بۇرۇن كەتكەنلەرنى،گۈزەل -
2010-07-02
13-ياشلىق قىزنىڭ پەريادى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
13-ياشلىق قىزنىڭ پەريادى
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
بىز بۇ بايرامدا توپقا تۇتۇلدۇق،يوغان بىر بومبا چۈشتى ئۈستىمىزگە،مەن 12 ياشتا ئىدىم،ئىنىم بوسا يەتتە ياشتا.مەن كۆرمىدىم ئەمما،ئانام بەك يىغلاپتۇ بىز ئۆلگەندە.
ئىككىمىزنىڭ قوللىرى كىچىككىنە ئىدى،تاپالمىدى.بولمىسا مۇتلەق تاشلايتى بىزنى قەبرىمىزگە.....
بىز بۇ بايرامدا توپقا تۇتۇلدۇق،كىچىككىنە بىر ئوق كىلىپ تەگدى يۈرىكىمىزگە.
ئۆلمەك تولىمۇ ئاسان بىر ئىش ئىكەن،ئامىرىكىلىق ئەسكەرلەر كۆرسەتتە بۇنى ھەممىمىزگە.شۇنداقتىمۇ يەنىلا بىر
..........................................................
-
2010-06-18
مۇھەببەت دۇئاسى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
مۇھەببەت دۇئاسىتۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
ئەي رەببىم!بىر ئىنسان قوي قەلبىمگە،ئەمما ئۇ ئىنسان سېنىڭمۇ سۆيگۈنىڭ بولسۇن!
ۋە ماڭا شۇنداق بىر ئىنساننى سۆيدۈركى،ئۇ ئىنساننىڭ قەلبى سەن بىلەن سۆيۈشكەن بولسۇن .
مېنى شۇنداق بىر ئىنسان بىلەن تېپىشتۇركى،مەندىن بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تېپىشقان پەقەت سەن بولغىن.
ئۇنىڭ بىلەن قول تۇتۇشقىنىمىزدا ئۈستىمىزدە سېنىڭ قولۇڭ بولسۇن !......................................... -
2010-06-08
ئاكا!مەن كوچا بالىسى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئاكا!مەن كوچا بالىسى
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەلەك
بەت نۇمىرى: يوق!
نوپۇس دەپتەر نۇمىرى:يوق!
ئىشىك نۇمىرى :يوق!
لەگلىكى ئاسمانغا ئېسىغلىق قالغان،مەرمەرلىرىنى چۈشىدە ئۇنتۇپ قالغان،ئويۇنچۇقلىرىنى چۆچەك قەھرىمانلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەن بىر بالا بارغۇ ئاكا،ئۇ دەل مەن شۇ،مەن شۇ ئاكا!!!
ھە راست،مېنىڭ بىر ئانام بولىشى كىرەك ئېدى،شۇنداقمۇ ئاكا؟.......................................... -
2010-05-06
ئاللاھىم مۇڭداش مەن بىلەن - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئاللاھىم مۇڭداش مەن بىلەن
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:(مەلەك)
بىر ئادەم قوللىرىنى ئېچىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى."ئاللاھىم مۇڭداش مەن بىلەن!"
دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ گۈللىكىدە بىر قۇش يېقىملىق ناۋا قىلدى،ئەمما ئۇنىڭ كارى بولمىدى،يالۋۇرۇشنى داۋام قىلدى:" ئاللاھىم مەن بىلەن مۇڭداشقىن!"
بىر ئازدىن كىيىن ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىپ قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىدى،ئەمما
-
2010-05-01
ئۈمۈتسىز مۇھەببەت - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
ئۈمۈتسىز مۇھەببەت
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەلەك
كاشكى تونۇشمىغان بولساق،بۇ ئۈمۈتسىز مۇھەببەتنى باشتىن كەچۈرمىگەن بولساقچۇ؟!!؟
پۇشايمەن قىلمايمەن،ئەمما كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم،تولىمۇ پەرىشانمەن.
سىنى تۇنجى كۆرگەن شۇ كۈننى ھەرگىز ئۇنۇتالمايمەن،شۇ مەنىلىك كۈلۈمسىرىگەن شىرىن يۈزۈڭنى،ئىچىمنى ئاتەش كەبى ياققان شۇ قاراشلىرىڭنى،تىخىچە يادىمدىن چىقىرالمىدىم.
دەسلەپكى كۈنلەردە ساڭا پەقەتلا قىزىقىپ قالدىم دەپ ئويلاپتىكەنمەن،ئەمما مەن بۇ مۇھەببەتنىڭ پۈتۈن ھۇجۇدۇمغا ۋە تومۇرۇمدىكى قېنىمغا سىڭىڭپ كىرىپ ساڭا ئەسىر قىپ قويىشىنى نىمە بىلەي.............................ئوقۇش كونۇپكىسىنى بېسىپ داۋامىدىن ھوزۇرلىنىڭ!
-
2010-04-29
مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن! - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
مەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن!تەرجىمە قىلغۇچى:مەلەكمەن رومال ئارتقان بىر قىزمەن،بارلىق رومال ئارتقان قىزلار بىلەن بىرلىكتە ئازاپ چېكىمەن،ھەر كۈن مۇشۇنداق تۇيغۇ ۋە ھىسياتلار قاينىمىدا ياشايمەن.
بايراققا تەلپۈنگەن بۇ يۈرىكىمگە ۋەتىنىم تولدى،مىھىر- مۇھەببەت تولدى ، نەپرەتكە قىلچىلىك ئورۇن يوق.
بىز مۇھەببەت پىداكارلىرى ئىدۇق،دۈشمەنلىككە ۋاقتىمىز يوق ئىدى.
مەن رومال ئارتقان بىز قىزمەن ، ئادۇۋكاتلار جەمىئىيىتىدىن چىقىرۋىتىلدىم،ياتىقىمدىن قوغلاندىم،مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئايلارچە يىغلىدىم، ئۇرۇپ-سوقۇلدۇم،ئەمما ئەسلا ۋاز كەچمىدىم،ۋاز كەچمەيمەنكى بۇ مېنىڭ ئىشەنچىم،مېنىڭ ياشاش شەكلىم.موداپەرەستلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغانلار ................... -
2010-04-29
شۇنداق ئىنسان كۆردۈمكى... - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
شۇنداق ئىنسان كۆردۈمكى...(تۈركچە - ئۇيغۇرچە)
ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
شۇنداق ئىنسان كۆردۈمكى...
سوتچى ئەمما ھۆكۈمدە ئادىل ئەمەس.
ئالىم ئەمما ئىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان.
مۇسۇلمان ئەمما ئىمانى يوق.
باي ئەمما كەڭ قورساق ئەمەس.
نامرات ئەمما سەۋىرچان ئەمەس.
مەسچىتكە بارىدۇ،ئەمما نامازغا ئەمەس............................... -
2010-04-29
ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]
تۈركچە -ئۇيغۇرچە)ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسى)جامال قۇرۇقتۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەلەكيەر قېزىلار،چوڭقۇر بولۇر،قېزىلغانچە سۆرۈن بولۇر،كىرىپ كەتكەن غايىب بولۇر،ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسى.كىرىپ كەتكەن غايىب بولۇر،ئاھ ئۆلۈمنىڭ تۇنجى كېچىسى،قەبرە سالدى ئازاب بولۇر،باشلىرىڭنىڭ تاجى بولۇر،تۇنجى كېچە ئاچچىق بولۇر،ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسى.تۇنجى كېچە ئاچچىق بولۇر،ئاھ ئۆلۈمنىڭ تۇنجى كېچىسى.يارەنلىرىم قەبرەم قازار،باش تاجىمغا ئسمىم يازار،ئۇخلىغان دەرتلەر قوپار،ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسى.ئۇخلىغان دەرتلەر قوپار،ئاھ ئۆلۈمنىڭ تۇنجى كېچىسى.قەبرىلەردۇر قاتار-قاتار،قارا تۇپراق قارا-قارا،زۇلمەت ئىچرە نۇرلار ئىزدەي،ئاھ قەبرەمنىڭ تۇنجى كېچىسىزۇلمەت ئىچرە نۇرلار ئىزدەي،ئاھ ئۆلۈمنىڭ تۇنجى كېچىسى....................................