مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!. |
-
2010-12-26
لوندوندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى - [نادېر شئېرلار]
قارا ھىجران، دەردكە قېلىپ ئانىلار،
پۇل تاپىمان دەپ چىڭقىلىپ دادىلار،
كىرىپ چۈشكە ۋەتەندىكى دالىدا،
سېغىنىشتىن چوڭايسىمۇ يارىلار،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار.
كېلەي راسا ئوقۇي دېگەن نىيەتكە،
كېلەي دەپ ھەم كەلگۈسىدە كېرەككە،
ئىلىم-پەندە قاتنىشاي دەپ كۆرەككە،
ئارمانلىرى ئارام بەرمەي يۈرەككە،
ئوقۇيدىكەن لوندوندىكى بالىلار. -
2010-12-26
پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ شئىرلىرى - [نادېر شئېرلار]
سىنچاينى دوستلارغا تۇتۇپ خىرامان،
ئۆزۈم دەرد-ئەلەمنى چاي دەپ يۇتقاندا.
چاڭقىتتى پىتنىخور سۆزلىرى يامان،
سۇ ئۈچۈن قۇملۇقنى خۇمار تۇتقاندا.
سولىماق نە ئۈچۈن قەپەسكە راھمان—
شاتۇتنى، ئاۋازى دىلنى ئۇتقاندا. -
2010-12-26
قۇرغاقچىلىق - [نادېر شئېرلار]
قەھرىم بىلەن لېۋىمنى چىشلەپ
كۆبجىگەن تۇمۇرۇمنى كېسىۋەتتىم.
قۇياش چۇل - چۇل بولدى جىممىدە،
مەندىن باشقا ھەممە مەۋجۇدات
چىقىۋالدى كېمىگە...
ئۈزىۋەتتىم تۈگمىلىرىمنى،
بارمىقىمغا يىڭنە كىرسۇن دەپ.
كىچىكىمدە.
ئانام مېنى ئوتلاپ قاققىلى
دوقىراتتى ئۆي - ئۆيگە،يۇرۇن تىلەپ.
-
2010-08-12
ۋاي ، ئـــون تــــوقــــقــــۇز يـــاش - [نادېر شئېرلار]
شائىرە: "مىسرانىم " مۇنبىرىدىن " مېھرىزات " ۋاي ، ئــون تــوقــقــۇز يــاشمەن كەلگەندە بۇ ئالەمگە،
قۇتلۇقلاشقان يارقىن بىخلار كۆتۈرۈشۈپ باش
ئاتا - ئانامكۆزلىرىدە
پارلىغان قۇياش.
جەننەت كەبى ھۆر باغرىغا بېسىپ ئارزۇلاپ
تىلەپ بەختىمنى،تاجۇ - تەختىمنى...
تۆكۈلۈپتۇ كۆزلىرىدىن ھاياجانلىق ياش................................ -
2010-06-07
بەرگىيە شېئىرلىرى - [نادېر شئېرلار]
مەن بىر تامچە ياش
مەن قارچۇقىڭدىن سىرغىپ چىقىپ،
كىرپىكلەرنىڭ قورشاۋىدىن بوسۇپ چىقالماي.
تۇتقۇن بولغان بىر تامچە ياش.
يېرىم كېچە ئەجەپ ئەنسىز ھە؟!
...............................
-
2010-06-07
يامغۇردىكى كۆز يېشى - [نادېر شئېرلار]
يامغۇردىكى كۆز يېشى
تۇمار
كېچە...
قاپقاراڭغۇ ھەم تىمتاس كېچە،
گۆرىستاندەك بىھۇشلارنى ئالغان قوينىغا،
بۇ كېچە غالىپ شۇنداق تاڭ ئۇلاشقۇچە.
شۇتاپ،
ھېچكىممۇ بىلمەس،
تەنھا بىر قىز ئازاب چەكمەكتە،
ئۇخلىماستىن مۇشۇ كەمگىچە.
كېچە...
قىز دىلىدەك زۇلمەتلىك كېچە،
.......................... -
2010-06-05
پىچاق ئاسقان ئەر! - [نادېر شئېرلار]
پىچاق ئاسقان ئەر!
(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)
زور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت ،
ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى .
ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم ،
......................................
-
2010-06-05
قارچۇقتا قاتقان مۇھەببەت - [نادېر شئېرلار]
قارچۇقتا قاتقان مۇھەببەت
شائىرە" ئەلكۈيى مۇنبىرىدىن" :تۇمار
جىمجىت كېچە،
خىياللار ئەللەيلىنەر،
كۆزدە نە ئۇيقۇ،
مۇھەببەت،
يەنىلا شۇ مۇھەببەت.
شۇنداق بىر قىز ئۇ،
ئوماققىنە ئەمما تارتىنچاق،
ئۆتكىنىدە يىگىرمە بىر باھارى،
...........................