مەلەك تۈركچە ئۆگىنىش بىلوگى

سەلتەنەت سۈرگىن ئەي تۈرك قەۋمى!
  • <<  پىچاق ئاسقان ئەر! | باشبەت | كەچمىش  >>

    بوغۇلۇش - [ئىجادىيەتلىرىم]

    تۈرى: ئىجادىيەتلىرىم | 2010-06-05

    بوغۇلۇش!

     (مەلەك)


    خىرىس قىلىپ بارىمەن تەنھا،

    روھىمدىكى \"مەن\" ۋە \" ئۆز\" ۈمگە.

    چېقىلغاندا سەۋىر قاچىسى،

    قىساس قىنى تولار كۆزۈمگە.

    سىلكىنىدۇ زىمىن زىندانى،

    قاتتىق- قاتتىق كۈۋەجەش بىلەن.

    ئەنسىز كۆزلەر تۇرار چەكچېيىپ،

    ئەمما روھى شۇنچە زەبەردەم.

    شاراقلايدۇ روھلار زەنجىرى،

    تەپەككۇرى قانات قاقالماي.

    \"بوۋام كىم؟\" دەپ سورايدۇ بالا،

    ئۆتمۈشلەرگە جاۋاپ تاپالماي.

    قۇلۇپلانغان كاتتا تارىخنىڭ،

    قەسىرىدىن كىلەر مىڭ سادا.

    \" ناننىڭ نەسلى خار بولغان بارمۇ؟

    سەلتەنەت سۈر ئەي قەۋم قايتا! \"



    (ھىچقانداق يەرگە رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ،بۇ مىنىڭ تۇنجى شېئىرىم،تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 1- يىللىقىدا يازغانىدىم،بۇ يەردە سىىلەرگە ئوقۇپ بەرگۈم كەپ قالدى.بۇ ھەم ئەڭ ياقتۇرىدىغان  شېئىرىم،شۇڭا ھەممە يەردە ئاخىرقى مىسرانى ئىمزا قىلىپ


    随机文章:

    ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى 2010-06-15
    ئۈمىدنى ئاياپ قېلىش 2010-06-05
    مەلەك شېئىرلىرى 2010-05-10
    كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچىلار 2010-04-29
    كىمنىڭ بالىلىق خاتىرىسى يوق؟ 2010-04-28




    خەتكۈچ: boghulush
    نەقىل ئادرىسى:
    melek ۋاقتى 16:00:04 | تەھرىرلەش | داۋاملاشتۇرۇش | بەھىرلىنىش | 分享 0
  • زىيارەتچىلەر:
  • RSS 什么是RSS?
    用IM提醒我内容更新
    订阅到QQ邮箱
    订阅到鲜果阅读器
    订阅到Google阅读器
    订阅到抓虾阅读器
  • 《城客》第四期:创意之城
    博客大巴
    博客大巴使用指南
    博客大巴模板中心
    免费注册博客大巴
    一键博客搬家工具
    中文互动杂志城客
Copyright © 2002-2010 BlogBus.com, All Rights Reserved. 博客大巴 版权所有
نۆۋەتتىكى ئۇسلۇب:مۇڭچى | ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى