版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    http://www.blogbus.com/ketmenbay-logs/227810339.html

    بىر تاشنىڭ تەزكىرەسى


    ساداقەتجان ھاجى


    شامال چىقىرىدىغان دەرەخ،
    بوران چىقىرىدىغان دەرەخ...
    شامالدەك، بوراندەك لىڭشىيدۇ،
    شامالدەك، بوراندەك غىڭشىيدۇ...
    سۆزلىتىش ئۈچۈن ئاپتاپ سىنىۋاتقان تاشنى:

    -- تاشنىڭمۇ قانىتى بار ئىدى...
    تاشمۇ كۆكلەيتى بۇرۇن مەندەك...
    بۈگۈن نېمە بولدى تاشقا؟
    كۈن چۈشتىمۇ باشقا؟

    -- تاش، ئاپتاپ سىنىۋاتقان تاش!
    ئېغىر-ئېغىر تىنىۋاتقان تاش...
    ئاپتاپتا توڭغان تاش،
    قانىتى سۇنغان تاش!
    بۈگۈن نېمە بولدى تاشقا؟
    نېمىشقا رازى بولدى بۇنداق ياشاشقا؟
    شېخى يوق تاش تاشمۇ؟
    يوپۇرمىقى يوق تاش تاشمۇ؟
    چېچىكى يوق تاش تاشمۇ؟
    مېۋىسى يوق تاش تاشمۇ؟
    دەرەخ بولالمىغان تاش تاشمۇ؟!

    -- تاش، ئاپتاپ سىنىۋاتقان تاش...
    قەلبىنىڭ چۇڭقۇر يېرىدە،
    مەن بىلىدىغان بىر يېرىدە ئوت يېنىۋاتقان تاش...

    -- ھەي تاش!
    سۆزلىمەمسەن تاش!
    سۇمۇ سۆزلەۋاتىدۇ دېڭىزنىڭ تارىخىنى،
    مەنمۇ سۆزلەۋاتىمەن باغنىڭ تارىخىنى،
    سەن نېمىشقا سۆزلىمەيسەن تاغنىڭ تارىخىنى؟
    سەن ئەسلى تاغ ئىدىڭ،
    سۇ مۇزلىرىڭدىن ئېرىپ كەلگەن،
    مەنمۇ...

    -- ھەي تاش!
    ئاپتاپ سىنىۋاتقان تاش...
    ئىچىدە بىرنېمە دەۋاتقان تاش،
    ئۈنلۈك سۆزلە!
    ئەركىن سۆزلە!
    سۆزلەش سېنىڭ ھوقۇقۇڭ...
    ب د ت «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامەسى»دە:
    «......سۆزلەش ھوقۇقى بار......» دېيىلگەن...

    -- ھەي تاش!
    سۆزلىمەمسەن تاش!
    ياش ئەمەس سەندىن ئېقىۋاتقان ياش...!
    ئاھ، تەڭرىم!
    تاشنىڭ نېمىشقا تىلى يوق؟؟؟

    شامال چىقىرىدىغان دەرەخ،
    بوران چىقىرىدىغان دەرەخ...
    سۆزلىمەكتە ئاپتاپ سىنىۋاتقان تاشقا...

    ★★★★★
    2008-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى قەشقەردە يېزىلدى.
    ★★★★★

    分享到:
    引用地址: