-
كەچمىش - [ئىجادىيەتلىرىم]
تۈرى: ئىجادىيەتلىرىم | 2010-06-05
كەچمىش
(مەلەك)
ئۆكتەبىرنىڭ يىگىرمىسى بۇ،
كەتمەك بوپتۇ كونا يىل ئۇزاپ.
كونا يىلدا قالدى قايسى ئىز،
تىڭىرقايدۇ مەلەك بۇنىڭغا.
خۇش بولغىدەك جاۋاپ تاپالماي.
دەل شۇ چاغدىلا،
سۇغۇرلۇپ چىقار.
چىگىشلەنگەن ئەسلىمە يىپى،
ئۆمۈچۈك تورىدەك رەڭسىز ئۆتمۈشتىن.
خوۋلۇق كۆرمەي ئازاپ چىكىلگەن،
بەكلا سەبىي بەك سەبى يۈرەك.
قىسسىسىنى باشلار ئۆكسۈشتىن،
17-پەسلى ھاياتنىڭ.
كىرىپ قالدى سۆيگۈ بېغىغا،
سۆيدى ئۇمۇ سۆيدى مەلەكمۇ.
تۇنجى سۆيگۈ شىرىن پىراقى.
چىكىلگەنتى يۈرەك قېتىغا،
قىسمەتنىڭ شۇم تەتۈر بورىنى.
تاشلاپ قويدى ھىجران چۆلىگە.
شۇندىن بېرى تىنەپ-تەمتىرەپ،
مەلەك يەنە كەلمەكتە ياشاپ.
گاھ شاتلانسا شىرىن ئۆتمۈشتىن،
گاھى يەنە كۆزىنى ياشلاپ.
چىدام،غەيرەت قەيسەرلىك بىلەن،
ئۆتكۈزسىمۇ كۈنلەرنى ساناپ.
ۋىسال ھەرگىز كەلمەس يېقىنلاپ،
ئۈمىدسزىلىك قورشاۋى ئارا.
مۆلدۈرلەپ تۇرغان يىگانە ئۈمىد،
شۇمۇ ئۆز ھالدا غەمكىن مەلەكنى.
كولدۇرلىتىپ كەلمەكتە ئالداپ،
\" قۇرۇپ كەتسۇن جۇدالىق دىگەن\"
دىسە مەلەك ھىجراندىن زارلاپ.
بەزلەپ قويار شۇ ئۈمىد پات-پات.....
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ،ئەسەر ھوقۇقى مەلەككە تەۋە!!!
随机文章:
ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى 2010-06-15مەلەك بۈگۈن مۇھەببەت ھىكايىسى سۆزلەيدۇ.!!!! 2010-06-05سۈپەت سۆزلىرى 2010-05-28üzülme hatice üzülme! 2010-05-28كۈندىلىك خاتىرەمدىن پارچىلار 2010-04-29
نەقىل ئادرىسى: