دىيارىمىزغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2010年11月28日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/85815713.html

    دىيارىمىزغا كەلگەن ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر


    سىتەيىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرى
     
    سىتەيىن(Mark Aurel Stein -1862-يىلى11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن ~ 1943-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىچە ياشىغان) ئەنگىلىيەلىك ئارخىلوگ، جۇغراپىيىشۇناس، ئېكىسپېدىتسىيىچى. ۋېنگېرىيىنىڭ بوداپىشت شەھرىدىكى يەھۇدى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھەرلىرىگە بارغان. ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىلگىرى كىيىن بولۇپ شىنجاڭ، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا تۆت قېتىم كىرىپ جوغراپىلىك ئۆلچەش، ئارخىلوگىيىلىك تەكشۇرۇش، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ كېتىشتەك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ تۆت قېتىملىق پائالىيەت:
    بىرىنچى قېتىمدا، 1900-يىلى 5-ئايدىن 1901-يىلى 7-ئايغىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي گېرۋىكلىرىدىكى جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ تاشقورغان، قەشقەر، قاغىلىق، خوتەن، نىيە، كىرىيە، ئەندىر قاتارلىق بوستانلىقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ يوپقان، دەندەن ئۆيلۈك، قارا دۆڭ، نىيە، ئەندىر خارابىلىرى قاتارلىق جايلاردا نۇقتۇلىق تەكشۈرگەن.
    ئىككىنچى قېتىم 1906-يىلى4-ئايدىن 1908-يىلى11-ئايغىچە كەشمىر، ھىندىقۇش، پامىر ئىگىزلىكى،تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي لېنىيەلىرى، لوپنۇر كۆلى رايونى، تۇرپان-قۇمۇل ئويمانلىقى ھەمدە گەنسۇنىڭ غەربىي شىمالىغىچە بولغان جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئاساسلىقى: يوتقان، راۋاق، چاقىلىق، نىيە، ئەندىر، مېرەن، كىرورەن، ئاستانە، دۇنخۇاڭ سەددىچىن سېپىلى ھەم قاشقۇۋۇق، ياڭ گۇەن خارابىسى، موگاۋ غارلىرى، تۈمەن بۇرە جىلغىسى شۇنداقلا مىڭ سۇلالىسىدىكى سەدىچىن سېپىلى قاتارلىق جايلارنى نۇقتىلىق تەكشۇرگەن.
    ئۈچىنچى قېتىم 1913-يىلىدىن 1916-يىلىغىچە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدە، دۇنخۇاڭ، ئېرچىنا دەرياسى بويلىرى،تۇرپان، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نۇقتىلىق تەكشۈرگەن جايلار: دۇنخۇاڭدىكى خەن دەۋرىگە تەۋە تۇرلار، جۇيەن تۇرلىرى، قارا شەھەر خارابىسى، ئىدىقۇت خارابىسى ۋە قەبرىستانلىقى، بەشبالىق شەھرىنىڭ خارابىسى قاتارلىق جايلار.
    تۆتىنچى قېتىم 1930-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە بولغان مەزگىل. جۇڭگولۇق مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن تەكشۈرۈشنى ئامالسىز توختۇتۇپ چېگرادىن ھەيدەلگەن.
    سىتەيىن غەربىي رايوندىن ئېلىپ كەتكەن قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىقلار ھازىر بۈيۈك بىرتانىيە كۈتۈپخانىسدا، بۈيۈك بىرتانىيە موزىيخانىسىدا، ھىندىستان ئىشلىرىنى بىرتەرەپ قىلىش باشقارمىسىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.
    ئۇ مەزمۇنى ئىنتايىن مول ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، جەمئىي 43 خىلغا يېتىدىكەن. مەشھۇرلىرىدىن:
    «قەدىمكى خوتەن»،
    «غەربىي يۇرتنىڭ ئارخلوگىيىلىك خاتىرىسى»(«غەربىي يۇرت» ياكى «سېرىندىيانا» دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان)،
    «ئاسىيانىڭ مەركىزى بەلۋاغلىرى»،
    «سىتەيىننىڭ غەربىي يۇرتتىكى ئارخىلوگىيىلىك تەكشىرىش خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار.
    ★★★★★


    پېللىئوتنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرى

    پېللىئوت (Paul pelliot . 1878-يىلى-5-ئاينىڭ28-كۈنىدىن 1945-يىلى10-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە) فرانسىيىلىك شەرقشۇناس. پارىژدا تۇغۇلغان. سىياسىي ئىنىستۇتتا ۋە شەرق تىللىرى ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان. فرانسىيەلىك جۇڭگوشۇناس ساۋاننى E. Sawan.1865~1918)) ئۇستاز تۇتقان. 1899-يىلى ھېندىچىنادىكى قەدىمكى ئىزلارنى تەكشۈرۈش ئۇيۇشمىسىنىڭ(كىيىن خېناي فرانسىيە يىراق شەرق ئىنىستۇتى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن) ياردەمچى ئوقۇغۇچىسى بولغان. 1900-يىلى بېيجىڭغا بېرىپ ئەلچىخانىنىڭ يىخېتۇەن ھەركىتىنى باستۇرۇشىغا قاتناشقان. كىين 1902-يىلىغىچە ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ ئۈچ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ كىتاپ ۋە قەدىمىي بۇيۇملارنى يىغقان. 1905-يىلى 8-ئايدا فرانسىيە ئالتۇن مۇقاۋىلىق قەبرە پۈتۈكلىرى يېزىقى كومىتېتى ، ئېنگىلىز تىلى ئەدەبىيات ئىنىستۇتى ھەم فرانسىيە مەركىزى ئاسىيانى تەكشۇرۇش كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىن شىنجاڭغا كىرىپ ئېكىسپېىدىتسىيىلىك تەكشۇرۇش ئېلىپ بارغان. 8-ئايلارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. مارالبېشى، كۇچا ۋە دۇنخۇاڭلارنى نۇقتىلىق تەكشۇرگەن. 1908-يىلى 5-ئايدا تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرغان. مارالبېشىنىڭ تۇمشۇق، تۇققۇز ساراي، كۇچانىڭ سۇ بېشى، دۇلدۇل ئايغىر قاتارلىق جايلىرىدا قېزىش ئېلىپ بارغان. دۇنخاڭدىكى «نوم يۇشۇرۇلغان غار»دىن سەرخىل بۇيۇملارنى ئوغۇرلاپ كەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە نەچچە مىڭ جىلدلىق قول يازما ۋە يىپەك كاسا، رەسىم قاتارلىق بۇيۇملار بار. بۇ بۇيۇملار فرانسىيىنىڭ دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى ۋە پۈتۈن ئاسىيا قىتئەسى بەدىئىي ئەسەرلىرى موزىيخانىسىدا ساقلانماقتا. مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللار «پېللىئوت ئېكىسپئدىتسىيە ئەترىتى مەجمۇئەسى»، «پئلىئوت ئېكىسپېدىدسىيە ئەترىدى ئارخىلوگىيە مەجمۇئەسى» قاتارلىق ئەسەرلەردە كۆرۈلىدۇ.
    ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:
    «تۇمشۇق»،
    «دۇنخۇاڭ تاشكېمىرلىرى»،
    «پېللىئوتنىڭ دۇنخۇاڭ تاشكېمىرلىرى خاتىرىسى» قاتارلىقلار بار.
    ★★★★★


    لېكوگنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيەتلىرى

    لېكوگ (Albert von lecog.1860~1930) گېرمانىيىلىك شەرقشۇناس. بېرلىندا تۇغۇلغان. 42 يېشىدىن باشلاپ بېرلىن ئۆرپ-ئادەتلەر موزىيخانىسىنىڭ ھىندىستان بولۈمىگە كىرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇ ئىلگىرى كىيىن بولۇپ تۆت قېتىم شىنجاڭغا ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشىرىشكە كەلگەن.
    بىرىنچى قېتىمقىسى 1902~1903-يىللىرى.ئۇ گېرلىنۋېدېر باشچىلىقىدىكى گىرمانىيە خانىنىڭ ۋە قورال-ياراغ پادىشاھى كېلىبونىڭ ياردىمىدىكى گېرمانىيە تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدىگە قاتنىشىپ تۇرپان ۋە قەشقەرلەرگە كېلىپ ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 46 ساندۇق مەدەنىي بۇيۇمنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن.
    ئىككىنچى قېتىمقىسى 1904-يىلى9-ئايدىن 1905- يىلى 12- ئايغىچە. گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىنى باشلاپ تۇرپان، قۇمۇل رايۇنلىرىدا خارەبىلەرنى قېزىش، مەدەنىي بۇيۇملارنى ئوغۇرلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. 103 ساندۇق مەدەنىي بۇيۇمنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.
    ئۈچىنچى قېتىمقىسى 1905-يىلى12-ئايدىن 1907-يىلى 6-ئايغىچە. ئۇ گېرلىنۋېدېر باشچىلىقىدىكى تۇرپان ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتىگە قاتنىشىپ قۇمۇل، تۇرپان، قارا شەھەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. 128ساندۇق مەدەنىي بۇيۇمنى ئوغۇرلاپ چىقىپ كەتكەن.
    تۆتىنچى قېتىمقىسى 1913-يىلى 1-ئايدىن 1914-يىلى 2-ئايغىچە. گېرمانىيە ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىدىنى باشلاپ شىنجاڭغا كىرگەن. كۇچا، مارالبېشىدىكى تۇمشۇق قاتارلىق جايلاردىكى نۇرغۇنلىغان تام رەسىملىرىنى سويۇپ كەتكەن. بۇنىڭدىن باشقا ھەيكەللەر، كۆپ خىل يېزىقلاردىكى ۋەسىقىلەردىن بولۇپ جەمئىي 156 ساندۇق مەدەنىي بۇيۇمنى ئوغۇرلاپ كەتكەن.
    بۇلار شىنجاڭنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى ھەمدە مەركىزى ئاسىيا مەدەنىي ئالاقىلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتىك مەدەنىي مىراسلاردۇر. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر قىسىملىرى ۋەيران قىلىنغاندىن باشقا قالغانلىرى بېرلىن ھېندىستان سەنئەت موزىخانىسىدا، ۋەسىقىلەر تېپدىكىسى گېرمانىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا ساقلانماقتا.
    ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:
    «ئىدىقۇت»(1913-يىلى)،
    «ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ رەسىملىك تەزكىرىسى»(1922~1933)،
    «شىنجاڭنىڭ يەر ئاستىدا ساقلانغان مەدەنىيەت غەزنىسى»(1928) قاتارلىقلار بار.
    ★★★★★


    سىۋېن ھېدىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتى
     
    سىۋېن ھېدىن (Sven Anders Hedin.1865~1952) شىۋېتسىيىلىك جۇغراپىيىشۇناس، ئېكىسپېدىتسىيىچى. سىتوكھولىمدا تۇغۇلغان. 1891-يىلى گېرمانىيەنىڭ بېرلىن ئونۋئرستېتىدا ئۇقۇغان. جۇغراپىيەشۇناس ف. ۋان. جىسخوفېننى ئۆزىگە ئۇستاز تۇتقان.
    ئۇ ئۆمرىدە ئاز بولمىغان قان تەرىنى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىغا ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈشكە سەرىپ قىلغان. شىنجاڭ ئۇنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يەنە شىزاڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، نىڭشىيا ۋە ئىچكى موڭغۇللارغىمۇ بارغان.
    بۇنىڭ ئىچىدە ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغانلىرى تۆت قېتىملىق تەكشۈرۈشتۇر.
    بىرىنچى قېتىمقىسى 1893-يىلىدىن 1897-يىلىغىچە. ئۇلار، پامىر ئىگىزلىكى ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىغا كىرگەن. يەركەن دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى مەكىت ناھىيىسىدىن قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ خوتەن دەرياسى بويىدىكى تەكشۈرۈشكە بارغىچە بولغان جەريانىدا ھالاكەتكە ئۇچىراپ قۇيرىغىنى قۇم باسقىلى تاس قالغان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇ 500 نەچچە پارچە خەرىتە سىزىپ چىققان. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئاسىيا قىتئەسىنى كېسىپ ئۆتىش»(1898-يىلى) دېگەن داڭلىق ئەسىرى بار.
    ئىككىنچى قېتىمقىسى 1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە. تارىم دەرياسىنى تەكشۈرۈپ لوپنۇر كۆلىگىچە بارغان. 1900-يىلى لوپنۇر چۆللىكىدە توساتتىن كىرورەن خارابىسىنى بايقىغان. 1901-يىلى كىرورەندە قىزىش ئېلىپ بارغان. نۇرغۇنلىغان خەنزۇ يېزىقى، توخرى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى ۋە يىپەك توقۇلمىلارنى، يارماق پۇللارنى تاپقان. ھەمدە لۇپنۇر كۆلىنىڭ يۆتكىلىشچان كۆل ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قىياسنى ئوتتۇرغا قويۇپ «1899-يىلىدىن 1902-يىلىغىچە مەركىزى ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرى»(1904-1908) دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان.
    ئۈچىنچى قېتىمقىسى 1906-يىلىدىن 1907-يىللىرىغىچە. ئاساسەن شىزاڭ ئىگىزلىكى بىلەن ھىمالايا تاغلىرىنى تەكشۈرگەن.
    تۆتىنچى قېتىمقىسى،1927-يىلىدىن 1935-يىللىرىغىچە. بۇ قېتىمقىسى ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغان تەكشۈرۈشتۇر. ئۇ جۇڭگولۇق ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «جۇڭگو-شىۋېتسىيە جۇڭگۇنىڭ غەربىي شىمالىنى ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش بىرلەشمە ئەترىتى» دەپ ئاتالغان ئەتىرەتنى تەشكىللىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئەترەت باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. شىنجاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل، نىڭشىيا، گەنسۇ قاتارلىق جايلارلاردا ھاۋا رايى، قەدىمىي جانلىقلار، گىئولوگىيە، جوغراپىيە، ئارخىلوگىيە قاتارلىق تەرەپلەردىن ئونۋئرسال تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش «ھەرىكەتچان ئونىۋېرستېت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئەينى چاغلاردىكى جۇڭگونىڭ گىئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئارخىلوگىيە قاتارلىق ئىلىم ساھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىدا بېسىلغان تۇنجى مەزمۇت قەدەمى ئىدى. بۇ قېتىملىق تەكشۈرۈش ھەققىدە «ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزى رايونىدا ئېكىسپېدىتسىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان سەككىز يىل»(1943-يىلى) دېگەن ئەسەرنى ئېلان قىلغان.
    ★★★★★


    خۇاڭ ۋېنبىننىڭ ئېكىسپىدىتسىيە تەكشۈرۈش پائالىيىتى

    خۇاڭ ۋېنبىن (1893-يىلى4-ئاينىڭ 23-كۈنى تۇغۇلۇپ،1966 -يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاپات بولغان) خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ خەنچۈەن دېگەن يېرىدىن. بېيجىڭ ئونىۋېرستىتىنىڭ پەلىسەپە فاكۇلتېتىنى پۇتتۈرگەن. ئىلگىرى كىيىن بولۇپ بېيجىڭ ئۇنىۋېرستېتى، غەربىي شىمال بىرلەشمە ئونىۋېرستىتى، سىچۈەن ئونىۋېرستېتى، غەربىي شىمال ئونىۋېرستېتى ھەم جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى قاتارلىق جايلاردا خىزمەت قىلغان. ئۆمۈرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىنجاڭنىڭ ئارخىلوگىيە ئىشلىرى ۋە غەربىي شىمال تارىخىنى تەتقىق قىلش ئىشلىرىغا بېغىشلىغان.
    ئىلگىرى كېيىن تۆت قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. بۇ جەريانلار:
    بىرىنچى قېتىمقىسى، 1927-يىلىدىن 1930-يىلىغىچە. جۇڭگو-شىۋېتسىيە غەربىي شىمالنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قاتنىشىپ شىنجاڭغا كەلگەن. ئاساسلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان جايلار تۇرپان، لوپنۇر كۆلى رايۇنى ۋە تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋەكلىرىدىكى قەدىمىي خارابە ئىزلىرى.
    ئىككىنچى قېتىمقىسى 1933-يىلى باشلانغان بولۇپ بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈشنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
    ئۈچىنچى قېتىمقىسى، 1943-يىلى غەربىي شىمال ئونىۋېرستېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
    تۆتىنچى قېتىمقىسى 1957-يىلىدىن 1958-يىلىغىچە شىنجاڭغا كېلىپ قۇمۇل، غۇلجا، قارا شەھەر، كۇچا، مارالبېشى، قەشقەر، خوتەنلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئارخىلوگىيىلىك تەتقىقات ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان.
    ئەمىلىي تەكشۈرۈش ماتىرىياللىرىغا ئاساسەن كىرورەن، كۈسەن، ئۇدۇن، كىنگېت قاتارلىق قەدىمىي ئەللەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتىراپىدىكى قەدىمىي شەھەرلەرنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنىنى ۋە تارىخىي تەرەقىيات ئۆزگۈرۈشلىرىنى تەھىقلەپ چىققان. ئىدىقۇت خانلىقىدىكى چى جەمەتىنىڭ يىل دەۋرى تەرتىۋىگە ھۆكۈم قىلغان.
    ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ تارىخ- ئارخىلوگىيە تەتقىقاتىغا كېرەكلىك بولغان مول مەزمۇنلۇق ماتىرىياللاردۇر.
    ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:
    «ئىدىقۇت ساپاللىرى» (1934-يىلى)،
    «ئىدىقۇت كاھىشلىرى» (1951-يىلى)،
    «لوپنۇردىكى ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن خاتىرىلەر»(1948-يىلى)،
    «تۇرپاندىكى ئارخىلوخىگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن خاتىرىلەر» (1954-يىلى)،
    «تارىم ئويمانلىقىدىكى ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن خاتىرىلەر» (1958-يىلى)،
    «غەربىي شىمال تارىخ- جۇغراپىيە ئوچىرېكلىرى»(1981-يىلى)،
    «شىنجاڭدىكى ئارخىلوگىيىلىك قېدىرىپ-تەكشۈرۈشلەردىن دوكلات»(1983-يىلى)،
    «خۇاڭ ۋېنبىننىڭ ئىچكى موڭغۇل-شىنجاڭ رايونىنى تەكشۈرۈش كۈندۈلۈك خاتىرىسى»(1990-يىلى) قاتارلىقلار بار.
    ★★★★★

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ ئېنسكلوپېدىيىسى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: