مەن بىر ئوقۇلۇشنى كۈتۈپ ،جاھازىدا ياتقان بىر كىتابمەن.مېنى چۈشىنىش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئوقۇشۇڭ كىرەك.

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-25

    چۈش ۋە رىئاللىق - [ئىجادىيەتلىرىم]

    (ئەي قۇياشسىز شەھەر،توختىماي ياغىدىغان يامغۇرىڭدىن بىزارمەن)
    بىر چۈش كۆردۈم ئۈشبۇ چۈشۈمدە،
    كۆزلىرىمدەك ياشلانغان دۇنيا.
    ئۇ شۇنچىلا سوغۇق بىۋاپا،
    بار مېھرىمنى بەرسەممۇ ئاڭا،
    مېنى يالماپ يۈتەتتى ئاستا،
    كۆز يەتمەيتى يېراق-يىراققا.
    قۇياش يۈزىن كۆرمەك بەكمۇ تەس
    چىقىپ كەلسە قۇياش شەرقتىن،
    نۇر چاچاتتى ئۈمۈدىم بىر پەس.
    ئالدىمدا تۇراتتى بىر دوڭغاق  جىگدە
    دېگۈدەكمەن ئۇنىڭغا ئۇزاق يۆلىنەي.
    قۇياش يولىغا باققاندا ھەر چاغ،
    مۇزدەك ئۈمىد يامراپ ئۇنىڭدىن
    توسۇۋالار بولۇپ چوڭ بىر تاغ .
    قاغىغا قاراپ دېگۈدەكمەن بىر چاغ:
    كۆكتە ئۇچقان ئەي قارا قاغا
    ھەۋىسىم بار ساڭا قەۋەتلا،
    ئۆز ھالىڭدا ئۇچىسەن غەمسىز
    نەگە دېسەڭ بارالايسەن تېز.
     
    قۇياش ئىزدەپ يۈرگىدەكمەن بىر چاغدا،
    ئۆركەشلىگەن كەڭ بىپايان قۇملۇق باغرىدا،
    يېتىۋالاي دېدىم بىر قېتىم
    يۈرىكىمدە قاتقان قان-ياشلار
    ھارارەتتە ئېرىيتى بەلكىم.
    ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە
    ئۆرلىمەكتە سوغۇق ھارارەت،
    قاراڭغۇلۇق ئېزىپ قالدى بۇ يەردە.
    تاڭ ئاتسىمۇ ئۆيىگە كەتمەس ئىمىش،
    قۇياش چىقمىغاچ بۇ شۇملۇق جايدا
    زېمىن ئانا ھىجران بىلەن يىغلار ئىمىش.
    كۆۋەجەيتى ئوچاقتىكى ئوت،
    نەشتىرىنى چىقىرىپ ماڭا.
    مېنى يالماپ كەتمەك بولاتتى
    مېنى ئەمەس ھەتتا دۇنيانى.
    دەل شۇ چاغدا ئويغىنىپ كەتتىم،
    قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتتىم.
    دوزاخ دېگەن شۇنداق بولارمۇ؟
    ئۆز-ئۆزۈمدىن شۈركىنىپ كەتتىم.
    مەن نېمانچە گۇناھكار بەندە؟
    كاللامدا پەيدا بولدى شۇ چاغ،
    بەك ئەسەبىي غالجىرانە روھ.
    ئىچ-باغرىمنى ئۆرتەپ تېنىمسىز
    تىلىۋەتكۈم كەلدى گۆشۈمنى
    لېۋىم چىشلەپ ھېچبىر تىۋىشسىز
    يۈز-كۆزۈمگە ياشلار يامرىدى
    ئاھ قۇياشىم قايدېسەن قايدا،
    مۇدھىش چۈشلەر كەلمىگىن قايتا.




مەلەك:بارلىق ھوقۇق مەلەك بىلوگىغا مەنسۇپتۇر،يازمىلارنى رۇخسەتسىزكۆچۈرمەڭ،خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك