• بەرگىيە شېئىرلىرى - [تورداشلار نادىر ئەسەرلىرى]

    تۈرى: تورداشلار نادىر ئەسەرلىرى | 2010-06-07

    شائىرە: ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن "بەرگىيە"  


    مەن بىر تامچە ياش

     

    مەن قارچۇقىڭدىن سىرغىپ چىقىپ،

    كىرپىكلەرنىڭ قورشاۋىدىن بوسۇپ چىقالماي.

    تۇتقۇن بولغان بىر تامچە ياش.

     

    يېرىم كېچە ئەجەپ ئەنسىز ھە؟!

    قارا!تەلۋىلەرچە ھۇشقىيىتقان بوران

    دەرۋازىنى قاقتى خۇددى ئادەم كەلگەندەك،

    كىم؟ئەنسىز ئىشىكنى ئاچتى بىر ئايال.

    ئۇھ،بوران قاققان ئىشىكنى

    يولدىشىڭ كەلدى دەپ

    خاتا يەتكۈزگەنىكەن

    تىۋىشلارغا زارىققان تۇيغۇ ۋە خىيال.

    كىرپىكىڭ مۇھاسىرىسىدە قاغجىراپ بىردىن،

    خالاپ قالدىم بوران بولۇشنى.

    ئىھ،ئايالى ئۆيىدە كۈتكەن

    ئۆزى غەمسىز نەلەردە يۈرگەن

    ئاشۇ ئەرنى راسا ساۋاشنى.

     

    مەن سىرغىپ چىقىپ مەڭزىڭدە قاتقان ياش،

    سېزىپ تۇرۇمەن

    تومۇرۇڭدا ئاققان قانلارنىڭ ئۆركەشلىرىنى.

    ئاڭلاپ تۇرۇمەن

    يىراق،قەدىم بىر رىۋايەتتىكى

    پادىچى يىگىت،توقۇمىچى قىزنىڭ

    چىن مۇھەببەت كەچمىشلىرىنى.

    خالاپ قالدىم كىرپىكىڭدە مۆلۈلدىگەندىن

    ئايلىنىشنى ئاسماندا چاقناق

    بىر تال يۇلتۇزغا.

    يالغۇز قالغان كېچە قوينىدا

    تەسەللىغۇ بېرەر ئىدىم ھە!!

    نالە بىلەن چىرىلداپ تۇرۇپ

    دەرىتلىرىنى تۆكسە تۇمۇزغا.

    ئۆتەتتى بىر كېچە،پۈتەتتى بىر لېرىكا.

     

    مەن جاۋغىيىڭدا قاتقان بىر تال مۇز،

    لەۋلىرىڭنى ھىمىرمە بولدى

    ئاتەش تامان ئىسسىنما بولدى

    ئېرىپ كېتىمەن...

    ئېقىپ كېتىمەن...

    بىر ھەقىقى سۆيگۈ بەرمىگەن

    بۇ ئالەمدىن يۈتۈپ كېتىمەن

    مەن ئايلانسام پارغا ئاسماندا

    بەلكى بۇلۇت بولۇمەن يەنە

    سەن يامغۇرنى ياخشى كۆرەتتىڭغۇ..

    شۇ چاغ،يامغۇر چۈشۈپ ،لىق تولۇدۇ قۇچاقلىرىڭغا.

    ئاھ ئارمانسىز باغرىڭغا سىڭىپ،

    چىڭ قۇچاقلاپ مەڭزىڭنى سۆيسەم

    ئۇرۇلىدۇ بەلكى تونۇش ھىد،دىماغلىرىڭغا.

     

    سۈرتۈۋەتمە مەڭزىڭنى ئەي يار،

    مەن يامغۇر تامچىسى،ئەمەس كۆز ياش.

    لەپىلدىسىمۇ ئەتراپىڭدا قار،

    سەن سېزىسەن باغرىڭدا باھار،

    شاتلىنىسەن مۇھەببەتلىك يۈرەككە ئوخشاش.

    مەن قەلبىڭدىن سىرغىپ،كۆزۈڭدىن سىرغىپ،

    كىرپىكلەر قورشاپ تۇرغان ساھىلدا،

    ماكان تۇتقان بىر تامچىلا ياش.

    2010-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى

    تۈن كېچىدە ھېسلىرىم ئويغاق

     

    ئاڭلانمايدۇ چوپان ناخشىسى،

    قارا لىباس كىيسە كائىنات.

    كىرپىكلەرنىڭ ۋىسال پەيتىگە،

    بەردى شادلىق جىمجىت سۈكۈنات.

     

    دولقۇن كەبى تەندە يايرىغان،

    شاش ئارمانلار نەدىدۇر بىھۇش.

    رەستىلەردە خېرىدار چىللاپ،

    پۈتكەن ئاۋاز بولدىمىكىن خۇش.

     

    تۈن پەرىسى نازلىنىپ تۇرۇپ،

    سەزگۈلەرنى قىلىپتۇ قامال.

    توۋا سېھىر بىرلە ئۇيقۇغا،

    كەتكەنمىدۇ بوي بەرمەس شامال.

     

    تۇڭلۇكۇمدا ئاي پىچىرلايدۇ،

    باشقىلاردەك ئۇخلىغىن قىزچاق.

    يۇلتۇزلارمۇ ئېيتتى كۆپ ئەللەي،

    بىراق بۇندا ھېسلىرىم ئويغاق.

     

    نازۇك تەندە ئىسيان كۆتۈرەر،

    بىر بىغۇبار سۆيگۈ ناخشىسى.

    ئەقىدىنى خۇش قىلىپ مانا،

    شېئىر پۈتۈلدى ئويغاق ئاخشىمى.

     

    2010-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى.

     مەن ئۇلۇغ ئادەم.. 

     

    قەدەملىرىم ئاستىدا يوللار،

    غىڭشىپ قالار نىمجان كۈچۈكتەك.

    مەن تاقىلداپ ئاسفالىت يولدا

    كېتىۋاتىمەن..

    بۇ جاھاندا مەنلا ئادەمدەك.

    ئۇزۇندىن بېرى..

    قىيناپ كېلەر بىر سۇئال مېنى.

    ئەتراپىمغا بوينۇمنى سوزۇپ،

    تاپالمايمەن "ئادەملەر"قېنى؟

    مەن ئۆزەم كۆرەلمىدىممۇ؟

    يا ئادەملەر مېنى كۆرمىدىمۇ؟

    بىر يىڭنىنىڭ ئۇچى غىدىقلاپ،

    يۈرىگىمدىن تۆشۈك ئاچىدۇ.

    مەن ئادەملەر قېنى دەپ

    ئىزدىگەندىن بېرى.

    كوچىلاردا مىغىلداپ يۈرگەن

    باشسىز تەندىن نىمە سورايمەن،

    ۋاي بولدىلا،بىر كۈنۈمنى ئۆتكۈزەي تىنىچ

    تەسەللىگە ئۆزەمنى ئوراپ

    ئىسسىق چۆمكىنىپ ئۇخلايمەن.

    مەندىكى ھەممە ئەزا

    كۆندۈرۈلگەن ئاڭسىز مەخلۇقتەك

    ئىگىسىگە بويسۇنار مەڭگۈ.

    پەقەت جان بېقىش زۆرۈر ئىكەنغۇ

    دەيدۇ..

    ئولجا ئىزلىگەن ئۇچقۇر كۆزلىرىم.

    رېتىملارغا ئېسىلىدۇ ھەم

    سۈرئەت تاللاپ ماڭغان پۇتلىرىم.

    ھالال-ھارام ئايرىماي يىغار،

    پەقەت..

    بەش بارمىقىنىلا تونۇغان قولۇم.

    ھاياتلىققا قەرىزدار ئەمەسمەن دەيدۇ

    يادلىۋالغان سۆزنى دىيىشكە

    كۆنۈپ كەتكەن ئاسىي تىللىرىم.

    پەقەت يىڭنە تۆشۈك ئاچقان بىر جايدىن

    قان ئارىلاش سىرغار زەرداپ سۇيۇقلۇق.

    رىئاللىقىمدا

    چىڭقىلىشتىن پۇشۇلداپ ھارغان

    سەزگۈلەردىن قاچقىسى كەلگەن

    كاللام قۇپقۇرۇق.

    ھا..ھا...مەن ئۇلۇغ ئادەم دەپ توۋلايمەن.

    شۇئارىم ئۇلۇغ.


    2010-يىلى3-ئاينىڭ22-كۈنى

    ئەسەر ھوقۇقى  ئەلكۈيى مۇنبىرىگە ۋە بەرگىيەگە تەۋە،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ





    خەتكۈچ: bergiye
    نەقىل ئادرىسى: