• ئاكا!مەن كوچا بالىسى - [تەرجىمە ئەسەرلەر]

    تۈرى: تەرجىمە ئەسەرلەر | 2010-06-08

    ئاكا!مەن كوچا بالىسى

    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: مەلەك


    بەت نۇمىرى: يوق!
    نوپۇس دەپتەر نۇمىرى:يوق!
    ئىشىك نۇمىرى :يوق!

     
    لەگلىكى ئاسمانغا ئېسىغلىق قالغان،مەرمەرلىرىنى چۈشىدە ئۇنتۇپ قالغان،ئويۇنچۇقلىرىنى چۆچەك قەھرىمانلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەن بىر بالا بارغۇ ئاكا،ئۇ دەل مەن شۇ،مەن شۇ ئاكا!!!
    ھە راست،مېنىڭ بىر ئانام بولىشى كىرەك ئېدى،شۇنداقمۇ ئاكا؟ ئەمما،مەن كوچىلارنى كۈيلەپ يۈرىۋاتىمەن.
    ھە راىست ئاكا،ئانا سۈتىنىڭ تەمى قانداقتى؟؟
    ئانىلار بالىلىرىنى قانداق سىيلايتى؟
    ئانا ھىدى قانداق ئىدى؟كىم بىلىدۇ؟
    ماڭا سۇ بوياق رەسىملىرىدىكىدەك چىرايلىق بىر ئانا سىزىپ بەرگىنە ئاكا،ھەم شۇ رەسىمگە مېنىمۇ قوشۇپ سىزىپ قويغىن.
    ھە راست،سېنىڭ كۆزلىرىڭ كۆرەلمەيدۇ شۇنداقمۇ ئاكا؟يەنى سوغۇق ۋە يىرىك كۆۋرۈكنى كۆرەلمەيسەن.سەن ئاينى كۆۋرۈك ئاستىدا ئولتۇرۇپ تاماششا قىلىپ باقتىڭمۇ؟ئاقار يۇلتۇزغا قاراپ ئولتۇرۇپ مۇزلاپ باقتىڭمۇ؟
    ۋاي بولدىلا،بۇلارنى سۆزلەپ نېمە قىلاي.
    كەل ،خالىساڭ ئايىغىڭنى مايلاپ قوياي،مەن شۇ ئايىغىڭنىڭ شوينىسىدىن ھاياتقا ئېسىلىۋالاي!
    كەل،ئايىغىڭنى مايلاپ قوياي،شۇنداق بىر مايلىۋىتەيكى،ئۇنىڭدا دوست- دۈشمەننىڭ،بارلىق يوللارنىڭ رەسىمى كۆرۈنسۇن!
     
    بەت نۇمىرى: يوق!
    نوپۇس دەپتەر نۇمىرى:يوق!
    ئىشىك نۇمىرى :يوق!


    بارلىق مەھرۇملۇقلارغا،يوقلۇقلارغا،تۇغۇلۇپلا باغلىنىپ باقتىڭمۇ؟
    مېنىڭ يەنە داداممۇ بولىشى كىرەك ئىدى شۇنداقمۇ؟
    مېنىڭ ھەتتا پات-پات ئۇرۇپ تۇرىدىغان داداممۇ يوق،يەنى قاداق باسقان قوللىرىدىن مەن شەۋكەت ئىزدەيدىغان بىر دادا!
    كىم بىلىدۇ؟ھېيت - بايراملاردا دادىلار بالىلىرىغا نېمىلەرنى ئىلىپ بېرىدۇ؟
    مېنىڭ يادىمدا قالماپتۇ،سىلەرنىڭ شۇنداق ھېيت -بايراملىرىڭلار،ھارپىلىرىڭلارھەم پاكىز- ساپ دوستلىرىڭلار بار شۇنداقمۇ؟
    ئەمما مەن بولسام ئاجىز ۋە زەئىپ ئىسقىرتىشلىرىمنى ئاي ۋە قۇياشقا يوللاۋاتىمەن. 
    ئەكس-ساداسىز،ئاھاڭسىز،ئاھاڭغا سالغىلىمۇ بولمايدىغان ئاشۇ ئىسقىرتىشلىرىمنى .
    بىر دادام بولسىلا كۇپايە ئىدى،بۇرۇنقىدەك كەپسىزلىك قىلاتتىم،ئۇنىڭغا ئەركىلەيتىم .
    بولدى بەس! سۆزلىمەيلا قوياي !
     
    كىمنىڭ نېمىسىگە بايرام،نېمىسىگە سوۋغات،نېمىسىگە دادا؟!؟!؟؟!؟!
    ھە راست،سېنىڭ چۈشلىرىڭ بار،ئەمما مەن كۆرەلمىگەن چۈشۈمنىڭ خىيالىنى سۈرىمەن .
    ئەخمەت بىر چۈش كۆرۈپتۇ ،ھە راست،ئۇنىڭ بىلەن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەن بىر كۈنى كۆۋرۈك ئاستىدا تونۇشقان ئىدۇق .چۈشىنى خىجىل بولۇپ سۆزلەپ بەردى،سۆزلىگەنسىرى خىجىل بولدى.
    ئاسمانغا بىر ئارغامچا تارتىپتۇمىش:« قارىغىنا ئانا! لەگلىكىمنى كۆردۈڭمۇ؟ لەگلىكىمنىڭ سايىسى ئاستىدا مەرمەر ئويناۋاتقان بالىلارنى كۆردۈڭمۇ؟» دەپ ۋارقىراپتۇمىش.
    مانا بۇ ئەخمەتنىڭ چۈشى!
    ماڭا چۈشلىرىڭنى بىرىپ تۇرامسەن ئاكا؟!؟ ئايىغىڭنى ھەقسىز مايلاپ قويىمەن.پەقەت شۇ چۈشلىرىڭنى بىرىپ تۇرساڭ.
    ۋاي بولدىلا!سۆزلىمەي!
     
    قارىغىنا!ئايىغىڭ پارقىراپ كەتتى،ئەڭ پارقىراق ئاياغلىرىڭ بىلەن ماڭغىن بۇ ھاياتتا.
    سەن مېنى ئويلىما ئاكا،مېنى كوچىلار ئويلىسۇن،گىزىت ماۋزۇلىرى،3- بەتتىكى خەۋەر سەھىپىسى ئويلىسۇن.
    مېنى ئىگىسى چىقمىغان كۆز ياشلار ئويلىسۇن،سەن ئويلىما!!!
    نېمىلا بولسا مەن،ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان شۇ ئاياغلىرىمنىڭ ئىسسىقى بىلەن باساي شۇ بارلىق يوللىرىمنى.
    گەرچە كوچىلارنىڭ ئانا- دادىسى بولمىسىمۇ،ئەمما مەن شۇ كوچىلارنىڭ بالىسىمەن،ئىرىشەلمەي تۇرۇپ مەھرۇم قالغان شۇ كىلەچىكىمنىڭ ھەر قانداق يىرىدە مەن بىر كوچا بالىسى ئەي ئاكا!!
     
    لەگلىكى ئاسمانغا ئېسىغلىق قالغان،مەرمەرلىرىنى چۈشىدە ئۇنتۇپ قالغان،ئويۇنچۇقلىرىنى چۆچەك قەھرىمانلىرى ئوغۇرلاپ كەتكەن بىر بالا بارغۇ ئاكا،ئۇ دەل مەن شۇ،مەن شۇ ئاكا!!!


    ئەسەر ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىڭ،كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .

     


     





    خەتكۈچ: sokak
    نەقىل ئادرىسى:

    评论

  • رەھمەت ھەقىقەتەن تەسىرلىك ئىكەن.
    بىلوگىڭىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم، خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىپ قويارسىز
  • بىر يەرلەردە كۆرگەندەكلا قىلىمەن شۇ كارتىنىلارنى...
    سىزگىمۇ ئاللا رەھمەت قىلسۇن،مەلەك قىز!
  • ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن ..