-
پىچاق ئاسقان ئەر! - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
تۈرى: ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن | 2010-06-05
پىچاق ئاسقان ئەر!
(غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت)
زور بەدەل تۆلەر دىل ئەسلەشكە بىر رەت ،
ئۇنىڭ شاپ بۇرىتىنى تولغاشلىرىنى .
ئۇنتۇشچۈن بىر ئۆمۈر قىينىلار ئادەم ،
ئۇنىڭ كۆك يالقۇنلۇق چوڭقۇر كۆزىنى .
رەستىنى تىرىتىپ كېلەر ئۇ گۈس گۈس ،
ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم .
كۆڭلىكى ۋەرت - ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار ،
چىڭقالغان بەستىگە چىدالماي ھەردەم .
سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا ،
ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاپ :
ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
ۋە يۈز يىل كىيىنكى ئەسلەنگەن ئازاپ .
بۇ شېئىر \" قۇمۇل ئەدەبىياتى\" ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدىن ئېلىنغان ئىكەن، \" ئىرپان \" لۇغىتىنىڭ ئىلكىتاپ سەھىپىسىن كۆچۈرۈپ ئەكەلدىم .
随机文章:
قارچۇقتا قاتقان مۇھەببەت 2010-06-05ئىزگۈلۈك مالائىكىسى2 2010-05-09ئىزگۈلۈك مالائىكىسى 2010-05-09ئوتتۇرا شەرق سۈكۈتتە(تۈركچە رەپ) 2010-05-07تۈركى مىللەتلەرنىڭ تارقىلىشى 2010-05-01
نەقىل ئادرىسى: