مەن بىر ئوقۇلۇشنى كۈتۈپ ،جاھازىدا ياتقان بىر كىتابمەن.مېنى چۈشىنىش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئوقۇشۇڭ كىرەك.

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-18

    Geniş Aile چوڭ ئائىلە - [تۈركچە كىنو- فىلىملەر]


    "چوڭ ئائىلە" نىڭ جاھىل ئوغلى جەۋاھىر فىلىمدىكى باش قەھرىماندۇر،بىر گىرمان قىز بىلەن توي قىلىپ گىرمانىيەگە كىتىدۇ،ئۈچ ئايدىن كىيىن ئاجرىشىپ قايتىپ كىلىپ ئائىلىسىدىكى مەسلىنى تېخمۇ قالايمىقانلاشتۇرۋىتىدۇ.ئائىلە باشلىقى دادا ئۆز قىزى نازاننى ياتلىق قىلىپ ئۆينىڭ نوپۇس سانىنى ئازلىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندا جەۋاھىرنىڭ قايتىپ كىلىشى ئۆيدىكىلەرنى پاتپاتراق قىلىۋىتىدۇ.يا تۈزۈك ئوقىماي،يا ئىشلىمەي ،ئىش تېرىپلا يۈرۈيدىغان جەۋاھىرنىڭ پەيدا بولىشى دادىنى جىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆيدىن چىقىرۋىتىدۇ.كوچىدا قېلىشنى خالىمىغان جەۋاھىر سىڭلىسىنىڭ توي ئىشىنى بۇزۇش ئۈچۈن پىلان تۈزىدۇ.ئۇنىڭ بۇرۇنقى سۆيگىنى شۇكۇفە ئۇنىڭ دۈشمىنى بىلال بىلەن تېپىشىۋالغانىدى،شۇنداق قىلىپ جەۋاھىر ئۆز پىلانىدا،دادىسى نوپۇسنى ئازايتماق پىلانىدا كۈرەشتەدۇر.

    باشقا قىسىملىرى ئۈچۈن Burayı tıklayın  
    http://www.youku.com/playlist_show/id_4335056.html

     





مەلەك:بارلىق ھوقۇق مەلەك بىلوگىغا مەنسۇپتۇر،يازمىلارنى رۇخسەتسىزكۆچۈرمەڭ،خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك