2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى - [ئۆزگۈر كۇتۇبخانا]

    _べ Tag:تۈركىيە-ئاۋازى   2013年01月15日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/227402936.html

    2-نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى





    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(15.01.2013) خەۋىرى:
    قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.
    ياۋرو-ئاسىيا يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە، سۈرگۈن ھەققىدە يېزىلغان بىر ھېكايە بىرىنچىلىككە ئېرىشتى.
    «خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسى» بۇ يىل ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قاتارلىق جەمئىي توققۇز دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلدى.
    قىرىمدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە 20 ئەسەر قاتناشتۇرۇلدى.
    يازغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش ھەيئىتى، 20 ئەسەر ئىچىدىن بەشنى تاللاپ باھالاش ئېلىپ باردى.
    ئاق مەسچىت تاۋرىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن لېنېرا مەمەتوۋانىڭ «ئۈمىد» ناملىق ھېكايىسى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.
    500 دوللار مۇكاپاتقا ئېرىشكەن مەمەتوۋ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا سۈرگۈن قىلىنغانلار  بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى ھېكايە قىلىپ يېزىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.
    ھېكايىدە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا ئائىلىلىرى سۈرگۈن قىلىنغان بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.
    سەۋىل زارېچنايانىڭ «سەن قاتىل ئەمەس» ناملىق ھېكايىسى ئىككىنچىلىككە، ئىسا ئابدۇراخماننىڭ «كۆيدۈرمە يۈرەك» ناملىق ھېكايىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
    خەلقئارا مەھمۇد قەشقەرى ھېكايە يېزىش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى، مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 1000-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن  ب د ت پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئورگىنى تەرىپىدىن «مەھمۇد كاشغەرى يىلى» ئېلان قىلىنغان 2008-يىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
    ★★★★★
    http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=211213f4-2c13-4602-a399-4a606821ab80
    ★★★★★

    分享到:

    历史上的今天:

    引用地址: