11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋەر، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە پەيدا بولغان «چۇڭچىڭدىكى بارلىق سودىگەرلەر قارا ۋاستىچى شىركەت <گۇاڭجىلياڭ> غا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىنىڭ چېكىلىش مىقدارى 40 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، تېمىدا دېيىلىشىچە، چۇڭچىڭ «جىنكې» ئۆي-مۈلۈكچىلىك چەكلىك شىركىتى يېڭى ئۆيلەرنى سېتىۋاتقاندا، چۇڭچىڭ «گۇاڭجىلياڭ» ئۆي-مۈلۈكچىلىك ۋاستىچىلىك شىركىتىنىڭ خادىملىرى خېرىدار تالاشقان ۋە ئارىلىقتا ئىككى قېتىم «جىنكې» نىڭ ساتقۇچى خادىملىرىنى ئۇرۇۋالغان.
مەسئۇل خادىم زو ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، ئەينى چاغدا چوڭ زالدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ بولغىنىنى ئاڭلاپ چىقىپ، «جىنكې» ئۆي-مۈلۈكچىلىكىنىڭ ساتقۇچى خادىمى گوبىڭ بىلەن «گۇاڭجىلياڭ» ۋاستىچىلىك شىركىتىدىكى بىر ساتقۇچى خادىمنىڭ ئۆزئارا ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆرگەن. گوبىڭ مۇخبىرغا بىر خېرىدارنىڭ ئۆينى كۆرۈپ رازى بولغاندىن كېيىن پۇلنى تۆلىمەكچى بولغاندا، گۇاڭجىلياڭدىكى ساتقۇچى خادىمنىڭ خېرىدارغا مەخپىي گەپلەرنى قىلىشى بىلەن خېرىدارنىڭ ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ماركېتىڭ ئەترىتىدىن باشقا يەنە تارماق سېتىش ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئۆي سېتىۋاتىدۇ.
![]() |
ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، ئەنگىلىيەلىك بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇق بالىلار ئۈچۈن ھەقىقىي شاھزادە بىلەن مەلىكە رولىنى ئېلىپ، تويغا كېرەكلىك ...
|
![]() |
2-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى شۇيۇەنمېن، بىلىكى يوق خەتتات-جىيا ۋېيجۈن موي قەلەمنى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىلىكىگە باغلىۋىلىپ <مايمۇن يىلى قۇتلۇق بولسۇن!>، <يېڭى باھار كۆڭۈلدىكىدەك بولسۇن...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved