版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/134301413.html

    تاماكىنىڭ تارىخى



    1492-يىلى ئىسپانىيەلىك دېڭىزچى كولۇمبو ئامېركا قۇرۇقلۇقىنى بايقىغاندا كۇبالىق يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ قۇرۇق تاماكا يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراۋاتقانلىقىنى كېمىدىكى ئىككى ماتروس كۆرگەن، ئىككى ماتروسنىڭ بىرى ئىسنى شوراپ باققان، بۇ تاماكا چەككەن تۇنجى ياۋروپالىق ھېسابلىندۇ، ئىسپانىيەگە قايتقاندىن كېيىن، ئۇ قۇرۇق تاماكا يوپۇرمىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئىسنى شوراپ يۈرگەن، بۇنى كۆرگەن قوشنىلىرى قاتتىق ھەيران قالغان ھەمدە ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ، دەپ قاراپ ئۇنى دىننى سوتنىڭ تۈرمىسىگە قامىتىۋەتكەن.
    1496-يىلى تاماكا ئۇرۇقى ئىسپانىيەگە تارقىلىپ مەنزىرە ئۆسۈملۈكلىرى قاتارىدا تېرىلغان.
    1518-يىلى ئىسپانىيەلىك ئىكىسپىدىتسىيچىلەر ئازىتاكلار ۋە مايالىقلارنىڭ قۇرۇق قومۇش نەيچىسى بىلەن تاماكا چېكىۋاتقانلقىنى كۆرگەن، ئېكىسپىدىتيىچىلەرمۇ ئۇلاردىن ئېلىپ چېكىپ باققان. بۇ تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق تاماكا تىلەپ چېكىش ھېسابلىنىدۇ.
    1530-يىلى ئىسپانىيەلىكلەر ھاياتىدا تاماكا تېرىغان.
    1560-يىلى فىرانسىيەنىڭ پورتۇگالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يان نىكوتىن تاماكىنى فىرانسىيەگە ئېلىپ كېلىپ كېسەل داۋالاشقا ئىشلەتكەن ھەم خانىشنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقان. نىكوتىننىڭ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، خىمىيە ئالىملىرى كۆك تاماكا تەركىبىدىكى زەھەرلىك ماددىغا « نىكوتىن » دەپ ئىسىم قويغان. شۇندىن كىيىن كۆك تاماكا فىرانسىيەدە تېرىلىشقا باشلىغان.
    1575-يىلى كۆك تاماكا فىلىپىندىن جۇڭگوغا كىرگەن.1595-يىلى ئەنگلىيەلىك دورىگەر ئالىملىرى يازغان «تاماكا ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى ۋە قىممىتى بار كۆز قاراش» دېگەن ئەسەردە تاماكىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارلىقى كۆرسىتىلگەن ھەم ناھايىتى زور تەسىر قوزغىغان.
    1600-يىلى كۆك تاماكا لاۋاندا(خۇشپۇراق ئۆسۈملۈك) بىلەن ئارلاشتۇرۇپ لوندوندىكى ھەشەمەتلىك چېركاۋلارنىڭ ئەتىرى قاتارىدا ئىشلىتىلگەن.
    1612-يىلى لوندوندىكى تاماكا سودىگەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى جامىستوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى يوھان رولفېي شىمالى ئامېرىكىدىكى ۋېرگىنىينىڭ جىمىس دېگەن بازىرىدا دۇنيادىكى تۇنجى تۈركۈم سودا قىلىنىدىغان تاماكا تېرىغان ھەمدە ئەنگلىيەگە 10 توننا يۆتكىگەن. شۇ يىلى ئامېرىكىدا تاماكا سىناق تەرىقىسىدە تېرىلغان.
    1616-يىلدىن 1627-يىلغىچە كۆك تاماكا بىر قانچە يولدىن مەملىكىتىمىزگە كىرىشكە باشلىغان، يەنى فىلىپىندىن تەيۋەن، فۇجىيەنگە، ۋېيتنامدىن گۇاڭدۇڭغا، ياپونيىدىن چاۋشيەن ئارقىلىق لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىغا، رۇسىيەدىن شىنجاڭغا كىرگەن.
    1639-يىلى مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى پەرمان چۈشۈرۈپ تاماكىنى چەكلىگەن ھەمدە تاماكا چەككەنلەرنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان .
    1666-يىلى ئەنگلىيەدە گېزىتقا تاماكا ئېلانى بېسىلغان.
    1799-يىلى ناپولېئون تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا، ئەنقەرە شەھىرىنى قوغداۋاتقان بىر توپ تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چىلىمى توپ ئوقىدا پارتىلاپ كەتكەنلىكتىن، ئۇلار مىلتىق دورىسىنى تۇتاشتۇرىدىغان قەغەزدە تاماكا ئوراپ چەككەن، بۇنىڭ بىلەن تاماكىنى قەغەز بىلەن ئوراپ چېكىش دۇنياغا كەلگەن.
    1825-يىلى شىۋىتسارىيەلىك خىمىيە ئالىمى ئا. پىكتې تۇنجى بولۇپ كۆك تاماكا تەركىبىدىن تاماكا ئىشقارى نىكوتىننى ئاجىرتىۋالغان.
    1881-يىلى كۈنىگە 120 تال تاماكا ئورىيالايدىغان ماشىنا پاتنىت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن تاماكا ئوراش پۈتۈنلەي قول بىلەن قىلىناتتى. 1900-يىلغا كەلگەندە تاماكىنىڭ ماركىسى 160 تىن ئېشىپ كەتتى.
    1902-يىلى تاماكا چېكىشكە قارشى تۇنجى تەشۋىقات كىتابى «تاماكا زىيىننى يوقىتىش ھەركىتى» ئەنگلىيەدە نەشىر قىلىندى.
    1927-يىلى ئەنگلىيەلىك دوختۇر تايلور كوت تېببىي ژۇرنالدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئۆزى بىلىدىغان ئۆپكە راكغا گىرىپتار بولغان بارلىق بىمارلارنىڭ تاماكا چېكىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى.
    1941-يىلى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزىۋېلىت تاماكىنىڭ ئاساسى زىرائەت قاتارىغا كىرگۈزىلىدىغانلىقىنى، تاماكا تېرىغۇچىلارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتىنى كەينىگە سۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 1948-يىلى «ئامېرىكا تىببي جەمئىيىتى ژۇرنىلى»دا، «پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تاماكا جىددىيلەشكەن روھى ھالەتنى پەسەيتىدۇ، تاماكا چېكىشكە قارشى تۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق» دېيىلدى.
    1955-يىلى ئامېرىكا قوشما شىتات سودا كومتىتى تاماكا ئېلانلىرىدا سالامەتلىككە پايدىلىق دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
    1957-يىلى ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرى تەتقىقات ئورنى بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇردى. بۇ گۇرۇپپا مۇنداق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى: تاماكا چېكىش بىلەن ئۆپكە راكى بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھەمدە سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە.
    1966-يىلدىن باشلاپ تاماكا قېپىغا «دىققەت: تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق» دېگەن خەت بېسىلدى.
    1967-يىلى نيۇيورۇكتا تۇنجى قېتىملىق «تاماكا ۋە سالامەتلىك» خەلقئارا يىغىنى ئېچىلدى، شۇنىڭدىن كىيىن ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق يۈكسەلدۈرۈپ، تاماكا تاشلاش خىزمىتى كۈچەيتىلدى.
    1980-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دوكتۇر مالۇر1980-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىنى تاماكا تاشلاش كۈنى قىلىپ بېكىتىش تەكلىپىنى بەردى ھەمدە پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە «سىزگە تاماكا كېرەكمۇ ياكى سالامەتلىكمۇ، ئۆزىڭىز تاللاڭ» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.
    1983-يىلى ئامېرىكا ھەر يىلى تاماكا چېكىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ 300 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.
    1987-يىلى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 4-ئاينىڭ 7-كۈنىنى «دۇنياۋى تاماكا تاشلاش كۈنى» قىلىپ بېكىتتى ھەمدە بۇ كۈنى تاماكا چەكمەسلىكنى ۋە تاماكا سېتىۋالماسلىقنى تەلەپ قىلدى.
    1989-يىلى ئامېرىكا سەھىيە ئىدارىسى بىر قېتىملىق دوكلاتىدا، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش ئېھتىماللىقى تاماكا چەكمەيدىغانلاردىن 15 ھەسسە يۇقىرى دەپ كۆرسەتتى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-06-07)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: