• ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى - [ئىجادىيەتلىرىم]

    تۈرى: ئىجادىيەتلىرىم | 2010-06-15

    ئۆگەي ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

    (مەلەك)


    * ئاينىڭ * كۈنى ھاۋا ئوچۇق

         بۈگۈن ئىرىم ئۆيدە يوق.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەچچە  كۈندىن بۇيان يۇيۇش خوش ياقماي دۆۋىلەپ قويغان كىرلەرنى 12 ياشلىق ئۆگەي ئوغلۇم مەۋلانغا يۇغىلى سالدىم،بۇ شۇمتەك يۇمىسا مەندىن تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلگە چكە گەپ قىلماي مىجىقلاپ يۇيۇشقا باشلىدى. پاكىز يۇيالمايدىغانلىقىنىى بىلىپ تۇرساممۇ يەنىلا يۇغۇزدۇم.
    چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا 10 ياشلىق قىزىم بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يىدىم،مەۋلان كىرنى يۇيۇپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاماق بەرمىدىم،جېنىمنى چىقىرىپ بىز تاماق يەۋاتساق بۇ گۇي ئېچىنى سىلىپ قويغان چېغى،كەچكە يېقىن قىزىمنىڭ قورسىقى قاتتىق ئاغرىپ كەتتى.ئۇ شۇمتەكنى « سەن تاماققا ئېچىڭنى سىلىپ قويۇپسەن » دەپ ھارغۇچە دۇمبالىۋالدىم.
    ئەلۋەتتە يۈزىگە ئۇرمايتىم،دادىسى كۆرمەيدىغان يەرلىرىگە ئۇراتتىم.بۈگۈن دادىسى ماڭار چاغدا تېخى « خوتۇن مەۋلان بىلەن ئۇرۇشماي ،مەن كەلگۈچە چىرايلىق ئولتۇرۇپ تۇرارسىلە» دەپ ھىجىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى دېسە،ئۇنىڭ شۇ دېگىنى ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇ قايتىپ كەلگۈچە بۇ يىتىمەكتىن تازا بىر دەردىمنى ئىلىۋالمىسام.
         قىزىم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ،بۇ جىنتەك كېچىلىرى ھىكايە ئاڭلىمىسا ئۇخلىغىلى ئۇنىمايدۇ،ھەقىچان شۇنىڭغا چاقىردى،كىرىپ كىتاپلاردىن ئوقۇۋالغان مۇھەببەت ھىكايىلىرىدىن بىر قانچىنى ئېيتىپ بېرىپ چىقاي،بۈگۈن مۇشۇ
    يەرگىچە يازاي.
     
    * ئاينىڭ*  كۈنى  ھاۋا تۇتۇق

    بۈگۈن ماۋۇ يىتىمەك دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا مېنى مەسخىرىگە قويدى،ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق: بىر قانچە دوستۇمنى ئۆيگە تاماققا تەكلىپ قىلغان ،ئۇنىڭغا :« مىھمانلار ئۇزىمىغىچە،داستىخانغا يېقىن كەلمە!» دەپ جېكىلىگەنىدىم.
    قىزىمنىڭ تاتلىق تۈرۈم يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بىر دوستۇم ( ئۇنىڭ بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ئىدى،سەت تۇرمىسۇن دەپلا چاقىرىپ قويغان،ئۇ كەچكىچە بالىلىرىڭغا ئوخشاش مۇئامىلە قىل دەپ پەلسەپە سۆزلەپ يۈرۈيدۇ) تاتلىق تۈرۈملەردىن ئوغلۇمغىمۇ ئېلىپ بېرىپتۇ،بۇ سولتەك مىھمانلارنىڭ ئالدىدىلا:«رەھمەت ھەدە،بۇنداق تاتلىق كەمپۈتلەرنى يىمىگىلى بەك ئۇزۇن بوپتىكەن» دېمەسمۇ،دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى ماڭا چۈشىنىكسىز نەزەرلىرى بىلەن تىكىلىپ قارىدى،نۇمۇستىن ئۆلگۈدەك بولدۇم،مىھمانلار كەتكەندە بۇ شۇمتەكنى قوللىرىم تېلىپ قالغۇچە ئۇردۇم،ئاچچىقىمنىڭ ئەڭ كەلگىنى ئۇنى قانچە كۈچەپ ئۇرساممۇ ئۇ يىغلاپ يالۋۇرۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرىۋالىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئاچچىغىم تېخىمۇ كېلىپ تېخىمۇ كۈچەپ ئۇرۇپ كىتىمەن.
    ۋايجان بولدىلا،بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئويلىساملا قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرىدۇ،مۇشۇ يەرگىچە يازاي.

     

    * ئاينىڭ*  كۈنى  ھاۋا تۇتۇق

    بۈگۈن ھاياتىمدا چوڭ بىر بۇرۇلۇش بولدى،بۈگۈنكى  بۇ يامغۇرلۇق كۈننى ھەرگىز ئېسىمدىن چىقىرالمايمەن.
    قىزىم ۋە يىتىمەكنى (توۋا ما ئاغزىم بۇ گەپكە ھەجەپ كۆنۈپ كىتىپتا) ئېلىپ چوڭ ئۆيگە باردۇق.
    مەن قىزىمنى يىتىلەپ ئالدىدا ماڭدىم،يىتىمەك،ياق ئۆگەي ئوغلۇم ئارقىمىزدىن سۆرىلىپ كىلىۋاتاتتى،قوللىرىدا بىر مۇنچە نەرسە-كىرەك بولغاچقا ئارقىمىزدا قالسىمۇ گەپ قىلمىدىم.
    ھاۋا گۈلدۈرلەپ سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى،مەن قىزىم بىلەن قەدەملىرىمنى تىز-تىز ئېلىپ مېڭىپ كەتتىم،يول بىردەمدىلا پاتقاقلىشىپ كەتتى.
    بىر چاغلاردا ئارقامغا قارىسام مەۋلان تولىمۇ يىراقتا قاپتۇ،ئىككى قولىدا ئىككى خالتا،تىيىلىپ دېگۈدەك كىلىۋاتقان ئۇنىڭ شۇ تۇرقى دېڭىز بويىدا كىتىۋاتقان پىنگىۋىننى ئەسلىتەتتى.بەك كۈلگۈم كەلدى،ئەمما كۈلمىدىم،ئەكسىچە ئۇنى
    ۋارقىراپ توۋلىدىم .

     شۇ ئەسنادا نېمە بولدۇم بىلمەيلا قالدىم،كولانغان ئورەككە چۈشۈپ كەتتىم،ئورەك ئادەم بويىدىن سەل ئېگىز ئىدى،چىرايلىق كىيىملىرىم لاي بولۇپ قارىغۇسىز بولۇپ كەتتى،قىزىمنى چاقىردىم،ئۇ ئورەك بېشىغا كىلىپ سەت چىرقىراپ يىغلاشقا باشلىدى،ئەگەر باشقا ۋاقىت بولىدىغان بولسا ئۇنى يۈگىرەپ كىلىپ ئۇنى پەپىلەيتىم،ئەمما ھازىر ئۇنىڭ يىغىسى ئوغامنى تىخىمۇ قاينىتىۋەتتى،« يىغلاماۋا شۇم،ئاناڭ تىخى ئۆلمىدى،ھەممىسى سەن شۇمنىڭ كاساپىتى،ماڭا ئېسىلىپ ماڭماي جىم ماڭغان بولساڭ مۇشۇ ئىش يوق،ماڭە بېرىپ ئادەم چاقىرىپ كەل!» دېدىم،قىزىم تۇنجى قېتىم مەندىن تىل ئاڭلاۋاتقان بولغاچقا ھەيران قالدىمۇ بىلمىدىم،ئورەك بېشىدا ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن :« ۋىيسا ما ۋو، ئۆزەڭ چۇلەي!» دەپ ۋارقىراپ قويۇپ ئورەك ئاغزىدىن غايىپ بولدى .
    بۇ شۇمتەكنىڭ خەنزۇچە كالدىرلاشلىرىنى بۇرۇن چۈشىنەتتىم،ھازىر ئورەك ئىچىدە مۇشۇنداق مۇھىتتا بولغاچقىمىكى ئاڭقىرالماي ئۇنى توۋلىدىم،بىر ھازا تۇردۇم،شەپە يوق.
    يامغۇر تېغىچە يېغىۋاتاتتى،ئورەك ئىچى بەكلا لاي بولۇپ كەتتى،ئامالسىز ئۆگەي ئوغلۇم مەۋلاننى چاقىردىم .
    -مەۋلان !!! مەۋلان !!!!
    يىراقتىن ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
    -ئاپا!سىزقېنى؟ قەيەردە سىز؟
    ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئاپا دىگەن شۇ بىر ئېغىز سۆزى شۇنداق يېقىملىق تۇيۇلۇپ كەتتە،بۇرۇنقى ۋاقىت بولىدىغان بولسا ئۇنى ئاشۇ گىپى ئۈچۈن تازا قوياتتىم،ئەمما مۇشۇ شارائىتتا تۇرۇپ بۇ گەپ قۇلىقىمغا مايدەك يېقىپ كەتتى.
    -ئوغلۇم مەن بۇ يەردە،مەن بۇ يەردە!!!!
    خۇددى مېنى قۇتقۇزغىلى بىر خىزىر  كىلىۋاتقاندەك ھاياجانلىنىپ خۇشال بولۇپ كەتتىم .
    بىر چاغدا ئۇ ئورەك بېشىدا پەيدا بولۇپ :« ئاپا قورقماڭ،بىر نېمە بولمىغانسىز،مەن ھازىرلا ئادەم چاقىرىپ كىلەي،قورقماڭ ھە ئاپا چوقۇم چىقىپ كىتەلەيسىز» دەپ ئورەك بېشىدىن غايىپ بولدى.
    ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.
    ھىم دەپ يىغلامسىراپ تۇردۇم.
    ئارىدىن بەش مىنۇتچە ئۆتكەندۇ،بىر قانچە ئادەمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،ھاياجاندىن يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ  سەكرەپ  كەتتى .
    ھەقىقەتەن مېنى قۇتقۇزغىلى كەلگەنلەر ئېدى،ئۇلار ئارغامچا ئۇزىتىپ ،تارتىپ چىقىرىۋىلىشتى،ئۈستى- بېشىمغا قارىغىلى بولمايتى.
    مەۋلان :« ئاپا،بىر يېرىڭىز ئاغرىدىمۇ؟قاتتىق چۈشۈپ كەتتىڭىزمۇ؟» دەپ ئۈستى- بېشىمدىكى لايلارنى قېقىشتۇرۇپ سۈرتۈشكە باشلىدى.
    تەسىرلەنگىنىمدىن كۆزلىرىمدىن توختىماي ياش ئاقتى،مېنىڭ يىغامنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمىگەن مەۋلان :«ئاپا ،سىڭلىمدىن ئەنسىرەۋاتامسىز،يىغلىماڭ،ئۇنىڭغا ھىچئىش بولمايدۇ،مەن ئادەم ئىزدەپ ماڭغاندا ئۇ ئۇدۇلدىكى دۇككاندا بىر نەرسە يەپ ئولتۇرۇپتىكەن » دېدى .
    ئۇنىڭغا قىلغانلىرىمدىن تولىمۇ خېجىل بولدۇم،مەن نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىر ئانا ئەمەس ھايۋاندەك ياشاپ كەپتىمەن ئەمەسمۇ؟!!؟
    كۆزلىرىمدىن ياش ئاقماقتا،ئۇنى باغرىمغا مەھكەم بېسىپ :« ئوغلۇم مېنى كەچۈر،سەن ئەمدى يىتىم ئەمەس،سەنمۇ مېنىڭ ئۆز بالام،مېنى كەچۈر .....» دەپ پىچىرلىدىم.
    ئۇ تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ ئىللىق مۇئامىلەمدىن ھەيران بولغاندەك جىممىدە قاراپ تۇردى.
    بولدى،بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە يازاي،ئوغلۇم يوتقىنىنى ئېچىۋەتتىمىكىن قاراپ باقاي،ئۇنىڭغا ئانا بولغان مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيان بىرەر قېتىممۇ كىچىلىرى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ قاراپ باقماپتىمەن،بۇندىن كىيىن خاتىرەمگە ئوغلۇم بىلەن ئۆتكەن گۈزەل كۈنلەرنى يېزىشقا تىرىشىمەن.

    مەنبە :مەلەك قەلىمى ،كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ





    خەتكۈچ: uvey anne
    نەقىل ئادرىسى: