版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/226505404.html

    «ئىشارەت تىلى»دا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

    غالىب خۇجىئابدۇللا

    شىنجاڭ گېزىتى(2012-12-28) ماقالىسى:
    تۇرمۇشنى كۆزەتسەك، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشارەت تىلىنى گاس-گاچىلارلا ئەمەس، بەلكى بىر قىسىم ساغلام كىشىلەرنىڭمۇ قوللىنىدىغانلىقىنى، ئومۇملاشقان ئىشارەت تىلىنىڭ تۇرمۇشىمىز بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى بايقايمىز. بىز بىرەرسىگە باش بارمىقىمىزنى چىقىرىپ«ياخشى، قوشۇلدۇم» دېگەن مەنەلەرنى، قولىمىزنىڭ ئوتتۇرا بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تەڭ چىقىرىش ئارقىلىق خۇشاللىقىمىزنى، بىرەر ئىشتا غەلىبە قىلغانلىقىمىزنى ۋە بېشىمىزنى ئوڭ-سولغا چايقاش ئارقىلىق بىرەر ئىشقا قوشۇلمىغانلىقىمىزنى، ئېگىز-پەس لىڭشىتىش ئارقىلىق قوشۇلغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيمىز ۋە بۇ ئارقىلىق بەزىدە ئاۋازلىق تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇرىمىز. بىزگە ئومۇملاشقان بۇنداق ئىشارەت تىلىنى دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت ئورتاق قوللىنىدۇ. بىز باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇچراشقاندا ياكى چەت ئەللەرگە چىققاندا تىلدىن قىينالساق، بىر قىسىم مەقسەتلىرىمىزنى ئىشارەت تىلى ئارقىلىق ئۇقتۇرساق بولىدۇ. بىراق بەزى مىللەتلەردە بۇ تىللارنىڭ ئىپادىلىگەن مەنىسى ئوخشىمايدۇ.
    سىز ئامېرىكىلىقلارغا بىرەر ياخشى ئىش قىلىپ بەرسىڭىز، ئۇلار باش بارمىقىنى چىقىرىدۇ، بۇ «رەھمەت، ياخشى قىلدىڭ» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئىشارەتنى بىزمۇ شۇ مەنەدە قوللىنىمىز. مۇبادا سىز ئۇنى رۇسىيە، گىرېتسىيەدە ياكى ئافرىقىنىڭ غەربىدىكى بىر قىسىم جايلاردا قوللانسىڭىز، ئۇلارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرايسىز. چۈنكى ئۇ يەرلەردە بۇ ئىشارەت«كۆزۈمدىن يوقال!» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ.
    بىز ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەسىرىدە ئوتتۇرا بارمىقىمىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزنى تەڭ «v» شەكىلدە چىقىرىپ، باشقىلارغا كۆرسەتسەك، «بىز يېڭىمىز، بىز غەلىبە قىلدۇق» دېگەن مەنەلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئېنگلىس تىلىدىكى«يېڭىش» دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشارەت تىلىنى بەزى ئەل خەلقلىرى «تىنچلىق» دېگەن مەنەدە قوللىنىدۇ.
    بىز يەنە ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەسىرىدە باش بارمىقىمىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىمىزنى پۈكۈپ، قالغان ئۈچ بارمىقىمىزنى ئېچىش ئارقىلىق «ok»دېگەن شەكىلگە كەلتۈرۈپ «ياخشى، مەسىلە يوق» دېگەن مەنەلەرنى ئىپادىلەيمىز. بۇ نۇرغۇن دۆلەتتە ئومۇملاشقان. ئەمما، ئۇ رۇسىيە، بىرازىلىيە، تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ھاقارەتلەش مەنىسىنى بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشارەت تىلى فىرانسىيە، بېلگىيەدە «بىر تىيىنغا يارىمايدىغان ئەخلەت» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ.
    بىز ئادەتتە كوچىدا تاكسى توسۇماقچى بولساق، ئالقىنىمىزنى ئېچىپ، قولىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، تاكسى شوپۇرىغا «توختاڭ، بىز ماشىنىغا چىقىۋالايلى» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىمىز. بۇ ئىشارەت گىرېتسىيەدە «ۋۇ ئۆلگۈر، كۆزۈمدىن يوقال» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ.
    ناۋادا ئىسپان، پورتىگال، گېرىك، ئالبان ۋە چېخلار بىلەن ئۇچرىشىپ قالسىڭىز، ئۇلارنىڭ ئالدىدا باش بارمىقىڭىز بىلەن نامسىز بارماق ۋە ئوتتۇرا بارمىقىڭىزنى پۈكۈپ، سىنچىلاق بارمىقىڭىز بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىڭىزنى چىقىرىپ سالماڭ. چۈنكى، بۇ ئىشارە ئۇلاردا «جۈپتىڭىز سىزگە سادىق ئەمەس» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ.
    بىز ئادەتتە ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋاراڭ-چۇرۇڭ كۆتۈرۈلسە، ئىككى ئالقىنىمىزنى پەسكە قارىتىپ، ھاۋانى بېسىۋاتقان ھالەتتە كۆپچىلىككە «تىنچلىنىڭلار» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىمىز. بۇنداق ئىشارەت تىلى ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قوللىنىلىدۇ. ئەمما ئۇ گىرېتسىيەلىكلەردە «پۇق يە» دېگەن مەنەنى بىلدۈرىدۇ.
    جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەر تۈركۈملەپ چەت ئەللەرگە ساياھەتكە ۋە باشقا ئىشلارغا چىقىدىغان بولدى. بىز چەت ئەللىكلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، ئۇلارنىڭ گېپىنى بىلمىگەندە ئىما-ئىشارەتلەر ئارقىلىق ئۇلارغا مەقسىتىمىزنى بىلدۈرۈشكە ئۇرۇنىمىز. بۇ ۋاقىتتا بىزگە ئومۇملاشقان بەزى ئىشارەت تىلىنىڭ چەت ئەللەردىكى مەنىسىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا ئۇقۇشماسلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنالايمىز.
    ★★★★★
    http://www.xjtsnews.com/homepage/content/2012-12/28/content_253820.htm
    ★★★★★

    分享到:
    引用地址: