مەن بىر ئوقۇلۇشنى كۈتۈپ ،جاھازىدا ياتقان بىر كىتابمەن.مېنى چۈشىنىش ئۈچۈن قايتا-قايتا ئوقۇشۇڭ كىرەك.

مەلەك: بۇ دۇنيادا ئۆگىنىش قەرزىمىز بار،بۇنى ھەر ۋاقىت ئەستىن چىقارماڭ!.

  • 2010-12-24

    بەدىرخان كۆكچە - [تۉرك يۇلتۇزلىرى]

    تۈركچە نەسىرى ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغىنىم بەدىرخان كۆكچەنىڭ ئەسەرلىرىدۇر،چۈنكى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى رومانتىكىلىقتىن خالى ،دەل بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ تىز سىزمىسىدۇر.
     بۇندىن ئىككى ئۈچ يىل مۇقەددەم  يىل مۇقەددەم «سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ ئانا» ناملىق نەسىرى شېئىرى بىلەن تونۇشقىنىمدىن باشلاپ ئىزچىل ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىز قوغلاپ كەلدىم.تاھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ\"ئاكا مەن كوچا بالىسى\"\"دادا ئويغان\"قاتارلىق بىر نەچچە ئەسىرىنى ئۇيغۇرتىلىغا ئۆرۈپ سىلەر بىلەن ئورتاقلاشقانىدىم.بۇ قېتىم سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغانلىرىم ئىلگىركىدىن پۈتۈنلەي باشقىچە يېزىلغان يىڭى ئەسەرلىرىدۇر
    .
    ئالدى بىلەن قەلەم تۇلپارىنى ھەقىقەت يولىدا چاپتۇرغان شۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
    ئەڭ ياخشى تەرجىمىھال يەنى تونۇشتۇرۇش  ئىنساننىڭ قەبرە تېشىغا يېزىلار،ئىنسان ئۆگەيلەيدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر باردۇرئەمما  بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخنى ھىچكىم يوق قىلىۋىتەلمەيدۇ،ئۆگەيلىيەلمەيدۇ،يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ كەچمىشلەر پىيازنىڭ پوستىدەك بىر قات بىر قاتتىن قېلىنلاپ ماڭار،ھەركىم ئۆز تارىخىنى يازغاندا پايدىسىز تەرەپلەرنى ،ئازابلىق كەچۈرمىشلەرنى ئەگىپ ئۆتۈپ كىتىدۇ.ئەمما بەدىرخان تۇرمۇشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىدىن خىجىل بولمايدۇ. 
    ئۇ ئارداھانلىق «ئاز ئېشىم،دەرتسىز بېشىم» دەپ ياشايدىغان نۇرغۇن كىشلەردىن پەرقلىق بولغان كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ،بالىلىرى ئۈچۈنلا ياشاشنى تاللىغان تاغ شامىلى زەكىريا ئەپەندىنىڭ ئوغلىدۇر.
    20-مارت قورسىقى ئاغرىپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان گۈلگەز خانىمنىڭ قولىغا 21-مارت سەھەردە «ئوغلىڭىز » دەپ بېرىلگەندە ،ھېچكىم 21-مارتنىڭ «دۇنيا شېئىر كۈنى» قىلىپ بىكىتىلىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى،بالىلىقتىكى بەدىرخان ھىچكىمگە ئوخشىمايتى،ھەركىم توپ ئوينىسا ئۇ شۇنچە ئامراق بولسىمۇ ئوينىغۇسى كەلسىمۇ توپنى بىر تىپىپپ يەنە ئاياغلىرىنى يىرتىۋىتىشتىن ،ئاتا-ئانىسىنى غەمگە سېلىشتىن قورقاتتى.ئۇ بىر چەتتە سۇ ۋە سېغىز ساتاتتى،تاپقان پۇللىرىغان «كامالىدىن تۇغچى» ،«ئۆمەر سەيفەتتىن » لەرنىڭ كىتاپلىرىنى سېتىۋالاتتى.
    چوڭ بولغانچە،تاپقان پۇللىرىغا چىلىشچىلىق ماھارەتلىرىنى ئۆگەندى،ئوقۇشتىن سىرت يەتتە يىل چايخانىلاردا چاي توشۇغۇچى بولۇپ ئىشلىدى،بىردىن ت ر ت نىڭ مودىللىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئۇنىڭدىمۇ غەلبە قىلدى.چىلىشچىلىق فورمىسى كىيىپ،چاي توشۇيدىغان پەتنۇسنى تۇتۇپ،بىر قولىنى بىلىگە تىرەپ تۇرسىمۇ روھى سىقىلاتتى،يۈرىكىدىكى ئوت لاۋۇلداپ ئارام بەرمەيتى.
    1993-يىلى 20-ئاۋغۇستتىن باشلاپ «خەيىرلىك كەچ ئەنقەرە» دۇنيا رادىئو پىروگراممىسىنىڭ مىكروفۇنى ئالدىدا بەدىرخان ئولتۇرىدۇ.ئاز ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل پەيتەختكە تونىلىدۇ.
    1996-يىلى بارلىق ئىشىك ۋە دەرىزىلەر بەدىرخانغا ئېچىلىدۇ.تەكلىپكە بىنائەن خىزمىتىدىن ئىستىپابېرىپ ئەنقەرەنىڭ يەرلىك تىلىۋىزىيە قانىلى «ئا» دا ئىشلەيدۇ.1998-يىلى ئۇ ئىشلىگەن شېئىر پىروگراممىسى مەدەنىيەت پىروگراممىلىرى بويىچە RTGD TV OSCAR مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.1999-يىلى ھازىر ئويلاشنى خالىمايدىغان،ئويلىسىلا كۆڭلى يېرىم بولىدىغان تۇنجى شېئىر پىلاستىنكىسى ۋە كىتابى نەشىر قىلىنىدۇ.
    2000-يىلى ئىستانبۇلغا يۆتكىلىپ TGRT,TRT,CINE5 قاتارلىق خەلقئارا تىلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىدا شېئىر پىروگراممىسىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدۇ.2005-يىلى «بېشىم كۆزۈم ئۈستىدە» ناملىق ئىككىنچى پىلاستىنكىسىنى ۋە يەنە شۇ يىلى «شىپالىق ھەسرەت» ناملىق شېئىر كىتابى نەشىرى قىلىنىغاندىن كىيىن يۈرىكىنى تىڭشاپ «تاتلىق ئاۋاز» رادىئوسىدىن ئايرىلىپ «BEST FM » رادىئوسىغا يۆتكىلىدۇ ، يالغۇزلۇق ۋە ھەسرەتلىرىنى FM ئازايتىدۇ،دەردىگە دەرمان بولىدۇ.
    بۇ مەزگىلدە «پادىشاس تىلىۋىزىيىسى» تەرىپىدىن «ئىز قالدۇرغانلارغا ئىز قالدۇرۇش » نامىدىكى «تۈرك تىلىنى ئەڭ توغرا ۋە يىتەكچى قىلىپ قوللانغۇچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ.بۇ مۇكاپات ئۇنى يېڭى بىر زامان ۋە ماكانغا باشلاپ كىرىدۇ.
    ئۇ ھازىر ئۆزىنى تىڭشىغانلارنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاپ ،يۇرتمۇ -يۇرت كىزىپ ،پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ دەردىنى تىڭشىماقتا،ئايىغى تەككەنلىكى يەرگە شېئىر قالدۇرماقتا.
    2007-يىلى «ئادەم ئۇرۇشتا سىنىلار» ناملىق پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.
    ئۇ شۇ تاپ تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ رادىئو ئىستانسى « KRAL FM» دەدۇر.
    ئۇنىڭ پىلاستنكىلىرى ،ئاۋازلىق بۇ شئىرلىرى تولىمۇ يىقىملىق.
    ئۇنىڭ كىتابلىرى
    بىر نەچچە ئاي ئىلگىرى يىڭى نەشىردىن چىققان كىتابى «مەن بۇلارنى يېزىۋاتقاندا سەن يەنە ئۇيقۇدا ئىدىڭ»
    بەدىرخان كۆكچە،ئەزىز نەسىن،ئىسلام ئالىملىرىدىن فەتھۇللاھ گۈلەن ئەپەندىلەرنىڭ كىتابلىرىنى مۇمكىن بولسا بىزمۇ كۆرەلىگەن بولساق،ساقلاپ قويالىغان بولساق تولىمۇ ياخشى ئىش بولاتتى،ئەپسۇس ئۆز كىتابلىرىمىزنى ساقلاپ بولالمايۋاتقان بۇ كۈنلەردە چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ كىتابلىرىدىن سۆز ئېچىش  بىر قەدەر كۈلكىلىك تۇيۇلار،لىكىن بىزنىڭ ھەم بىلىش ئۆگىنىش خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىمىز بار. تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان تورداشلار بولسا   ۋەتەنگە قايتقاندا خەلقىمىزنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىھتىياجىنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ قويىشىنى،ئۆگەنگەن ئىلىمىنىڭ زاكىتىنى بېرىپ ھەممىمىزنى شۇ ئەسەرلەردىن بەھىرمان قىلسا دېگەن ئۈمىدتتە مەن..

    ئاۋازىمنى ئاڭلىغانلار بارمۇ؟؟؟

    قاچان قەيەردە باشلاندى بۇ سەپەر؟ئانا،سىنىڭ قورسىقىڭدىنمۇ؟
    قاچان،كىم بىلەن قايسى ئالەمدىن باشلاندى؟
    ياكى ھاۋا ئانا بىلەن ئادەم ئاتىمۇ يارىتىلماستىمۇ؟
    تۇغۇلغاندا كىملەر بار ئىدى يېنىمىزدا(ئانام ۋە ئانام كەبى پەرىشتىلەر)
    ئۆلگەندە كىملەر بولىدۇ قېشىمىزدا؟( مەن بىلگەن ۋە بىلمەيدىغان پەرىشتىلەر)
    تۇغۇلغاندا قۇلىقىمىزغا نېمە سۆزلەندى(ئەزان)
    ئۆلگەندىچۇ؟(ياسىن)
    تىلىمىزغا نېمە سۈرگەن تۇغۇلغىنىمىزدا؟(ھەسەل)
    ئۆلگەندىچۇ(زەمزەم)
    .......................
    مانا بۇلار قەلىبلەر بىر بىرىگە تېخىمۇ يىقىنلىشىۋاتقان بۇ مۇبارەك رامىزاندا ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىگە چۈشىۋاتقان سۇئاللاردۇر.
    شۇنداق ھەممىمىز كارىۋاتتا جان بېرىمىز كىنودىكىلەرگە ئوخشاش.بېشىمىزدا كۆزلىرى ياشلانغان يارۇ-يار،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىز،قوللىرىدا ئاخىرقى قېتىم كەئىبەدىن ئىلىپ كەلگەن ئەتىۋارلىق زەمزەم،يۇمشاق پاختا بىلەن قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلەرگە سۈرىلىدۇ،ئېنىقكى ئاخىرقى نەپەسنى ئوڭايلاشتۇرىدۇ بۇ زەمزەم.

    چىرايلىق گۈل كەشتىلەنگەن ئاپئاق ياستۇقىمىزدا ئاۋال بېشىمىز بىر يانغا قىيسىيىدۇ،ئاندىن ئىڭىكىمىز،كۆزلىرىمىز ئوچۇق قالغىنىدا،لەۋلەردە ئېسىلىپ قالىدۇ دىيىلمىگەن شۇ سۆزلىرىمىز.كۆزلىرىمىز ئوچۇق قالىدۇ،ئەڭ يىقىنلىرىمىزدىن باشقا ھېچكىم بۇ كۆز قارچۇقلىرىنىڭ ئىگىسىنى بىلمەيدۇ.
    كۆزلەر يۇمدۇرىلىدۇ،ئىڭەك باغلىۋىتىلىدۇ شۇنداقمۇ؟
    نۆۋەت بىزگە كەلگەندە بىزمۇ ھەم شۇنداق ئۆلىمىز،قازايى-قەدەردە ئۆلگەنلەر،قار ئاستىدا قالغانلار،كەلكۈن، ئېقىتىپ كەتكەنلەر،قەبرىسى بىلىنمەي قالغانلارمۇ كۈرمىڭ،دېمەك ئۆلۈمنىڭ بىزگە قانداق شەكىلدە كىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمىزنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز،بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەت ھامان بىر كۈنى ئۆلىدىغانلىقىمىز.
    مېنىڭ دەردىم ئىچىڭلارنى پۇشۇرۇش،كەيپىڭلارنى قاچۇرۇش ئەمەس،دەردىم پەقەت ھەقىقەتنى سىلەر بىلەن بىللە خاتىرلىمەك.
    ئۆلۈمنىڭ قايسى شەكلىنىڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟ جان تەسلىم قىلىشنىڭ ياخشى ياكى يامانلىقىنى قانداق بىلىمىز؟
    بەلكىم بىز ئۆلۈم شەكلىگە قايغۇرغانلار تولىمۇ خاتىرجەم كۆز يۇمغاندۇر،بىز خاتىرجەم كەتتى دەپ ئويلىغانلار پەرىشان ھالدا كەتكەندۇر.
    بۇنى پەقەت ئۆلۈمدىن ئىبارەت شۇ مەجھۇل ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن ئۆتكەنلارلا بىلىدۇ.
    ھەر ئۆلگەن پۇشايماندا ئۆلدى،ھەر ئۆلگەن يالغۇز كەتتى.
    سىلەر ئۈچۈن دۇئايىمىز شۇكى:
    قانداق ياشايسىلەر ئۇنى بىلمەيمەن،ئەمما ئەڭ گۈزەل ھالدا ئۆلۈڭ.


    مەن سۆيىمەن ئەمما كىمنى

    بىز چوڭ بولدۇق،بۇلغاندى دۇنيا،نېمىدىگەن پاكىز بالىلار ئىدۇق،مەسۇملۇق يۈرىكىدە،ئاللاھ مەرھەمىتى چىھرىدەمباشقىلارنى خاپا قىلىشتىن خىجىل بولىدىغان تولىمۇ تارتىنچاق،ساپ ۋە پاكىز بالىلار ئىدۇق.
    خۇددى پۈتۈن تۈركىيەدىكى شەرقتىن غەرپكىچە بولغان بارلىق مەھەللىلەردىكى بالىلار ئوپئوخشاش ئىدۇق.ھازىرقى بالىلار ئۇنداق ئەمەس دېمەكچى ئەمەسمەن،ئەمما ھازىر قانچىلىك بالا سۆيۈملۈك كۈندىلىك خاتىرەم دەپ،كۈندۈزدىكى كۆرگەن ،ئوينىغانلىرىنى كېچىسى خاتىرىسىگە تۆكىدۇ؟دەپتىرىنى چىرايلىق بىزىگەن،ئۆز قولى بىلەن رەسىملەرنى سىزىپ،گۈللەرنى چاللاپ مۇقاۋىلىغان بالىلاردىن نەچچىسى بار ئەتراپىمىزدا؟
    قېرىندىشىنىڭ ئۇچىنى چىشلىگەن،ئۆچۈرگۈچىنى ئاغزىغا سىلىپ چىشلىگەن،پۇراقلىق ئۆچۈرگۈچلىرىنى \"قولۇم مىزىلىك پۇرىسۇن\"دەپ كىچە-كۈندۈز تەرلىتىپ چىڭ سىقىمداپ يۈرگەن بالىلار بارمۇ؟
    قانچىلىك بالىنىڭ خاتىرە دەپتىرى بار،قانچىلىك بالا خاتىرە دەپتەر ئېلىشنى ئويلاپ باقتى.
    خوش،بالىلارنى قويۇپ تۇرايلى،سىز ئۆلۈم نىشانلانغان بۇ دۇنيادا كۆرگەن بىلگەنلىرىڭىزنى ،يۈرىكىڭىزنى كۈلدۈرگەن -يىغلاتقان ئىشلارنى خاتىرلەپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاتا-ئانىڭىز ئۈچۈن بىر ئەسلىمە خاراكتىرلىك بىر نەچچە قۇر ئەسلىمە يېزىپ باقتىڭىزمۇ؟بۇ نېمىدىگەن ئازاب ھە،سىز شۇنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟
    ئاتا -ئانىڭىزچۇ،ئۇلار سىزگە قانداق سۆزلەرنى يېزىپ قالدۇرار.
    سۆيۈملۈك ئائىشە،ئاۋال قەلبىڭگە ئوخشاش ساپ ۋە پاكىز بۇ بىر بەتنى ماڭا ئايرىپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن كۆپ رەھمەت،سىزگە مانا مۇشۇنداق باشلايدۇ.ئەڭ ئاخىردا كونا بولسىمۇ بىر پارچە رەسىمىنى چاپلاپ قالدۇرىدۇ،يەنە تېخى مۇنداق يازىدۇ:
    مەن سۆيىمەن ،ئەمما كىمنى،
    ئەڭ تاتلىق بىرسىنى،
    قانداق چۈشەندۈرەي بۇنى ساڭا،
    تۇنجى ھەرپلەرگە بىر قارىغىنا.(ھەر بىر مىسرانىڭ باش ھەرپىنى قوشقاندا سېنى دېگەن جاۋاب چىقىدۇ)

    ھىيت-بايراملاردا مانا مۇشۇنداق مەكتۈپلار يېزىلاتتى،تەبرىك كارتىلىرى يوللىناتتى،ئەمما ھازىر.......
    مانا مۇشۇنداق گۈزەل سۆزلەر بىلەن تولغان ئىنچىكە نەپىس بىزەكلەر بىلەن بىزەلگەن ،ماس سۈرەتلەر چاپلانغان 40 سۇئالدىن تەركىپ تاپقان بىر ئارخىپ خاتىرىسى مەيدانغا كىلىدۇ.
    ئۇنىڭدا دىققەتنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغىنى،سۆيگىنىڭىزنىڭ ئىسمىدۇر،ھىچكىم ئىسمىنى تولۇق يازمايدۇ،ئەمما باش ھەرپلىرى يىتەرلىكتۇر خاتىرىنىڭ ئېگىسىگە.
    ھەممە ئادەم كىمنىڭ كىمنى سۆيگىنىدىن بەكرەك،ئۇ مېنى سۆيەرمۇ ؟ دېگەننى كۆپرەك يازىدۇ.
    نۇرغۇن ئادەملەر خاتىرە يازمايدۇ،يا كۈندىلىك خاتىرە ياكى بىر ئاددى ھېسابات خاتىرىسى.
    يان تىلىفۇن اپەيدا بولغاندىن كىيىن،ھەر قانداق ئادەم ھەتتا ئادەمسىز جاڭگالغا بارسىمۇ شۇ تىلىفۇنىدىن باشقا ھېچنىمىسىنى ئالماس بولدى،خاتىرە يېزىشلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتتى.
    مەن تەكىتلەيمەنكى:ئۇچۇر ياز،يوللا،قەيەردىن كەلسە بىر يەرلەردىن ئىشقىلىپ جاۋاب كەلسۇن.نېمە يازساڭ ياز بىر خاتىرە ياز.
    ھەراىست ،بىز چوڭ بولغاندىن كىيىن بۇلغاندىمۇ بۇ دۇنيا ياكى ئەزەلدىن بۇلغانغان بۇ دۇنيانى بوينىمىزنىڭ \"قىسلىقى\"دىن كۆرۈپ يىتەلمىدۇقمۇ؟
    نە كارتون فىلىملەرنىڭ تايىنى قالدى نە ئىلانلارنىڭ،نە ئويۇنچۇقلارنىڭ ،نە بىزنىڭ؟!؟! ھېچنىمە ھېچنىمىنىڭ تايىنى قالمىدى،تەمى قاچتى.
    توغرا بالىلار گۇناھسىز،چوڭلار بۇلغاۋاتىدۇ بۇ دۇنيانى،چوڭ بولسىاقمۇ يۈرىكىمىز گۈدەك پەدىسىدە قالسىتى،بىز ئىز قالدۇراتتۇق بۇ دۇنيادا.
    شۇنى ئۇنۇتمايلىكى بۇلغىنىش گۈزەلدۇر،بۇلغانسا بولىدۇ،پەقەت كىر پاراشوكىنىڭ ئىلانلىرىدىلا.....



    ھەسرەت تولغان ئافرىقا كېچىسى

    بايرامنى يوقسۇزلۇق ئىچىدە ئۆتكۈزمەك،ۋە بەلكى بايرامدا يوقسۇزلۇقنى ئۆتكۈزۈش.
    بولۇش كىرەك،ھەممە تەل بولۇش كىرەك،خىزمەت،تاماق،پۇل.....
    شۇ يوقسۇزلۇقنى كۆرگەندىن كىيىن،پەقەت ھەسرەتتۇر كۆڭلۈمنىڭ ھەر يېرى...
    كىلىدىغان ياكى كىتىدىغان بىرلىرى يېنىڭدا يوق،ياق ئاتا ئاناڭدىن ،ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭدىن ھېيت -بايرامدا يېنىڭدا بولىشى كىرەك بولغان ھەممە -ھەممىدىن تولىمۇ يىراقتابولساڭ،ھىيت نامىزىدىن كىيىن بوغۇزۇڭغا كەپلەشكەن گەپنى سىرتىڭغا چىقىرالمىساڭ،ھىيتىڭ كۆڭۈللۈك ئۆتكەي دېگەن گەپنى تولىمۇ تەستە چىقارساڭ،ياكى خۇشاللىق بەخت دېگەن ئۇقۇمنى ئويلاپ كۆزۈڭگە ياش كەلمىسە،تىلىفۇندا جاھاننىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدىكى مەلۇم كىشىگە يىغلاپ تۇرۇپ \"كىلەر ھېيتتا كۆرىشەرمىز ئىنشائاللاھ\" دېيەلمىسەڭ سەن مەن ئىيتماقچى بولغان بۇ غېرىپلىقنى بۇ يوقسۇزلۇقنى ئەسلا چۈشەنمەيسەن.

    ئادەم ئۆزى ئولتۇرغان كوچىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى ،چوڭ بولغان مەھەللىسىنىڭ تاملىرىنى،ئىشىكى ئالدىدىكى قېرى دەرەخنى سېغىنامدىغاندۇ؟بۇنى شۇ غېرىپلاردىن ھەرگىز سورىما.
    ئەمدى مەھەللەڭدە،يۇرتۇڭدا ئەمەس،مەملىكىتىڭدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتا ھىس قىلىپ باققىن ئۆزۈڭنى.
    فىرانسىيەدە،گىرمانىيەدە،ئىتالىيەدە ئەمەس،كىنىيەدە،نىگىريەدە دەپ ھېس قىلىپ باققىن.
    يوقسۇزلۇقنىڭ جۇغراپىيىسىگە،ئاچلىقنىڭ،سۇسىزلىقنىڭ بالىلىرىغا تۆك شۇ كۆز ياشلىرىڭنى.
    سەن ئۇزاتقان كەمپۈتنى ئالمىغان شۇ بالىنىڭ قەلبىدە قانداق ئوت كۆيىۋاتىدىغاندۇ،\"سەبىر قىل بالام،خۇداغا شۈكرى\"دەپ بالىلىرىغا ھېيتلىق ئىلىپ بىرەلمىگەن شۇ دادىنىڭ قەلبىنى سەن بىلەمسەن؟
    قېنى بىر شېئىر بار ئىدىغۇ\" ئىسسىق ئافرىقىنىڭ قاپقارا ئازابى\"دەيدىغان،بۇنىڭدىنمۇ ئوچۇق چۈشەندۈرمەس،ھىچقانداق كىتاپ،ھىچقانداق ماقالە ئىنسان يۈرىكىنى بۇنچە تىترەتمەس.
    يۇرتۇمدىكى \"ئەڭ نامرات\"نى \"ئەڭ باي\"نى تەسۋىرلىگۈسىز سەلتەنەتنى كۆزۈم بىلەن كۆردۈم،قولۇم بىلەن تۇتتۇم،قۇلاقلىرىمدا ئاڭلىدىم.....
    بۇ ھىيتتا پۈتكۈل ھەسرەتنى بوينۇمغا ئارتىپ،يېگىنىمدىن ،ئىچكىنىمدىن،كىيگىنىمدىن نۇمۇس قىلدىم.
    يىللاردىن بۇيان ھېيت-بايرامنى ئۆزلىرىگە \"ھارام\" بىلىپ،ئۆزىنى،ئائىلىسىنى،مھىر -مۇھەببىتىنى پۈتكۈل دۇنيا بالىلىرىغا ئاتىغان ھەر ھېيت-بايرامدا غۇربەتچىلىكنىڭ ئەڭ ئېغىر دەردىنى تارتىۋاتقان شۇ ئادەملەرگە نېمە دېيىشىم كىرەكلىكىنى ھەقىقەتەن بىلەلمىدىم.
    ئۆز ئۆزۈمگە دېدىم:
    ئەي ھەسرەت چەككۈچى ئادەم!
    ئەي ساڭا دەۋاتىمەن \"كەڭرى\"دۇنيا.
    مانا قارا!
    غېرىپلىقنىڭ،يوقسۇللۇقنىڭ،ئازابنىڭ بالىلىرى بۇلار....
    بۇلارمۇ مەن قۇربان بولغان شۇ تەرەپتىن كەلگەن ئاتلىقلار!!

    ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ئەسەرلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ




مەلەك:بارلىق ھوقۇق مەلەك بىلوگىغا مەنسۇپتۇر،يازمىلارنى رۇخسەتسىزكۆچۈرمەڭ،خالىسىڭىز ئۇلىنىش قىلىۋىلىڭ.

ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | بىلوگ يازغۇچى: مەلەك