-
(«شەبنەم مۇنبىرى»گە يوللانغان «ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە خۇدا» دىگەن شېئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۇ شېئىرنى يازغۇم كەلدى)
-
بۇ جاھاننىڭ ئىشىدا بىر قانۇنىيەت بار:
ئوخشىماس ھىچ مەۋجۇداتنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
ھەممىمىزنىڭ ئاغزىدىغۇ ئىزگۈ نىيەت بار،
لېكىن قالتىس مۇرەككەپتۇر ئادەمنىڭ بېشى. -
شېئىر ئۇنچە مۇقەددەس ئەمەس،
شائىرمۇ ھەم ئەمەس ئەۋلىيا. -
ئارىمىزدا بىر تام بار . تىكەندۇر - تىكەن؟
كۆڭلىمىزدە بىر غەم بار . ئۆلۈمدۇر - ئۆلۈم؟ -
قار ياغدى بۇ يىلمۇ، سەن يوق يېنىمدا.
پۈركەندىم شۇ قەدەر ئاپئاق چېچەككە. -
ماددىنى تولۇق بىل، ئاڭنى ئۇلۇغ بىل.
ئۆزۈڭنى دۇنياغا ئېتىلغان ئوق بىل.
تۇرقىدىن زۇلمەتكە ئوخشايدۇ بۇ تەن،
ۋە لېكىن روھنى سەن مەڭگۈ يورۇق بىل. -
-
-
ئەي مېنىڭ ئانا تىلىم – ئۇيغۇر تىلىم
سەنسىز مەن ئۇيغۇر بولۇپ يۈرەلمەيمەن. -
-
-
بەختكە ئىنتىلىپ ياشايمەن.
ئويلىرىم ئالەمنى كېزىدۇ.
كۆرىدۇ كۆزلىرىم ئەتىنى.
يۈرىكىم باھارنى سېزىدۇ -
ۋەدىگە ۋاپا قىلماس ھەر دائىم مۇناپىقلار.
يىمەس بىۋاپالىقتىن ھىچ ۋايىم مۇناپىقلار