مەن بىر ئوقۇلۇشنى كۈتۈپ ،جاھازىدا ياتقان بىر كىتابمەن.مېنى چۈشىنىش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئوقۇشۇڭ كىرەك.

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-18

    مەن بىلەن تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟ - [تۈركچە ناخشىلار]

    نۇرى جان(تۈركىيە)
    ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى:مەلەك
    ئايلانسام گەر نۇرسىز يۇلتۇزغا، 
    كۆككە قاراپ مېنى ئىزدەمسەن؟
    تىزلىرىمنى قۇچاقلاپ بىر كۈن،
    تۈگۈلۈپ قالسام كۆڭلىن بۇزامسەن.

    ئۈششۈك تىگىپ مۇزلىسام ئەگەر،
    مىھرىڭ بىلەن باغرىڭ ياقامسەن؟
    يارىلىرىمنى تېڭىپ قولۇڭدا،
    ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟

    ئايرىلغاندا دادا بالسىدىن،
    ماڭا ئوخشاش سەنمۇ كۆيەمسەن؟
    شىۋىرلاپ مەن ئىيتسام ئەگەر،
    ئازابىمنى ئاڭلاپ كېتەمسەن؟

    يامغۇر كەبى تۆكۈلسە يېشىم،
    سۈرتەلمەستىن يا ئۇھسىنامسەن؟
    كىرپىكلىرىم ئۈستىدە شەبنەم،
    قىيا بېقىپ ماڭا قارامسەن؟

    ھەسرەت پۇراپ تۇرغان تىنىقتىن،
    دەرىزەڭنى چەكسەم ئاچامسەن؟
    غېرىپ باسقان ساھىل قوينىدىن،
    قولۇڭ بېرىپ ئىلىپ كىتەمسەن؟

    مەلھەم بولۇپ ئۈشبۇ يارامغا،
    ياكى يالقۇن كەبى كۆيەمسەن؟
    بىر يىتىمنىڭ ئاھۇ-زارىدىن،
    ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟


    يامغۇر چۈشكەن خىنىگە ئوخشاش،
    سەنمۇ يۈرەك قىتىغا چۈشەمسەن؟
    كېچىلىرى ھۇشقىتسا بوران.
    ئازابلىنىپ كۆڭلىن بۇزامسەن؟


    ئەلەملەردىن مۇجۇلسا دىلىم ،
    يۈرىكىڭنى ماڭا چاتامسەن؟
    كىسەل بولۇپ چۈشسەم سەكراتقا،
    ۋۇجۇدۇڭنى يا تىترەتمەمسەن؟

    كەچ بولغاندا ئىزتىراپ ئىچرە،
    يانلىرىڭدىن مېنى ئىزدەمسەن؟
    ساڭا مۇھتاج بولۇپ چاقىرسام.
    بىر يۇتۇم سۇ ماڭا سۇنامسەن؟

    كەل يېنىمغا دېسەم ئامرىقىم،
    قاپاق تۈرۈپ خاپا بولامسەن؟
    يۈرىكىڭدىن ئەزىزلەپ ياكى،
    مېنىڭ ئۈچۈن شېئىر يازامسەن؟
    ئەجەل يىتىپ يۇمۇلسا كۆزۈم،
    ئولتۇرۇپ تەڭ كۆز ياش تۆكەمسەن؟
    Oturup Benimle Ağlar mısın ?
    Işığını yitirmiş bir yıldız olsam
    gökyüzünde beni arar mısın?
    dizlerimin üstüne yığılıp kaldığımda
    üzülür müsün?

    alır mısın koynuna üşüdüğümde?
    yaralarımı bağlar mısın?
    oturup benimle ağlar mısın?

     
    Çocuğunu yitirmiş bir baba
    dizlerine vururken umarsız.
    senin de yanar mı yüreğin?
    acımı anlatsam dinler misin?
    oturup benimle inler misin?
    bulutlandığında gözlerim
    gözyaşımı siler misin?

    İçimde kanlı cam kırıklarıyla
    titrerken gece kirpik uclarımda
    hüzün koktuğunda pencereme vuran yağmur
    seslensem sesimi duyar mısın?
    dokunur musun hasretime?
    alır mısın beni bu uzak diyarlardan?

    Yanar mı yüreğin seninde?
    bir yetim ah! çektiğinde?
    boyun büktüğünde kınalı bir çiçek
    düşer mi acı canevine?
    yanar mısın alevine?
    inler misin sende?
    gece rüzgar inlediğinde! ...

    Acılar kavururken yüreğimi
    yüreğini yüreğime ekler misin?
    titrer misin üzerime?
    hastalandığımda yataklarda
    başucumda bekler misin?
    dinler misin acılarımı anlattığımda?
    ağlayıp benimle inler misin?

    Vakit gece olunca, gözlerim tavanda
    hasta düşünce sıkıntılar içinde, çaresiz
    bir yudum suya muhtaç kaldığımda
    acı ile kıvrandığında bedenim yatakta
    arasam, sana ihtiyacım var desem gelir misin?
    bir şiir yaz desem baharlardan, yazar mısın?
    öldüğümde ağlar mısın?
    arar mısın kıyı köşe?
    boynu bükük bakar mısın ardımdan?
    yüreğimi yüreğinde saklar mısın?




    评论

  • مەن بارغانچە ياقتۇرۇپ قېلىۋاتىمەن بۇ تىلنى
  • رەھمەت مەلەك !مۇشۇنداق لىرىكىلارنى تاپىدىغان تور بەتلەر بولسا دەپ بەرسىڭىز مەنمۇ تەرجىمە قىلىپ باقاي دىگەن ئىدىم .[cusFace:2]
    مەلەك回复تارىخ说:
    مەنمۇ بەك بىلىپ كەتمەيمەن،ئۆزۈم بىلىدىغان شائىرلارنىڭ ئىسمىنى گوگۇلغا يېزىپلا ئىزدەيمەن
    2010-12-20 16:48:55

مەلەك:بارلىق ھوقۇق مەلەك بىلوگىغا مەنسۇپتۇر،يازمىلارنى رۇخسەتسىزكۆچۈرمەڭ،خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك