جۇڭگونى چۈشىنىش: 50 يىلدىكى 50 شۇئار - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:تارىخ 2009年01月29日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34407770.html
جۇڭگونى چۈشىنىش: 50 يىلدىكى 50 جۈملە
جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگودا 50 يىلدىن بىرى نىمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، ھەر بىر يىلدا مودا بولغان تۆۋەندىكى 50 جۈملە سۆزدىن بىلىۋىلىڭ:
1949-يىل: جۇڭگۇ خەلقى ئورنىدىن دەس تۇردى.
1950-يىل: ئامىرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، چاۋشەنگە يارىدەم بېرىپ، ۋەتەننى، ئۆزىنى قوغداش.
1951-يىل: ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر كىم؟
1952-يىل: ئۈچكە قارشى، بەشكە قارشى ھەرىكەت.
1953-يىل: باش لۇشەن.
1954-يىل: تەيۋەننى چوقۇم ئازات قىلىمىز.
1955-يىل: كوپىراتسىيەلىشىش.
1956-يىل: كۆپ، تىز، ياخشى، تىجەشلىك بولۇش.
1957-يىل: بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە .ئېقىملار بەس-بەستە سايراش.
1958-يىل: چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش.
1959-يىل: ياشىسۇن ماۋجۇشى.
1960-يىل: قامال قىلىڭلار، 8-10 يىل قامال قىلساڭلار، جۇڭگۇنىڭ مەسىلىسى ھەل بولىدۇ.
1961-يىل: مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ، ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بېرىش.
1962-يىل: سىنىپىي كۆرەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماسلىق.
1963-يىل: يولداش لېي فىڭدىن ئۆگىنىڭلار.
1964-يىل: سانائەتتە داچىڭدىن، يېزا ئىگىلىكىدە داجەيدىن ئۆگىنىش.
1965-يىل: ئازاپ-ئوقۇبەتلىك كۈنلەرنى ئەسلەپ، راھەت-پاراغەتنىڭ قەدرىگە يېتىش.
1966-يىل: ئىسيان كۆتۈرۈش يوللۇق.
1967-يىل: خۇسۇسىلىققا قارشى تۇرۇپ، شيۇجىڭجۇيىنى تەنقىت قىلىش.
1968-يىل: كەڭ زىمىندا نى-نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
1969-يىل: باشقىلار بىزگە چېقىلمىسا، بىز باشقىلارغا چېقىلمايمىز. باشقىلار بىزگە چېقىلىدىكەن، بىز چوقۇم باشقىلارغا چېقىلىمىز.
1970-يىل: ئىشچى-دىھقان-ئەسكەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشى.
1971-يىل: دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى.
1972-يىل: لەخمىنى چۇڭقۇر كولاپ، ئاشلىقنى كۆپ جۇغلاش. زومىگەر بولماسلىق.
1973-يىل: ئېقىمغا قارشى تۇرۇش.
1974-يىل: لىن بىياۋنى، كۇڭزىنى تەنقىت قىلىش.
1975-يىل: ئوڭچىل دىلۇ ئاغدۇرۇش شامىلىغا زەربە بېرىش.
1976-يىل: كىشىنىڭ كۆڭلىنى راسا خۇش قىلىدىغان ئىش «تۆت كىشىلىك گورۇھ» تارتىپ چىقىرىلدى.
1977-يىل: گولدباخچە قىياس.
1978-يىل: ئەمەلىيەت-ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم.
1979-يىل: قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر.
1980-يىل: بىرنىلا تۇغۇش ياخشى.
1981-يىل: جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش.
1982-يىل: جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم قۇرۇش.
1983-يىل: قاتتىق زەربە بېرىش.
1984-يىل: ۋاقت-پۇل، ئۈنۈم-ھاياتلىق.
1985-يىل: بىر قىسىم كىشىلەر ئاۋال باي بولۇش.
1986-يىل: ياشىسۇن چۈشىنىش.
1987-يىل: دېڭىزغا چۈشۈش.
1988-يىل: ھىسسىياتقا ئەگىشىپ مېڭىش.
1989-يىل: مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ.
1990-يىل: ئاسىيادىن بۆسۈپ چىقىپ، دۇنياغا يۈرۈش قىلىش.
1991-يىل: ئۇمىد قۇرۇلۇشى.
1992-يىل: تەرەققىيات-چىڭ قائىدە.
1993-يىل: ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش.
1994-يىل: باي بولۇش.
1995-يىل: ساختا ماللارغا زەربە بېرىش.
1996-يىل: جۇڭگۇنىڭ «ياق» دىيىشىگە بولىدۇ.
1997-يىل: ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كېلىش.
1998-يىل: جان تىكىپ مۇداپىئە كۆرۈش.
1999-يىل: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2000-يىل 18-دىكابىر سانىدىن تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي. باشقا توربەتكە يوللىسڭىز مەنبەنى تولۇق ئەسكەرتىڭ
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us