版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85816617.html

    خاماسنىڭ مەنىۋىي داھىسى-شەيخ ئەھمەد ياسىن


    شەيىخ ئەھمەد ئىسمائىل ياسىن 1938-يىلى پەلەستىننىڭ ئەسقەلان دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان.
    ئۇ كىچىك ۋاقتىدا (تىخى 5 ياشقىمۇ كىرمىگەن) دادىسى ۋاپات بولغان.
    1948-يىلدىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن غەززە شەھرىگە سۇرگۇن قىلىنغان. ئەھمەد ياسىن بۇ چاغدا ئون ياشقا كىرگەن ئىدى.
    ئۇ ۋاقىتلاردا ئەھمەد ياسىن ۋە ئائىلىسى مسىر قوشۇنىنىڭ گازارمىسىدىن قېلىپ قالغان نەرسىلەرگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۇرگەن.
    1952-يىلى چېنىقىش مەشقى ئارلىقىدا ھادىسىگە ئۇچراپ بويۇن ئومۇرتقىلىرى سۇنغان ۋە ئومۇرلۇك مىيىپ بولۇپ قىلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتىكى ھاياتىنى باشلىغان.
    ئەھمەد ياسىن ياش ۋاقتىدا ئۇچرىغان ھادىسىلەر شۇ قەدەر ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۇمىدسسسزلەنمىگەن ۋە بەل قويىۋەتمىگەن.
    ئۇ 1958-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۇتتۇرگەن چاغدا، سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىسىمۇ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام تەربىيەسىدىن دەرس بەرگەن. ئاندىن كېيىن غەززە شەھرىنىڭ مەسچىتلىرىدە ئىمام بولغان ۋە
    جەسۇرلىقى بىلەن داڭلىق خاتىپ بولۇپ تونۇلغان، بۇ مەزگىللەردە ئۇ «مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى»غا ئەزا بولۇپ كىرگەن.
    1967-يىلى يۈز بەرگەن ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتدىن كېيىن، ئەھمەد ياسىن ئۆزى ئىماملىق قىلىۋاتقان مەسجىد مۇنبىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە ۋە غەرب مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى نۇتۇقلارنى سۆزلەپ، مۇسۇلمانلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتقان. ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا شەھىد بولغان ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانلارنىڭ ئائىلىسگە ئىئانە توپلاشتا جىددى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.
    1973-يىلى «ئىسلام بىرلەشمىسى»نى قۇرۇپ، 1984-يىلىغىچە رەئىس بولغان.
    1983-يىلى شەيىخ ئەھمەد ياسىن «قورال ساقلىغان، قوراللىق تەشكىلات قۇرغان ۋە يەھۇدى دۆلىتىنى ئاغدۇرۇشىغا تەييارلانغان» دىگەندەك سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئېلىنىپ، ھەربىي سوتقا تارتىلىپ 13 يىللىق تۇرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.
    1985-يىلىدىكى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر بىلەن پەلەستىنلىك ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش پىلانىدا تۇرمىدىن چىققان.
    1987-ئەھمەد ياسىن «مۇسۇلمان قېرىنداشلار»نىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلغان ئاكتىپ شەخسلەر بىلەن «پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى»-«خاماس» تەشكىلاتنى قۇرۇپ چىققان.
    بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى-ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىندىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئىدى، شۇ يىلى پەلەستىندە قوزغالغان نامايىشتا بۇ تەشكىلات مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەھمەد ياسىن «خاماس» ھەركىتىنىڭ مەنىۋىي داھىيسىغا ئايلىنىدۇ.
    پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى كۇچەيگەنسىرى، ئىسرائىلىيە ئەھمەد ياسىنغا بولغان نازاراتنى كۈچەيتىدۇ.
    يەھۇدىيلار 1988-يىلى ئۇنىڭ ئۆيىنى تەكشۇرۇپ، ئۇنى لىۋانغا سۇرگۇن قىلىدىغانلىقى بىلەن تەھدىد سالىدۇ.
    1989-يىلى ئىسرائىلىيە ئۇنى «خاماس» ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ قولغا ئالىدۇ.
    1991-يىلى ئىسرائىلىيە سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭغا «مۇددەتسىز تۈرمىدە يېتىش جازاسى» بېرىدۇ. ئۇ تۇرمىدە بىر قانچە يىل ياتىدۇ.
    1997-يىلىغا كەلگەندە ئىئوردانىيە بىلەن ئىسرائلىيە ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرۇش مەسىلىسدە تۇرمىدىن بوشاپ چىقىدۇ.
    ئىسرائىلىيە ئەھمەد ياسىنغا بىر قانچە قېتىم سۇيقەست قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ.
    2003- يىلى ئىسرائىلىيەنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانى ئۇ ئولتۇرۇۋاتقان ئويگە بومبا تاشلايدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوڭ بىلىكى بىر ئاز يارىلىنىدۇ.
    شەيىخ ئەھمەد ياسىن داۋاملىق خەلقنى پەلەستىن مۇستەقىللىقى ۋە بىرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ، ئۆمۈر بويى پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كەڭ قوساق پۇزىتسيەدە بولۇپ، «خاماس» بىلەن «فاتاخ»نىڭ ئالاقىسىنى ياخشىلايدۇ. ئۇ ئاخىرى پەلەستىن ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئىرىشىدۇ.
    شەيخ ئەھمەد ياسىننى «پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى»نىڭ رەھبىرى، پەلەستىن ئاپتونوم ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پىرىزدىنتى ياسىر ئەرافاتمۇ ھۆرمەت قىلاتتى.
    ئەھمەد ياسىن پەلەستىندىكى ھەر قايسى گورۇھ مەسئۇللىرى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر ھەم خەلقارا تەشكىلاتلار بىلەن سوھبەت ئوتكۇزۇشكە تەييار ھالەتتە تۇراتتى.
    ئۇ بىر قېتىم مۇنداق دىگەن: «بىز ‹خاماس› ھەركىتى ھەرقانداق بىر دۆلەتكە سوھبەت ئۆتكۈزۈش دەرۋازىسىنى تاقىمايمىز».
    2004-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۇنى دۇشەنبە شەيخ ئەھمەد ياسىن ئۇزۇندىن بىرى ئۇمىد قىلىپ كەلگەن شەھىدلىك شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.
    ئەھمەد ياسىن بامدات نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، يەھۇدىلارنىڭ بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە مەسچىدنىڭ ئالدىدا شەھىد بولىدۇ،
    مۇشۇ تارىخىي پەيتتە ئەھمەد ياسىننىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىپ، ئۇ قەلبى، قېنى، ئەقلى ۋە ئىمانى بىلەن تەربىيلەپ چىققان ئەۋلادلارنىڭ يېڭى كۈرەش ھاياتى باشلىنىدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭



    «خاماس»نىڭ نىزامنامىسى


    «خاماس» 1988-يىلى غەربىي قىرغاقتا ۋە گازا رايۇنىدا «‹خاماس›نىڭ نىزامنامىسى»نى تارقاتتى.
    بۇ 5 باب، 36 ماددىلىق نىزامنامە بۇلۇپ، «قۇرئان كەرىم»دىكى مۇناسىۋەتلىك سۈرە-ئايەتلەرنى كۆپلەپ نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ كۈرەش پىروگىراممىسىنى ئىنىق ئوتتۇرغا قويغان.

    «نىزامنامە»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

    (1) «خاماس»نىڭ يىتەكچى پىرىنسىپى--مۇقەددەس ئىسلام دىنىدۇر.
    «خاماس»-مىسىر قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ شۆبىسى، شۇنداقلا دۇنيا ئىسلامىزىم ھەركىتىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىدۇر.
    ئۇ دىندىن تاشقىرى مىللەتچىلىككە، كومۇنىزىمغا ۋە كاپىتالىزىمغا قارشى تۇرىدۇ.
    ئۇنىڭ شۇئارى--«ئاللاھ-بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام-بىزنىڭ ئۈلگىمىز، «قۇرئان كەرىم»-بىزنىڭ ئاساسىيقانۇنىمىز، جىھاد-بىزنىڭ يولىمىز، ئاللاھ يولىدا شېھىد بۇلۇش-بىزنىڭ ئالىي غايىمىز» دىگەندىن ئىبارەت.

    (2) «خاماس»نىڭ كۈرەش نىشانى--ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان پەلەستىن زىمىنىدا ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشتىن ئىبارەت.
    پەلەستىن زىمىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قىيامەت قايىم بولغىچە ۋەخپىسىدۇر.
    ھەرقانداق ئەرەب دۆلىتى ياكى بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، ھەرقانداق پادىشاھياكى زۇڭتۇڭ ياكى ھەممە پادىشاھ، زۇڭتۇڭلارنىڭ ئۇنىڭدىن قالايمىقانپايدىلىنىش، ئۇنى بۆلۈۋېتىش، سېتىش ياكى ئوغۇرلاش ھوقوقى يوق!
    پەلەستىن زىمىنىنىڭ ھەرقانداق قىسمىدىن ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ. باشقا دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا بويسۇنۇش شەرتى ئاستىداپەلەستىندە تۇرالايدۇ.

    (3) «خاماس» يەھۇدىي زىئونىزىمىنى ۋە ئىسرائىلىيىنى يوقىتىش يولىدا كۈچ چىقىرىدۇ.
    «جىھاد» ئارقىلىق پەلەستىننى ئازاد قىلىدۇ.
    پۇتۇن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى پەلەستىننى ئازاد قىلىدىغان «جىھاد»قا قاتنىشىشقا چاقىرىدۇ.
    ھەممە ئىسلام دۆلەتلىرىدىن پەلەستىننى ئازاد قىلىدىغان «جىھاد»قا ياردەم بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    (4) پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش يولىدىكى ھەرقانداق تەكلىپ، لايىھە،خەلقئارا يىغىن ‹خاماس›نىڭ ئىتىقادى بىلەن تىپىشىپ قالسا، (‹خاماس› ئۆزئىتىقادىنى ئاساس قىلىدۇ)
    پەلەستىننىڭ بىر قىسىم زىمىنىدىن ۋاز كەچسە، دىننىڭ بىر قىسمىدىن ۋاز كەچكەنلىك بۇلىدۇ.
    پەلەستىننىڭ ئىگىلىك ھوقوقى ئاللاھقا مەنسۇپ بۇلۇپ، ئۇ ھەقتە سۆھبەتلىشىشكە بولمايدۇ، ئۇنى ئۆتۈنۈپ بىرىشكىمۇ بولمايدۇ.
    پەلەستىن مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جىھاددىن باشقا يولى يوق.

    (5) «پەلەستىن ئازاتلىق تەشكىلاتى»(فاتاخ)--«خاماس»قا ئەڭ يېقىن تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بۇلۇپ، بۇ تەشكىلاتتا دادىلىرىمىز، ئاكىلىرىمىز ۋەئەل-ئاغىينە، يېقىن دوستلىرىمىز بار.
    ۋەتىنىمىز، تەقدىرىمىز ۋە دۈشمىنىمىز ئورتاق.
    «پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى» بىلەن كۈرەش نىشانىمىز بىر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    پەلەستىنگە دائىر سەرخىل ماقالىلەر خەزىنىسى:
    http://palastinbiz.blogspot.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: