版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34687738.html

    ئۆزۈمنى ئىزدەش


    ساداقەتجان ھاجى


    ئىلگىرى ۋاز كەچكەن بولسام نىمىدىن،
    شۇنىڭغا ئېرىشمەك بولدۇم يېڭىدىن.

    ئوقۇدۇم «مەڭگۈتاش»، «ئوغۇزنامە»نى.
    ھىس قىلدىم چاقماقنى، گۈلدۈرمامىنى.

    ئات سالدىم كۆك بۆرە ئىزىنى بويلاپ،
    تېخىمۇ كەڭرى بىر دۇنيانى ئويلاپ.

    ئوقۇدۇم مەھمۇدنىڭ كىتابىنىمۇ.
    ئاڭلىدىم يۈسۈپنىڭ خىتابىنىمۇ.

    زوقلاندىم نەۋائىي غەزەللىرىدىن.
    «خەمسە»نىڭ ۋاپادار گۈزەللىرىدىن.

    مەردانە مەشرەبكە كۆڭلۈمنى بەردىم.
    زەلىلى بېغىدىن گۈللەرنى تەردىم.

    مەي ئىچىپ قانغۇچە مۇقام جامىدىن،
    يايرىدى ۋۇجۇدۇم مەي ئىلھامىدىن.

    نۇرلاندى نۇزۇگۈم روھىدىن دىلىم.
    ھىس قىلدىم ئۇنىڭسىز بەختىمنى يېرىم.

    ئۆگەندىم سادىردىن قوشاق قېتىشنى.
    ئارمانلار ۋەسلىگە قانداق يېتىشنى.

    ئويغاندىم ئۇيغۇرنىڭ دالالىتىدىن.
    ۋاز كەچتىم ئۇيقۇنىڭ ھالاۋىتىدىن

    يول تاپتىم تەۋپىقنىڭ ھىدايىتىدىن.
    قۇتۇلدۇم نادانلىق قىيامىتىدىن.

    ئۆزۈمدىن ئىزدىدىم ئۆزۈمنى ئاخىر.
    قارىسام ئىكەنمەن ئۆزۈم جاۋاھىر.

    شەرەپكە لىق تولغان ئىكەن كەچمىشىم.
    نىمىشقا كۆپ يەنە بۈگۈن تەشۋىشىم؟

    نىمىشقا ئۆزۈمدەك بولمايمەن ئۆزۈم؟
    نىمىشقا يەرگىلا قارايدۇ كۆزۈم؟

    نىمىشقا روھىمنى غەپلەت باسىدۇ؟
    قەلبىمنى پۇشايمان، ھەسرەت باسىدۇ؟

    نىمىشقا تارىمنى قۇملار باسىدۇ؟
    كۆڭلۈمنى ئاداۋەت - غۇملار باسىدۇ؟

    نىمىشقا بۇلغۇنۇپ كېتىدۇ تۈمەن؟
    قېنى ئۇ مەن خۇشال ئوينىغان چىمەن؟

    قېنى ئۇ جاۋاھىر؟ قېنى ئۇ شەرەپ؟
    بۈگۈنكى ھالىمغا ئىزدىسەم سەۋەب:

    ھىچكىمدە ئەمەسكەن، ئۆزۈمدە ئىكەن.
    غۇنچىدەك باغرىمغا سانجىلغان تىكەن...

    شۇڭلاشقا ۋاز كەچكەن بولسام نىمىدىن،
    ئىزدىشىم كىرەكتۇر شۇنى يېڭىدىن.

    تېپىشىم كىرەكتۇر ئۆزۈمنى ئاخىر!
    بولۇشۇم كىرەكتۇر مەنمۇ جاۋاھىر.


    (2001-يىل 4-ئاي. قەشقەر)
    «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 22-ماي)

    *****************************************
    ساداقەتجان ھاجى شېئىرلىرىنىڭ يەنە بىر مەنزىلى:
    http://asrim.cn/ShowForum.asp?ForumID=126
    *****************************************

    بۇ
    شېئىرىمنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    *****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: