版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34405340.html
مۇناپىقلار
ساداقەتجان ھاجى
ۋەدىگە ۋاپا قىلماس ھەر دائىم مۇناپىقلار.
يىمەس بىۋاپالىقتىن ھىچ ۋايىم مۇناپىقلار.
يالغاننى توقۇپ ھەردەم پاساھەت بىلەن سۆزلەر،
خۇلقى بەك ‹لاتاپەتلىك›، ‹مۇلايىم› مۇناپىقلار.
ئاغزىدىن ئادالەتنى، ھەقىقەتنى چۈشۈرمەيدۇ،
ئىش قىلغاندا نەپسىگە مۇلازىم مۇناپىقلار.
كۈندۈزى بولۇپ زاھىد ئەلنىڭ كۆزىنى باغلاپ،
شەيتانغا قىلار تۈندە مىڭ تازىم مۇناپىقلار.
بەيتۇللانى كۆرۈپمۇ ھارامدىن ھېيىقمايدۇ
‹ئىمانى› بار، ۋىجدانى يوق ‹ھاجىم› مۇناپىقلار.
ئۇيالماس خىيانەتتىن، ئەخلاقىي جىنايەتتىن،
ئىلمى بولسىمۇ پەزلى يوق ‹ئالىم› مۇناپىقلار.
ئىشقى بىدار دوست بولما مۇناپىق بىلەن ھەرگىز،
چۈنكى ھەقنىڭ ھۆكمىدە ئەڭ زالىم مۇناپىقلار.
★★★★★
(2006-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى. قەشقەر)
★★★★★
历史上的今天:
رەنا.يەرەشىۋا.شېئىرلىرى 2009年01月29日
گۈلجامال.ئەسقەروۋا.شېئىرلىرى 2009年01月29日
فەرىدە.ئەفرۇز.غەزەللىرى 2009年01月29日
ھەقىقىي.يىلتىز 2009年01月29日
جۇڭگونى چۈشىنىش: 50 يىلدىكى 50 شۇئار 2009年01月29日
收藏到:Del.icio.us
引用地址: