版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85948888.html

    پەلەستىن، قەددىڭنى كۆتۈر!

    سولومو ئاۋىنېرى
    (Shlomo Avineri)


    گەرچە دۇنيادىكى مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتى ئىسرائىلىيەنىڭ گازانى داۋاملىق قامال قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان دېڭىز ھەركىتىگە مەركەزلەشكەن بولسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تېخىمۇ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بەزى ئىشلار ھازىرلانماقتا. پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بىر تەرەپلىمە ھالدىكى مۇستەقىللىق خىتابنامىسى تۈزۈش ھەمدە بۇ ھۆججەتنى قەدەممۇ قەدەم ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلانماقتا.
    ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما سابىق پارلامېنت ئەزاسى گىئورگى مىچېلنى(George Mitchell) ئوتتۇرا شەرق تىنىچلىق سۆھبىتى ئالاھىدە ئەلچىسىگە تەيىنلىدى، ئۇنىڭ بۇرچى ئىككى يىل ئىچىدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنىچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىش بولۇپلا قالماي، يەنە يەھۇدىيلار بىلەن ئەرەبلەر ئوتتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك تىنىچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. گەرچە ئالاھىدە ئەلچى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى ھازىرغا قەدەر 15ئاي بولغان، ئوتتۇرا شەرقنى توختىماي زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى پەقەت پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا «ۋاستىلىق سۆھبەتلىشىش»نى باشلاش كېلىشىمى تۈزۈش ھەمدە بىر مەزگىلدىن كېيىن بىۋاستە سۆھبەتلىشىشكە كۆتۈرۈش بولدى.
    كىشىلەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى 15 يىلغا سوزۇلغان بىۋاستە سۆھبەتنى ئەسلىگەندە، مىچېلنىڭ نەتىجىسى بەكلا كىچىك بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مىچېلنىڭ ھازىرغا قەدەر بولغان خىزمىتىنى مەغلوبىيەت دېسەك خېلى سىپايە ئېيتقان بولىمىز(بۇھەم رېئاللىق).
    بۇنىڭغا قارىتا، كىشىلەر مەسئۇلىيەتنى ئىسرائىلىيە باش مىنىستېرى نېتيانياخۇنىڭ قەتئىي مۇرەسسەلەشمەسلىكىدىن كۆردى، مەسىلەن ئۇنىڭ گازانى قامال قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈرىشى دېگەندەك، بۇنىڭدىن سىرت پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ئەيىبلەشكە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئورگان ھاماسنىڭ باشقۇرىشىدىكى گازاغا ۋە يەرلىك بىر مىليون 200 مىڭ پۇقراغا بولغان كونتروللىقىنى يوقىتىپ قويدى، بۇ ھەم پەلەستىن خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولۇشىدىكى قانۇنلۇقلىقىنى يوقىتىپ قويۇشتۇر. شۇڭا ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئىككى تەرەپ ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان بىردىنبىر نۇقتا شۇكى، بۇ ۋاستىلىق سۆھبەت ئۈنۈمسىزدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىككىلا تەرەپ سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى بارلىق مەسئولىيەتنى قارشى تەرەپكە ئىتتىرىپ قويۇشقا جىددىي كىرىشىپ كەتتى. ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا ئايرىش، يەھۇدىيلار ئولتۇراق نۇقتىسى، مۇساپىرلار ۋە ئېرۇسالىم مەسىلىسى قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەردىكى ئىختىلابى ئېغىر، شۇڭا ئاسانلا ھەل قىلىشقا قەتئىي ئامالسىز.
    قاتمال ۋەزىيەت ئاستىدا، پەلەستىن باش مىنىستىرى سالام ڧاياد(Salam Fayyad) يېقىندا ئوتتۇرىغا قويغان، سىناق خاراكتېرىدىكى ھەم دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراش ئېھتىمال ئالقىشقا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ قاراش ئېھتىمال ئازراق ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولىشى مۇمكىن، لېكىن كىشىنى ئىنتايىن جەلىپ قىلىدۇ: ئەگەر سۆھبەت بۇزۇلسا، ڧاياد ئېيتقاندەك، 2011-يىلنىڭ مەلۇم بىر ۋاقتىدا، پەلەستىنلىكلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىق جاكارلاشتۇر.
    بۇ ئامال ئېھتىمال پۈتكۈل رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تەۋرىتىپ قويۇشى مۇمكىن. ئېنىقكى، مۇنداق قىلىش توقۇنۇشنى تىنجىتالمايدۇ، ھەتتا يەرلىكنىڭ ئەھۋالىنى تېزلىكتە ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەلۇم قارشىلىشىش تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما مۇستەقىللىق جاكارلاش 20 يىلغا سوزۇلغان بۇ ئۇرۇشنىڭ يېڭى شەكىلگە ئۆزگىرىدىغانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ.
    ئەگەر پەلەستىنلىكلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا مۇستەقىللىق جاكارلىسا، ئارقىدىن بەزى دۆلەتلەر تۇيۇقسىز ئېتىراپ قىلىپ قالسا، ئۇنداقتا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ شەكلىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر مەلۇم سۆز بىلەن تەسۋىرلىگىلى بولسا، بۇ توقۇنۇش تېخىمى «نورمال»لىشىدۇ، بۇ چاغدا ئىشغال قىلىۋالغۇچى ھاكىمىيەت بىلەن ئىشغال قىلىنغۇچى خەلق ئوتتۇرىسدىكى كۈرەش ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت، ئىككى ھاكىمىيەت ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا ئايرىش، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەمدە يەرلىكتىكى نوپۇسنى ئايرىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توقۇنۇشقا ئايلىنىدۇ.
    شۇڭا مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، بىر تەرەپلىمىلىك مۇستەقىللىق جاكارلاش---پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى سۇرىيە-ئىسرائىلىيە تۇقۇنۇشىغا ئوخشاش، بىر مەيدان دۆلەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسدىكى توقۇنۇشقا ئۆزگەرتىدۇ، بۇ ھەتتا ئىسرائىلىيەنى ھازىرقى ئەھۋالدا ئاسانلىقچە چەتكە قاققىلى بولمايدىغان قارار چىقىرىشقا مەجبورلىشى مۇمكىن.
    مۇنداق خىتابنامە بىرلا ۋاقىتتا يەنە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزلۈك ھوقۇقى جەھەتتىكى مۇھىم تەدبىر. ھازىرغا قەدەر، پەلەستىنلىكلەر دۆلەتنى تۈزۈملەشتۈرۈش جەھەتتە مەغلۇب بولدى، ئەمما تۈزۈملەشتۈرۈش ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەتلىك دۆلەت قۇرۇش ھەركىتىدىكى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرت.
    گەرچە پەلەستىن مىللەتچىلىكى كۆپ قىسىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئېڭىدا بۇرۇنلا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1948-يىلى قارار قىلغان «ئەنگىلىيەگە قاراشلىق پەلەستىننى بىر يەھۇدىي دۆلىتى ۋە بىر ئەرەب دۆلىتى قىلىپ ئايرىش لايىھەسى»نىڭ تەسەۋۇردىن رېئاللىققا ئايلىنىشى ئىزچىل تەس بولۇپ كەلدى. مەيلى زوراۋانلىق ۋە تېرورلۇق بولسۇن، ياكى سىرتقى كۈچلەرگە(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئەرەب ئىتتىپاقى، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا) تايىنىشنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا ئەرەبلەرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرەلمىدى، چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئورگىنىنى سايلاپ چىققاندىلا ئاندىن دۆلەت قۇرغىلى بولىدۇ.
    فاياد فاتاختىن كېلىپ چىققان پەلەستىن رەھبىرى ئەمەس، شۇڭا ئۇ باشقا پەلەستىنلىكلەر چۈشۈنىشكە ئامالسىز بولغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى چۈشىنىشى مۇمكىن، ئۇلار ئۆزىنىڭكى توغرا دەپ قارايدىغان تەپەككۇر شەكلى ھەمدە زوراۋانلىق يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن خەتەرلىك پاتقاققا پېتىپ قالغان بولۇپ، تارتىپ چىقىرىشقا ئامالسىز. بۇنىڭدىن قارىغاندا، پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان بارلىق ئىشلار ئېھتىمال پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تارىخىنىڭ يېڭى بىر بېتىنى ئېچىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، ئىسرائىلىيە ۋە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم شۇنداق.

    (بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى سولومو ئاۋىنېرى--ئىسرائىلىيە سابىق باش مىنىستېرى رابىن ئىچكى كابېنتتا دېپلوماتىيە مىنىستېرى بولغان، ھازىر ئىبراي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سىياسەت پراڧڧىسورى.)

    مەنبەسى: ئوكيان تورى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://palastinbiz.blogspot.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: