版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34416647.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    رەنا يەرەشىۋا شېئىرلىرى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئۆزبەكىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىست رەنا يەرەشىۋا  1961-يىل سەمەرقەند ۋىلايىتىنىڭ كاتتاقورغان شەھرىدە تۇغۇلغان. تاشكەنت دۆلەت سەنئەت ئىنىستىتوتىنى تۇگەتكەن. 1987-يىلدىن بىرى ئۆزبېك مىللىي ئاكادىمىك دراما تىياتىرىنىڭ ئارتىسى ھەم شائىرە. «سەمەرقەند سېغىنچى»(1996)، «سېنى تاشلاب كېتەلمەيمەن»(1998)، «ھىجران»(2000) قاتارلىق شېئىرىي توپلاملارنىڭ ۋە «ئىلاھىي ئىشق قىسسەسى»(2006) قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى. ئوزبەكىستان يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزاسى.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    شېئىرلار

     

    تۆرتلىكلەر

    ئىبتىداسى بار دۇنيانىڭ، باردۇر ئىنتىھاسى ھەم،
    قەلەندەرى بار دۆلەتنىڭ، بار بۈيۈك داھاسى ھەم،
    ئەگەر تىنچلىق، خاتىرجەملىك تىلەك بولسا ھەر دىلدا،
    بەختلىك بولغاي ئاشۇ يۇرتنىڭ گاداسى، پادىشاسى ھەم.


    ٭ ٭ ٭ ٭ ٭
    كۆكتە ئۇچقان قۇشلارنىڭ سەسى ئەسلا تىنمىسۇن!
    يىگىت سۆزى سۆز بولسۇن، سۆزى ئەسلا سۇنمىسۇن!
    بېشىڭغا چۈشگەن غەمنى، ئەلەمنى، غۇربەتلارنى
    دوستۇڭ بىلسە بىلسۇن. دۇشمەن ئەسلا بىلمىسۇن!!!


    ٭ ٭ ٭ ٭ ٭
    سەن تىز پۈكمەس قىيا بولساڭ، قار بولاي!
    نومۇسىڭنى ئاسرىغۇچى ئار بولاي!
    تاكى سەن بار، بۇ جاھاندا بار بولاي!
    نەكى بولسام، مەيلى، ساڭا يار بولاي!
    يار بولاي، يار، سۆيگىلى دىلدار بولاي!


    ٭ ٭ ٭ ٭ ٭
    رىزقىڭنى بەرگەنگە شۇكىر قىل ئادەم،
    ياخشى، ياماننى كۆر، فىكىر قىل ئادەم،
    ئاللاھقا تائەت قىل، ئاللاھقا سىغىن!
    ھەقنى ئۇلۇغ بىلىپ زىكىر قىل ئادەم!

     ٭ ٭ ٭ ٭ ٭


    بىر يول كۆرسەت


    بىر يول كۆرسەت، يۇرە-يۇرە ئاخىر ساڭا يېتەي مەن،
    ئىلتىجامنى قوبۇل ئەيلە، ئىزھارى دىل ئېتەي مەن.
    بىر قەلەم بەرگىن قولۇمغا قۇدرىتى ئىلاھىڭدىن،
    ساڭا مەنزۇر ھىكمەتلەرنى دۇنيالارغا بىتەي مەن…

    بىر كۈي بەرگىن، ئاھاڭىدا ئاداشمىسۇن سۆزلىرىم،
    بىر نۇر بەرگىن، قارىغاندا قاماشمىسۇن كۆزلىرىم.
    ئۆمۈر بەرگىن رەھمان بىلەن شىرىك بولسۇن ھەر كۈنۈم،
    دوست ۋە دۈشمەن ئارىسىدا سارغايمىسۇن يۈزلىرىم…
    رەنا  ئىسەم گۈل دەيدىلەر، گۇلدىن نازۇكتۇر كۆڭلۈم،
    ئىلتىجام شۇ، قۇل بولسام-دە، «سەن»گە يەتسۇن بوزلىرىم.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يولىڭىزغا زار-زار بولدۇم، سۇلتانىم



    نەچچە يىلكى يولىڭىزغا زار-زار بولدۇم، سۇلتانىم
    گۇلزار ئىدىم، يىتەلمەيىن ئازار بولدۇم، سۇلتانىم

    كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقتى، قاراقلىرىم كۆمۈلدى،
    غەم ۋە ھىجران لەھەد بولدى، مازار بولدۇم، سۇلتانىم

    كۆكتە مەغرۇر ئاي ۋە قۇياش، مەن زىمىندا سەدپارە،
    ۋەسىل ئۆيىگە يىتەلمىدىم، ئادار بولدۇم، سۇلتانىم

    يولىڭىزدا شېرىن جاننى فىدا قىلماق نىيىتىم،
    ئۇمىدلىرىم سەراب بولدى، ئەفگار بولدۇم، سۇلتانىم

    پايىمغا تىز چۆكمىش بۇ كۈن بۈيۈك تاغلار، ھىسارلار،
    ناھات سىزگە نەسىب ئەتمەس بازار بولدۇم، سۇلتانىم.

    بۇنچەلەر ھەم شىجائەتسىز، ھەدسىز بولۇرمۇ ئادەم؟
    نەزدىڭىزدە مەن رەنا ئەمەس، بىر دار بولدۇم، سۇلتانىم.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    م ەن ساڭا ئىنتىلىب ياشايمەن


    يوللار ئارمانلارغا باشلىسا ھەم،
    ئارمانلار كۆزلىرىمنى ياشلىسا ھەم،
    نە كوي، ئازابلارغا تاشلىسا ھەم،
    مەن ساڭا ئىنتىلىب ياشايمەن، جانىم.

    قۇمرىلار سايرىغان باغلىرىم تىنسا،
    كۆڭلۈم ساكىنلىققا چىدالماي سىنسا،
    دوستۇم بىلمىگەننى دۇشمىنىم بىلسە،
    مەن ساڭا ئىنتىلىب ياشايمەن، جانىم.

    ئۇمۈر ئۆتۇۋىرەر، غەيرەتلەر سۇنار،
    ئىنسان جۇدالىققا كۆنىكەر، كۆنەر.
    كۆزلىرىم ياشىدىن سەرۋىلەر ئۈنەر،
    مەن ساڭا ئىنتىلىب ياشايمەن، جانىم.

    كۈننىڭ كۆينەكلىرى يىرتىلدى، كەتتى،
    ناھات فەريادلىرىم ئاسمانغا يەتتى.
    رەنا يىغلاپ-يىغلاپ  ئۇشبۇنى بىتتى،
    سەنسىز ئازابلاردا نىتەي مەن؟  جانىم.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەرزىم ئېيتىب يىغلاي دىسەم سۇلتانىم يوق


    ھىجران ناملىق سەلتەنەتتە قۇل بولدۇم مەن،
    بۇلبۇلىدىن ئۈمىد كۈتكەن گۈل بولدۇم مەن،
    رەقىبلىرىم بېسىب ئۆتتى، يول بولدۇم مەن،
    بۇ قانداق بىر سەرھەد، باغۇ-بوستانىم يوق،
    ئەرزىم ئېيتىب يىغلاي دىسەم سۇلتانىم يوق.

    ئاھۇ كەبى قۇغلىدىلەر، قېچىۋەردىم،
    تاغ-دالاغا ئاق مارجانلار چېچىۋەردىم،
    ئاراملاردىن كېچىب، غەمنى قۇچىۋەردىم،
    بۇ قانداق بىر قارا كۈندۇر، ئىمكانىم يوق،
    مېنى ئاسراب قالغۇچى بىر پاسىبانىم يوق

    ئازابلارغا چىدىيالماي قۇش بولدۇم مەن،
    سەن ئۇنۇتتۇڭ-بىر كېچىلىك چۈش بولدۇم مەن،
    سەمەندەرگە ئايلاندىميۇ، خۇش بولدۇم مەن،
    مەنزىل بولدى ماڭا تاغلار، ئاسمانلار ھەم،
    كىرەك ئەمەس سۇلتانلار ھەم، پاسىبانلار ھەم.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىلتىجا


    مەيلى كۆزلىرىمگە باقمىغىن، جانىم،
    مەيلى، سۆزلىرىمگە قىلمىغىن پەرۋا.
    سەنسىز ياشار بولسام بار خانۇمانىم
    يېنىپ كۈل بولسا ھەم قىلمايمەن دەۋا!

    پەرىشان چاچلىرىمنى سىيلىما، مەيلى،
    مەيلى، پەرۋا قىلما كۆز ياشلىرىمغا،
    مېنى ئاتىمىغىن شېرىن يا لەيلى،
    مەيلى، سۆيۈپ قويما ياناقلىرىمغا.

    قۇتقازمىغىن مېنى ئاچچىق قىسمەتتىن،
    قوللىرىمنى باسما باغرىڭغا يېنىپ،
    لېكىن بىر ئۆتۈنىشىم بار ئىدى سەندىن،
    قەلبىمگە نەزەر سال، تاپماسسەن ئۇندىن!

    تاشلاپ كېتىشىڭنى بىلەتتىم
    ئازابلارغا يۈزمۇ-يۈز، يالغۇز،
    مەن ئىگەمگە سەجدە قىلاتتىم،
    سېنى يېڭەلمىسۇن يالماۋۇز!

    ئۇنىڭ كالتا چاچلىرى ئۇچۇن
    ئالتۇن تارغاق ئېلىپ بېرىپسەن.
    ھەيران باقسا نۇرانىي ئاچۇن،
    ھىممىتىڭدىن خۇرسەن، كۈلۈپسەن.

    يالماۋۇزغا قۇل بولۇب قالغان
    سۇلتانىمغا كۆيۈپ يىغلايمەن،
    ئەۋرەب بەختۇ-تەختىمنى ئالغان
    جادۇگەرنى قارغاب ئۆتكەيمەن.

    چۆچەكلەرگە ئوخشايدۇ قىسمەت،
    شاد-بەختىيار ئىدىم بىر چاغلار.
    باشتىن ئۇچتى بەخت قۇشى، ئامەت
    كەتتى. يىغلاپ يازدىم قوشاقلار.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    يادىڭدىمۇ


    قوي، جانىم، يولۇمنى توسمىغىن ئەمدى،
    قەدرىڭگە يېتەي دەپ ۋەدەلەر بەرمە!
    ئايرىلىش سايىسىنى  تاشلىدى ئەمدى،
    يولۇمنى توسماق ئۈچۈن يېنىمغا كەلمە!

    يادىڭدىمۇ؟
    تۈنلىرىمدە ئاي بولۇپ مېنىڭ
    يوللىرىمنى يورۇتماقچىدىڭ!
    كۈندۈزۈمدە بولۇپ قۇياشىم
    جامالىمغا خوپ تويماقچىدىڭ!

    ئەفسۇس، ھەممە ئېيتقان سۆزلىرىڭ
    سۆزلىگىچە قالدى ئۆمۈرباد،
    ئالداب مېنى شەھلا كۆزلىرىڭ،
    ھاياتىمنى قىلدىلەر بەرباد!

    شىلدىرلىغان تىنىق بۇلاقتىن
    مەن سېنى دەپ چانقاق باسمىدىم.
    ئالدانمىغىن، دىسە يېنىشلاپ،
    قارىمىدىم، قۇلاق سالمىدىم.

    مانا ئۆتتى نەچچە پەسىللەر،
    بەرداشلىغىم تۇگىدى مېنىڭ.
    كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىم
    دەريا بولۇپ ئېقىتسۇن سېنى!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ شاھى جاھانىم


    سېنىڭ كېلىشىڭنى كۈتۈپ  ياشىدىم،
    قانچە ئەلەملەرنى يۇتۇپ ياشىدىم،
    جانىمنى جەببارغا تۇتۇپ ياشىدىم،
    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    گۈللەرنىڭ ئەتىرى ساڭا ئىلىندى،
    كەلمىدىڭ، ئەغياردىن كۆكسۈم تىلىندى.
    بەزەن دوستلار ساتتى، ئورنۇڭ بىلىندى،
    بىلمىدىڭ، بىلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    ھالىمنى ئېيتسۇنلەر كۆكتە يۇلتۇزلار،
    ئايرىلىش داغىدىن سارغايدى يۈزلەر.
    بىر بارە ئېيتقىلى ماڭا سوڭ سۆزلەر،
    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    مەن يامان، ئۆزگىلەر ياخشى بولۇپتۇ،
    مەندىن ئايرىلىپ كۆڭلۈڭ تولۇپتۇ.
    دىسەلەر بىر كۈنى «دوستۇڭ ئۆلۈپتۇ»،
    بىلمىدىڭ، بىلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    سۆيۈلگەن ئادەممۇ، سۆيگەن ئادەممۇ؟
    ساڭا بىلىپ -بىلمەي كۆڭۈل بەردىممۇ؟
    يا بىۋاقت ئۇچرىدىم، بىۋاقت كەلدىممۇ؟
    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    ساڭا، جان، كۈندەلەڭ كەلسە بالالەر،
    ئامانلىق ساڭادۇر، بىزگە قازالەر.
    خۇرسەن بولۇشسۇن دەپ ئول دىلرابالەر
    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    ئامانەت ئىكەنمۇ ئىشقىم بەرباددۇر،
    كۆكسۈمدىن كۆك تامان چىققان فەرياددۇر.
    كىملەر شېرىن ئىكەن، كىملەر فەرھاددۇر،
    بىلمىدىڭ، بىلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.

    رەنا، يەنە قالدىم ئاللاھىم بىلەن،
    جان بېرەي كۆكسۈمدە ئىمانىم بىلەن.
    بىر لەھزە بولسامتىم سۆيگەنىم بىلەن،
    كەلمىدىڭ، كەلمىدىڭ، شاھى جاھانىم.



    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى.
    باشقا تور بىكەتلەرگە يوللاشقا بولمايدۇ

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: