-
يامغۇردىكى كۆز يېشى - [تورداشلار نادىر ئەسەرلىرى]
تۈرى: تورداشلار نادىر ئەسەرلىرى | 2010-06-07
يامغۇردىكى كۆز يېشى
تۇمار
كېچە...
قاپقاراڭغۇ ھەم تىمتاس كېچە،
گۆرىستاندەك بىھۇشلارنى ئالغان قوينىغا،
بۇ كېچە غالىپ شۇنداق تاڭ ئۇلاشقۇچە.
شۇتاپ،
ھېچكىممۇ بىلمەس،
تەنھا بىر قىز ئازاب چەكمەكتە،
ئۇخلىماستىن مۇشۇ كەمگىچە.
كېچە...
قىز دىلىدەك زۇلمەتلىك كېچە،
ئايمۇ مۆككەن بۇلۇت كەينىگە،
يۇلتۇزلارمۇ چاراقلىماس ھېچ،
نىمجان ئۈمىد جېنى قىينىلىپ،
يانماستىنلا ئاخىر ئۆچكەچكە.
قىز ئازابى تۈگىمەس مەڭگۈ،
ۋاپاسىز يار كۆڭلى كۆچكەچكە.
كەتتى ئۇچۇپ خىيال كەپتىرى،
ئاستا-ئاستا...
تۈن قوينىدا كۆزدىن يۈتكەنچە.
بار ئىدى قىزنىڭ دىلدىن سۆيگىنى،
ھېلىھەم يادىدا شۇ يىگىتنىڭ،
"ئاھ جېنىم!"دەپ بىر چاغلاردا كۆيگىنى.
ئەمما...
بولدى ھەپتە قارىسىمۇ يوق،
شېرىن-شېكەر سۆزى بىلەن قىز قەلبىگە بېغىشلىماس زوق،
يانفون ئېتىك،
قەلبىمۇ ئېتىك،
بەلكىم،
"سېنى بىر كۈن كۆرمىسەم ئۆلىمەن جېنىم!"
دېگەن ۋەدىسى يادىدىن كېتىك.
ئۇھ!...
قەيەردىسەن؟نەلەردىسەن؟
كۆڭلى سىقىلدى شۇندىلا بىردىن،
تىنجىق تۇتۇق خۇددى بۈگۈنكى،
مۇشۇ كەيپى ناچار ھاۋادەك.
نىشانسىزلا ماڭدى قىز سىرتقا،
نېمىگىدۇر ئىچى تىتىلداپ،
بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ...
كېلىپ قالدى شۇ كونا جايغا.
كەلدى بىراق كەلگەنگە پۇشمان!
كەتتى يۈرەك شۇئان سىرقىراپ.
ئاھ!بۇ كۆرۈنۈش!
رېژىسسور يوق ئەمماكى كاتتا كۆرۈنۈش!
قىز قەلبىگەمەڭگۈلۈك پۈتكەن كۆرۈنۈش!
جۈپ كىشىلىك شۇ ئورۇندۇقتا،
ئولتۇراتتى يىگىتى غەمسىز،
نە غەم بەلكى چېھرىدە كۈلكە،
قۇچىقىدا غىلجىڭ بىر خېنىم،
ھېس قىلماستىن قىلچىمۇ ئەپسىز.
ئۆز كۆڭلىدە رومانتىكا ئۇ،
قىلىقىدا يوق ھېچبىر ھايا،
ئاھ!ئوڭۇممۇ بۇ چۈشۈممۇ؟!
يۈرەك بەرداش بېرەلمىدىغۇ،
ھاياسىزلار لەۋلىرى تەڭ جۈپلەشكەن چاغدا!
تۇرۇپ قالدى قاققان قوزۇقتەك،
ھېچبىر سېزىمسىز خۇددى گومۇشتەك،
ياق!سېزىم بار!ئاجايىپ ئاچچىق،
ئاچچىق تۇيغۇ،ئاچچىق ئوغىدەك.
مېڭىسىگە قەيەرلەردىندۇر،
خۇددى بىر پاي ئوق كېپ تەگكەندەك،
شۇئان ئۈلگۈردى كۆزىگە لىق ياش،
خۇددى دەرياغا قىيان كەلگەندەك.
يىگىت كۆرمىدى،
ئىزلەپ كەلگەن ۋاپادارىنى،
ئولتۇردى غەمسىز شۇ ئورۇندۇقتا،
كەينىنى قىلغانچە،
يوشۇرماقچى بولغاندەك خۇددى،
ئىپلاسلىققا تولغان ئەپتىنى.
تەڭرى كۆردى،
ئاچچىق ئازابتا ئۆرتەنگەن قىزنى،
چىدىماستىن دىل نالىسىگە،
تۆكتى قەھرىن،تۆكتى يېشىنى!...
شارقىرىغان قاتتىق يامغۇردىن،
ئەسلىگە كېلىشتى بىرجۈپ ھاياسىز،
تۇرۇشتى ئورنىدىن كەتمەكچى بەلكىم،
ئۆرۈلدى كەينىگە،
ئۆرۈلدىيۇ داڭقېتىپ قالدى،
يامغۇردا چىلىقشىپ تۇراتتى بىر قىز!
قىز كۆزىدە غەزەپ ۋە ئازابلىق ئۇچقۇن،
نە رەھىم-شەپقەت،
نە ئىچ ئاغرىتىش،
ھەم كۆرۈنمەس بۇرۇنقى يالقۇن.
كەچۈرەلمەس ئۇشبۇ يىگىتنى،
يۈرەكنىڭ قاتىلى چۈنكى بۇ ئازغۇن!
قىز يۈزىدىن ساقىغان شۇتاپ،
ياشمىدۇر،يامغۇرمىدۇر؟؟؟
گالۋاڭ يىگىت تۇرار تېڭىرقاپ،
ئىككىسىنى قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى قىز،
سالماق ۋە مەغرۇر قەدەملەر تاشلاپ.
شۇندا تەڭرى بەردى تەسەللىي:
《قىزىم يىغلىما!
ۋاپاسىزغا كۆرسەتمىگىن كۆزۈڭنى ياشلاپ،
يامغۇر دېسۇنكى،كۆز ياش دېمىسۇن!
قەددىڭ تىك تۇت،
غەيرەتلىك بولغىن،
ئۆتكۈز ھاياتنى مەناغا باشلاپ!》.
2010-يىلى20-ماي.تۇمار.شائىرە: ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن "تۇمار"
ئۈشبۇ شېئىر بۇ يەرگە ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەنن كۆچۈرۈلدى،باشقىلارنىڭ رۇخسەتسىز كۆچۈرىشىگە قەتئى بولمايدۇ!!
随机文章:
قارچۇقتا قاتقان مۇھەببەت 2010-06-05بەرگىيە شېئىرلىرى 2010-06-07تۈرك تىلىدىكى زامان شەكىللىرى 2010-06-06üzülme hatice üzülme! 2010-05-28رەھمەت ئېيتىش، كەچۈرۈم سوراش 2010-05-27
نەقىل ئادرىسى: