ئايلىق : 2011-07

ناحشىلارمۇ ئالامەت پەيزى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.26ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 18 viewsئىنكاس سانى : 1

بۅۈركۅۈت ناخحشا ئەتىرتىنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى ، بۇ ناخشا ئەتىرتىمۇ سەنئەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سەھنىدىن ئايرىلدى ، بىراق ئۇلار ئىجاد قىلغعان ، ئۇرۇنلغعان ناخشىلار ئۇنتۇلعىغىنى يوق ، ئەڭ نادىر ناخشىلىرىنىڭ بىرسى « كالفورنىيە مېھمانحخانىسى» ، بەلكىم بۇ ناخحشىنى بارلىق تورداشلار ياقتۇرسا كېرەك ، قېنى تۉۆۋەندە ئۇلارنىڭ بىر قسىم ناخشىلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنايلى .

css تەھرىرلەش دېتالى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.23ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 2

تور بەت ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئۈچۈن زۆرۈر دېتال بولۇپ سىغىمى كىچىك،ئارتۇقچىلىقى سىزنىڭ بىرەر كود يىزىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق پەقەت سىز دېتال تەمىنلىگەن قوراللاردىن پايدىلنپ مۇناسىۋەتلىك تاللاش تۈرلىرىنىلا تاللاپ بەرسىڭىز بولىدۇ،بۇنىڭ ئەڭ ئىسىل دەپ قارىغان ئارتۇقچىلىقى بولسا سىز css نى تەھرىرلەۋىتىپ ئۈنۈمىنى شۇدېتالنڭ ئۆزىدىلا كۆرەلەيسىز،ئارتۇقچە html گە ئۇلاپ ئۈنۈم كۆرشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

چۈشۈرۈش ئادرىسى

قاتتىق دېسكا ياكى بارماق دېسكىنى Fat32دىن Ntfs گە قانداق ئۆزگەرتىمىز؟

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.19ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0

گـەپ ئىنىقكى ئەگەر سىزنىڭ قاتتىق دىسىڭىز Fat32 شەكىلدە فورماتلانغان بولسا،سىز قاتتىق دىسكىڭىزغا چوڭ سىغىمدىكى ھۆججەتلەرنى كۆچۈرەلمەيسىز،سىز ھەرقانداق چوڭ سىغىمدىكى يەنى 4-Gb دىن چوڭ بولغان ھەرقانداق ھۆججەتنى Fat32 شەكىلدە فورماتلانغان دىسكىڭىزغا كۆچۆرگەندە تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇر چىقىدۇ،قايتا -قايتا سىنسىڭىزمۇ شۇنداق ئۇچۇر چىقىۋالىدۇ. 1_رەسىمگە قاراڭ بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قاتتىق دىسكىڭىزنى ntfs شەكىلگە ئايلاندۇرۇشىڭىز كىرەك بىۋاستە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى Windows xp نىڭ ئىجرا قىلىش كۆزنىكىگە Cmd دىگەن خەتنى يىزىپ ئاندىن Enter نى باسسىڭىز بىر Dos قا ئوخشايدىغان قارا كۆزنەك پەيدا بولىدۇ سىز شۇۋاقىتتا تۆۋەندىكىدەك خەتنى كىرگۈزۈڭ _________________ convert D: /FS:NTFS ________________________ ئۈستىدكى كوماندىدا يېزىلغان D بولسا سىزنىڭ قاتتىق دىسكىڭىزنى كۆرسىتىدۇ،ئەگەر سىز F,E,C ئوخشاش خالىغان بىرسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز ئۈستىدىكى كوماندىكىدىكى D نى دىسكىڭىزنىڭ نامىغا ئالماشتۇرۇپلا بۇيرۇق بەرسىڭىز بولىدۇ 2-رەسىمگە قاراڭ

Picture

 
Picture

سىزنىڭ سېھىرگەرلىكنى ئۆگەنگۈڭىز بارمۇ ؟ ئۇنداقتا نەزىرىڭىز بۇيەردە بولسۇن

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.19ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 0

مەن ھەردائىم تېلۋۇزۇرلاردا سېھرىگەرلەرنىڭ ئوينىغان سېھىرىگەرلىك ھۈنەرلىرىنى كۆرگەن ۋاقىتلىرىمدا  ئېچىلىپلا قالاتتى  ، مۇشۇ  سېھىرگەرلىكنى بىر ئۆگۈنىۋالسام قانداق ياخشى بۇلاتتى – ھە دەپمۇ كېتەتتىم بەزى ۋاقىتلاردا ئۆز – ئۆزەمگە ، مانا بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ تۇيۇقسىز بۇ تورنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم ، كۈتۈلمىگەندە بۇ توربەتنىڭ ھەقىقەتەن بىر كەسىپى سېھىرگەرلىك تور بېتى ئكەنلىكى ئېنىقلا ئىدى ، مەن خېلى ئۇزۇنلارغىچە نۇرغۇن فىلىملىرىنى كۆرۈپ بولدۇم ، ئاخىرى تورداشلارنىڭ ئارىسىدىمۇ سېھرىگەرلىككە قىزىقىدىغانلار بولسا كېرەك ، چۇقۇم ياردىمى بۇلىدۇ دېگەن مەقسەتتە بۇ يەرگە يوللاپ كەڭ  دوستلىرىم بىلەن بىرگە ئورتاقلىششىنى لايىق تاپتىم .

بۇ توربىكەت سىزگە سېھرگەرلىكنى ئۈگىتىدۇ،ئەگەر سىز سېھىرگەرلىككە قىززىقسىڭىز بۇ توربىكەت ئەڭ ياخشى باشلىشىڭىز بولالايدۇ
توربىكەت ئادرىسىhttp://www.yudomagic.com/
بۇنىڭدا سېىھرگەرلىككە ئائىت ھەرخىل تۈرلەر بولۇپ كەسپى سېھىرگەرلەر نەخ مەيداندا سۈرەتلىك كۆرسىتىدۇ

PDF كىتابنى FLASH بېتىگە توردا ئايلاندۇرۇش ئۇسۇلى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.19ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 21 viewsئىنكاس سانى : 0

مەن كۆپىنچە توردىن ئىنگىلىزچە كېتابلارنى چۈشۈرۈپ كۆرەتتىم ،ھازىر ئوقۇش مەزگىلى بولغاچقا تورخانىدا تورغا چىقىدىغان گەپ،بەزى تورخانىلاردا pdf ئوقۇغۇچ يوق بولۇپ ئۇنى چۈشۈرۈپ بولغىچە ۋاقىت ئۆتىدىكەن شۇنىڭغا ئۇنى بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ ئاندىن ئۆزۈمنىڭ كومپيۇتېردا كۆرەتتىم ،كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇنى ياخشى بىر چارىسى ئۇچراپ قالدى ئۇ بولسىمۇ ئۇنى Sfw يەنى Flash شەكىلدە توربەتكە توردا ئايلاندۇرۇپ ئۇنى ئوقۇش ئۇسۇلىكەن.بۇ تور بىكەت بەك ئىقتىدارلىق بولۇپ 10 mb دىن كىچىك بولغان pdf نى Flash شەكىلدىكى توربىكەت ئايلاندۇرۇپ بېرىدۇ سىز خۇددى ئەمەلى كىتابنى ئوقۇغاندەك ۋارئىككى بەتتىن ۋاراقلاپ ئوقۇيالايسىز،رەڭلىرنى ئۆزىڭىز تەڭشەيسىز،سىز ئايلاندۇرماقچى بولغان كىتاب ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى http://www.codebox.es/home توربىكەت كىرىپ Attach  نى بىسىپ يوللىغاندىن كىيىن convert نى باسسىڭىز يۇقاردا مەندىگەن ھالەتكە كىلىدۇ ئاندىن download نى بىسىپ چۈشۈرۈسىڭىز Rar شەكىلدە چۈشىدىغان بولۇپ ئىچىگە قارىسا html ھۆججىتى بار شۇنى بىسىپ كۆرۈشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ،ئۇندىن باشقا بۇنى توربىكەت ياسىغۇچىلار ئىلىكتىرونلۇق كىتاب بېتى ياساشتا پايدىلانسىمۇ بولىدۇ
ئەمىسە باشلاڭ http://www.codebox.es/home
مەنبەسى :http://tormahiri.weebly.com
پايدىسى تەگەسە تەشۋىق قىلىپ قوياسىز!

كىتاب سوۋغا قىلىش

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.18ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 12 viewsئىنكاس سانى : 0

 

كىتاب سوۋغا قىلىش ،  ئابدۇقەييۇم مىجىت

ئابدۇقەييۇم مىجىت

 ئۇيغۇرلار خېلىلا تاكامۇللاشقان كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىغا ئىگە مىللەت بولۇپ، ئۇلار قەدىمدىن تارتىپ مەلۇم ئەخلاق مىزانلىرى، ئېلىم – بىرىم، سوۋغا– سالام ئادەتلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ، قىلىپلاشتۇرۇپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇ جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى، ئىستېتىك ئۆلچىمى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ئەخلاقىغا ئۇيغۇن ھالدا ئۆزىگە خاس سوۋغا– سالام بېرىشىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن. سوۋغا ـــ ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش، كۆڭلىنى ئېلىش، تەبرىكلەش قاتارلىق تۈرلۈك مەقسەتلەر بىلەن بېرىلىدىغان نەرسە، ھەدىيەدۇر. كىتاب سوۋغا ( تەقدىم ) قىلىش ئۇيغۇرلاردىكى تىپىك ۋە قەدىمىي بولغان سوۋغات بېرىش ئادەتلىرنىڭ بىرىدۇر. بۇ ئادەت ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىلىم سۆيەر روھىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن.

ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ مۇقەددىمىسىدە مەھمۇد قەشقىرى « بۇ كىتابنى ھاشىم ئۇرۇغىدىن چىقىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسىدە يولباشچى بولغان… مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ۋە تەڭرى تەيىنلىگەن خەلىپە مۇھەممەت ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىئەمرىللا ھەزرەتلىرىگە ئارمىغان قىلدىم . » دەپ يازغان. مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىنىڭ كىتابىنى خەلىپىگە تەقدىم قىلىشىنى « ئارمىغان قىلدىم » دەپ ئاتىغان. دېمەك، بۇنىڭدىن بىز مەھمۇد قەشقىرى ياشىغان بۇنىڭدىن مىڭ يىللار بۇرۇنقى دەۋىرلەردىمۇ كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتىنىڭ بارلىقىنى ۋە باشقىلارغا كتاب سوۋغا قىلىشنى «ئارمىغان قىلىش» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يۈسۈپ. خاس ھاجىپمۇ ئۆزىنىڭ شاھانە ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، «… ئۇنى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى تاۋغاچ بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەنگە تەقدىم قىلغان. ھەسەن بۇغرا قاراخان مۇئەللىپكە خاس ھاجىپلق ئۈنۋانىنى بەرگەن. » بىز قاراخانىلار خانى بۇغرا قاراخان ئەبۇ ئەلى ھەسەننىڭ ئالىمنىڭ بۇ ئىلمىي ئەمگىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانىنى بېرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن مەسلىھەتچىسى قىلغانلىقىغا قاراپ، بۇندىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئۇيغۇرلاردا ئىلىم – مەرىپەت ۋە ئىلىملىكلەرنىڭ قانچىلىك قەدىر– قىممىتى بولغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. يۈسۈپ خاس ھاجپنىڭ خاس ھاجىپلىق ئۈنۋانىغا مۇيەسسەر بولىشىغا ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى ئۇنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان دانا ھۆكۈمرانغا تەقدىم قىلغانلىقىدىن بولغان. ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى يەنە بىر بۈيۈك نامايەندە بولغان نەسىردىن رابغۇزىمۇ ئۆزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا » ناملىق ئەسىرىنى يېزىپ بولغاندىن كېيىن، « چاغاتاي خانلىرىنىڭ ئاخىرقىلىرىدىن بىرى بولغان، 1326– يىلى تەخىتكە ئولتۇرۇپ ئىسلام دىنىغا كېرىپ، ئۆزىگە ‹ئالايىدىن› دېگەن دىنىي ئۈنۋاننى قۇبۇل قىلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا چىڭگىزخاننىڭ قانۇنلىرىنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، شېئىرىيەت كالاملىرىنى يېتەكچى قىلغان تار– مارشىن خاننىڭ ئوردىگاھلىرىنىڭ بىرىدە ئىشلىگەن ‹ توق بۇغا خان › غا تەقدىم قىلىدۇ.» بىز بۇلاردىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە زىيالىلارنىڭ كىتاب تەقدىم قىلىشنى ئەنئەنە سۈپىتىدە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى قىياس قىلالايمىز.

بۇرۇن ئوردا يازغۇچىلىرى ۋە ساراي شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى پادىشاھلارغا تەقدىم قىلىناتتى. ئۇلارنىڭ خان – پادىشاھ، بەگلەرگە كىتاب تەقدىم قىلىشىدا ھۆكۈمرانلارنىڭ نوپۇزىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ نامىنى چىقىرىش ياكى خانلىق دىۋانخانىغا شۇ ئەسىرىنى قويۇش ئارقىلىق ئۆز نامىنىڭ تارىختا مەڭگۈ ساقلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىش ۋە ياكى شۇ ئەسىرى ئۈچۈن ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرەر ئەمەل– مەنسەب بېرىشىنى تەما قىلىش … قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بولغان. مەيلى قاندق بولىشىدىن قەتئىينەزەر كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتىنىڭ ئۈزۈلمەي داۋام قىلىشى تارىختىن بۇيان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئالىملارنىڭ ھايات ۋە ھەقىقەت ھەققىدىكى پەلسەپۋىي پىكىرلىرى ۋە ئىلىم جاۋاھراتلىرىنىڭ جۇغلىنىشى، تارقىلىشى ۋە يۇقىلىپ كەتمەي زامانىمىزغىچە يېتىپ كېلەلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بولۇپمۇ مەتبەئە تېخنىكىسى تەرەققىي قىلمىغان دەۋىرلەردە كىتابلارنى، بولۇپمۇ دىنىي دەستۇرلارنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، بىر– بىرىگە سوۋغا قىلىش بۇددا ۋە ئىسلام دىنلىرىدا چوڭ ساۋابلىق ئىشلار، دەپ قارالغان. بۇمۇ كىتاب سوۋغا قىلىش ئادىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولغان ئامىلدۇر.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇيغۇرلاردا كىتاب تەقدىم قىلىش ئادىتى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلمەكتە. كىتاب سوۋغا قىلغۇچى ئالدى بىلەن ئۆزى سوۋغا قىلماقچى بولغان كىتابنىڭ مەزمۇن جەھەتتىن سوۋغاتنى ئالغۇچىغا ماس كېلىدىغان– كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلىشىدۇ. ئاتا – ئانىلار بالىلرىغا كۆپىنچە دەرسلىك كىتابلارنى ياكى پەندى– نەسىھەت خارەكتېرىدىكى كىتابلارنى تەقدىم قىلىشىدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئالدىدا تۇرغان ياكى پەرزەنتلىك بولغان دوست– يارەنلىرىگە پەرزەنت تەربىيىسىگە ئالاقىدار كىتابلارنى( مەسىلەن « ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى »، « سېنتا خانىمنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى »، « تالانتلىق بالىلار مۇنداق تەربىيىلىنىدۇ»، « يەھۇدىيلار بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلەيدۇ؟» دېگەندەك ) سوۋغات قىلىشىدۇ. بىر– بىرىگە كۆڭلى بار دوستلار ( قىز– يىگىتلەر ) كۆپىنچە مۇھەببەت تېمسىدىكى ئەسەرلەرنى سوۋغا قىلىشىدۇ. باشقىلارغا تەقدىم قىلىنغان كىتابلار ـــ مەيلى ئۆزىنىڭ ئەسىرى بولسۇن، ياكى باشقىلارنىڭ ئەسىرى بولسۇن ـــ ناھايىتى قىممەتلىك سوۋغات سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە سۆيۈپ ئوقۇلىدۇ. كىتاب تەقدىم قىلىشتا، كىتاب تەقدىم قىلغۇچى ئۇنىڭغا بېغىشلىما يېزىپ بېرىدىغان ئادەت بار. بېغىشلىما ـــ يازغۇچى ياكى شائىرنىڭ ئۆز ئەسىرىنىڭ بېشىدا ئۇنى كىمگە ئاتىغىنىنى ياكى قانداق ۋەقە شەرىپى ئۈچۈن يازغانلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان شېئىرى، لىرىك كېرىش- دىباچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ « پرولوگ » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىتابقا بېغىشلىما يازغاندا ئىككى خىل ئوبېكىتقا قارىتا يېزىلىدۇ. بىرى، مەلۇم بىر كوللىكتىپ ياكى ئىجتىمائىي توپ ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىش. يەنە بىرى، مەلۇم بىر شەخىسكە قارىتا بېغىشلىما يېزىش. مەلۇم بىر كوللىكتىپ ياكى ئىجتىمائىي توپ ئۈچۈن بېغىشلىما يېزىلىپ سوۋغا قىلىنىدىغان ئەسەرلەر كۆپىنچە ھاللاردا سوۋغا قىلغۇچىنىڭ ئۆز ئەسىرى (كىتابى) بولىدۇ. بۇنىڭغا كۆپىنچە « بۇ كىتابىمنى … خەلقىمگە بېغىشلايمەن. »، « بۇ كتابىمنى ئانا مەكتىپىم … گە بېغىشلايمەن. » « بۇ كىتابنى… قورۇلغانلىقىنىڭ … يىللىقىغا بېغىشلايمەن. » دېگەندەك بېغىشلىمىلار يېزىلىدۇ. ئەگەر تەقدىم قىلىنماقچى بولغان ئەسەر بىرەر شەخىسكە بېرىلسە، ئۇنىڭغا سوۋغات قوبۇل قىلغۇچىنىڭ مەلۇم بىر نەتىجىسىنى ياكى بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغان ياكى مۇبارەكلەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز– جۈملىلەرنى يېزىلغاندىن سىرت، يەنە ئۆزى ياقتۇرىدىغان ھېكمەتلىك سۆز، ماقال– تەمسىل ۋە شېئىرلار يېزىلىدۇ. باشقىلارغا تەقدىم قىلغاندا « دوستۇم ( ياكى: ھۆرمەتلىك ) …. غا تەقدىم ( ياكى: يادىكار، ئەستلىك ) ! » دەپ بېغىشلىما يېزىپ، ئىمزا قويىلىدۇ ھەمدە يىل، ئاي، كۈنلەر ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ. بۇ ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدا بىر ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاتا ـ ئانىسى ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن تارتقان جاپا– مۇشەققەت ۋە ئەرزىيەتلىرى ۋە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ۋە كىتاب تەقدىم قىلىش كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان پەزىلەت. كىتاب ـــ ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋىي ئوزۇقى ۋە ئىلىم جۇغلانمىسىدۇر. ئۇ كىشىلەرگە بىلىم سوۋغا قىلىدۇ. شۇڭا، كىتاب تەقدىم قىلىش ماھىيەتتە ئىلىم تەقدىم قىلىشتۇر، مەنىۋىي ئۇزۇق تەقدىم قىلىشتۇر. كىتاب سوۋغا قىلىش باشقىلارغا سوۋغات بېرىش شەكلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش ۋە شۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى يېقىنلىق ۋە مېھرى – مۇھەببەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى بىلىم ۋە ئۇچۇلارنىڭ جەمئىيەتتە تارقىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا سەۋەب بولىدىغان بىر ئېسىل ئادەت. ئۇيغۇرلاردا « كىتاب بىلىم بۇلىقى، بىلىم ھايات چىرىغى » دېگەن ماقال بار. شۇڭا، كىشىلەر كىتابنى ئۇنىڭ باھاسىغا قاراپ ئەمەس، ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىغا چىراق بولۇشتەك قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ سوۋغا قىلىشىدۇ. كىتاب سوۋغا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئېسىل ئەنئەنىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان توختاپ قالماي ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشى ئۇيغۇر ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە زىيالىلىرىدىكى ئىلىم سۆيەر روھنىڭ بىر روشەن نامايەندىسىدۇر. ئۇيغۇرلاردىكى « تارتۇق قىممەتلىك ئەمەس، كۆڭۈل قىممەتلىك »، « ھەدىيە قىل، مىننەت قىلما » دېگەندەك ماقال– تەمسىللەر ئۇيغۇرلارنىڭ بىر – بىرىگە نەرسە – كېرەكلەرنى سوۋغا قىلىش، تەقدىم قىلىش، ھەدىيە قىلىش ھەققىدىكى ئەخلاقى چۈشەنچىلىرىنى روشەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

مەنبە: « شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلى 2009-يىللىق 5-سان.

ئۆيىڭىزدە ئولتۇرۇپمۇ دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىدىكىلەربىلەن ئېنگىلىزتىلىدا بىمالال پىكىرلىشەلەيسىز

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.17ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 2

ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگەنگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان بولغان بولسىمۇ ئۆزەمنىڭ ھازىرقى مۇھىتىدىن كۆپ زارلىنىپ كەتمىدىم ، چۈنكى مەن ياشاۋاتقان مۇھىتتا ( ناھىيىمىزنى دېمەكچى ) ئېنگىلىزتىلى پەقەتلا ئىشلىمەيدۇ  ، سىز بۇيەردە ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ قالسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق بىر تىلنى ئۆگىنىپ قالغانلىقىڭىزدىن ئېچىنىسىز ، بىراق مەن دەسلەپتە ئۆزەم ئۈگەنگەن تىلىنى ئىشلىتەلمەي پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىشىمدىن قاتتىق ئەنسىرىگەن ، خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن خىزمىتىم ئالدىراش ھەم جىددى بولسىمۇ لېكىن خىزمەت شارائىتىم ياخشى ئىدى، كۈندە نورمال تورغا چىقالايمەن ، خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا بلوگ يېزىش ياكى بلوگگىرلارنىڭ بلوگلىرىنى زىيارەت قىلىش بىلەن كۈن ئۆتكۈزىمەن ، شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىزدەپ يۈرۈپ چەتئەللىكلەر بىلەن نورمال پىكىرلەشكىلى بولىدىغان بۇ سورۇننى بايقاپ قالدىم ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزەمنىڭ ئېنگىلىزتىلى كەسىپىمنى يەپ كېتىشىمدىن ئانچە بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمىدىم ، بۇ قانداقتۇر بىر ئالاھىدە دېتال ئەمەس كومپىيۇتىرىىڭىزغا چۈشۈرۈپ ئىجرا قىلىش ھاجەتسىز ، تور مۇھىتىدا تۇرۇپلا تىزىملىتىپ كىرىپ نورمال پاراڭلىشالايسىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنىڭ ئېلخەت ئادىرسىڭىز بۇلۇشى كېرەك ( مېنڭىچە بۇ ھازىر كەڭ دائىرىدە ئوموملىشىپ كېتىپ بارىدىغۇ دەيمەن ) ، مەن بۇنى پەقەت ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ئاساسىدا ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن ، ئېنگىلىزتىلى ھەۋسكارلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئېنگلىزتىلى سەۋىيسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ بېرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، سىز تۆۋەندىكى ئادىرستىن كىرىپلا ئېلخەت ئادىرسىڭىز بويىچە تىزىملىتىپ بىر نامغا ئېرىشىپ خالىغان بىر توپنى تاللاپ پاراڭغا چۈشسىڭىز بۇلىدۇ . ئادىرىس مانا بۇيەردە :

بۇيەردىن كىرىپ تىزىملىتىڭ

ئېنگىلىزتىلىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن بىر فىلىم

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.12ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇزۇن بولدى ئېنگىلىزتىلى توغىرسىدىكى بىلىملەر ئاز يوللىنىپ قېلىندى ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ تەرەپلەرگىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ ، شۇنداقلار كەڭ تورداش دوستلارنىڭ قايسى خىلدىكى ماتېرىيال ياكى بىلىمگە موھتاج ئىكەنلىىنى بىلەلمەي قېلىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن بارلىق ماتېرىياللارنى قار – قۇيۇق يوللاشنى لايىق تاپمىدىم ، بۇنىڭدىن كېيىن ئېنگىلىزتىلىنى ئۆگىنىش ئارزۇسى بار تورداشلارنىڭ كۆپلەپ پىكىر- تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ مۇشۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۈچ قۇشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . رەھمەت ، ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى كارتۇن فىلىمدىن زوقلىنايلى ، بۇنىڭ ئېنگىلىزتىلىنى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە ئازراق بولسىمۇ پايدى تېگىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

سىز نەپەسلىنىشنى بىلەمسىز؟ ناتايىن

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.11ئاپتور : روياپچىكۆرۈلۈشى : 13 viewsئىنكاس سانى : 2

ئادەم تۇغۇلغانندىن تارتىپ نەپەس ئارقىلىق ياشايدۇ.نەپەس ئارقىلىق بەدەننى راھەتلەندۈرىدۇ.نەپەسلىنىشتىن ئىبارەت  ھەممە ئادەم بىلىدىغان بۇ ئىشنى بەلكىم ھەممە ئادەم توغرا بىلمەسلىكى مۇمكىن.تۆۋەندە مەن نېمىنىڭ توغرا نەپەسلىنىش ئىكەنلىكىنى تورداشلار  بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىشنى لايىق كۆرۈپ قالدىم. ھەممىمىز ئەڭ تونۇشلۇق بولغان بۇ ھەركەتنى ئەڭ توغرا ۋە پۇختا قىلىشنى بىلۋېلىشقا تولىمۇ مۇھتاج. ئۇنداق بولسا نەق گەپنىڭ ئۆزىگە كېلەي:

1.نەپەسلىنىش ھاياتىڭنىڭ رېتىمىدۇر.سەن نەپەسلىنىشىڭنى توغرا ھېس قىلالىغنىڭغا قەدەر توغرا نەپەسلىنىشنى مەشىق قىل.

2.سەن ئۆز ھاياتىڭنىڭ رېتىمىغا ئاساسەن نەپەسلىنىسەن،ئۇنىڭ بىلەن قارشى ئەمەسسەن.بەدىنىڭنى نەپەسلىنىشكە مەجبۇرلىما،بەدىنىڭ توغرا نەپەسلىنىش يولىنى كۆرسەتسە يول قويغىن.

3.تېپتىنىچ،ئۇزاق نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئالەمنىڭ ئېنىرگىيەسىىنىڭ بەدىنىڭگەقانداق ئېقىپ كىرگەنلىكىنى سېزەلەيسەن.شۇنداقلا ئالەمنىڭ كۈچىنىڭ روھىڭ ۋە بەدىنىڭگە قانداق تولغانلىغىنى ھېس قىلالايسەن. بۇ ئالەمنىڭ ئېنىرگيسى بەدىنىڭنىڭ قات قېتىغا سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن،تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچۈڭ تېخىمۇ ئاشىدۇ ،دېگەنلىكتۇر.

4.قورقۇنچى بار ئادەملەر خاتا ۋە قىسقا نەپەس ئالىدۇ.ساغلام ئادەملەر قېنىپ ،ئۇزاق نەپەس ئالىدۇ.

5.بەدىنىڭ ئالەمنىڭ ئنېرگيسى بىلەن تولغاندا ،زېھنىڭ ئېچىلىپ كېتىدۇ.

6.روھىڭ ۋە مۇھەببىتىڭ ئالەمنىڭ كۈچىگە تولغاندا چوڭقۇر نەپەس ئالىسەن.بۇ خىل كۈچنى بەدىنىڭنىڭ قات قېتىغا  تارىتىسەن.

7.بەدىنىڭدىكى ئاغرىق ئالەمنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى بىلەن تولغاندا نەپەسلىرىڭ ئاغرىغان جايغا يىغىلىدۇ،تەسەۋۇرۇڭ قاناتلىنىدۇ.ئاغرىق جاي قىزىپ ،ئىللىقلىق ھېس قىلىپ ساقيىپ كېتىدۇ.

8.توغرا نەپەسلىنىش ئارقىلىق ئالەم بىلەن ماسلىقنىڭ بىردەكلىكىگە ئېرىشسەن.چۈنكى بارلىق ھاياتلىق بىلەن ئالەم ئوخشاش نەپەس ئالىدۇ.

9.ھۇجۇم قىلغاندا نەپەس چىقارما،نەپەس ئالساڭ يارىلىنىسەن.

10.نەپەسلىنىش بىر خىل كۈچنى ھېس قىلىش قۇرالى.بۇ قۇرالدىن پايدىلىنىپ يوشۇرۇن ئېڭىڭغا بارالايسەن.

11.ناۋادا قورقۇنچاقلىق كېسىلىڭ بولسا چوڭقۇر نەپەس بىلەن ئۇنى پۈۋلەپ تاشلا، غەزەپلەن ھەم شۇنداق قىل.ناۋادا دىققىتىڭنى  يىغاي دېسەڭ،بار كۈچۈڭ بىلەن ھاۋانى يۇت.

ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.11ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 14 viewsئىنكاس سانى : 0

ئۇيغۇرلاردا چاچ گۈزەللىكى

غالىپ مۇھەممەد قارلۇق

گۈزەللىككە ئىنتىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى. خەلقىمىز تارىختىن بۇيان گۈزەللىككە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن، جۈملىدىن چاچ گۈزەللىكىگىمۇ ھەم شۇنداق. چاچنىڭ باشنى ئىسسىق – سوغۇقتىن ساقلاش رولى بولغاچقا،  خەلقىمىز قەدىمىي ئانىلىق ئېتىقادنىڭ تەسىرىدە چاچنى ئاجايىپ يۈكسەكلىكتە ئۇلۇغلىغان. چاچنىڭ توختاۋسىز ئۆسۈشى خۇددى ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشىغاچقا، ئۇنى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلۇغلىغاندەك ئۇلۇغلاش، ئاسراش، خاسىيەتلىك دەپ بىلىش ئېڭى ئەجدادلىرىمىزدا شەكىللەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئاياللارنىڭ ئۇلۇغلىنىشى، ئاياللارغا خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچ بېرىش نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ چېچىمۇ خاسىيەتلىك ۋە مۇقەددەس دەپ تونۇلغان، شۇنىڭ بىلەن چاچقا مۇناسىۋەتلىك ئەپسانە، رىۋايەت، چۆچەكلەر بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن: چىن تۆمۈر باتۇر چۆچىكىدىكى مەختۇمسۇلانىڭ دەريا بويىدا چاچ تاراپ تۇرۇپ بالا – قازاغا يولۇققانلىقى، بەزى چۆچەكلەردە ئاق چاچلىق مومايلار ۋە ھۆر – پەرىلەرنىڭ مۈشكۈلاتتا قالغان كىشىلەرگە چېچى ئارقىلىق نۇسرەت ئاتا قىلىشى قاتارلىقلار ھەم خەلق ئىچىدىكى ئاياللارنىڭ چېچىنى كەسسە، دەسسىسە ياكى قالايمىقان تاشلىۋەتسە، چاچ كۆيدۈرسە بولمايدىغانلىقىدەك ئادەتلەر خەلقىمىزدىكى چاچنى ئۇلۇغلاش جۈملىسىدىندۇر.
ئەلۋەتتە خەلقىمىزنىڭ ئېستېتىك، ئېتىقاد ئېڭىدا تېگىشلىك زېمىن ھازىرلىغان چاچ ھەم چاچ گۈزەللىكى ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ھالقىپ يازما ئەدەبىياتقىمۇ سىڭىپ كىرگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىكى ئۆڭمەس ۋە ئۆلمەس مەجازغا ئايلانغان. شۇنداق، باي ۋە مول مەزمۇنلۇق كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا يار ئوبرازىغا مۇناسىۋەتلىك قىزغىن، گۈزەل شېئىرىي تەلقىنلەر كۆپلەپ ئۇچرايدۇ. ئەنە شۇ ئوبرازلارنىڭ گۈزەللىكىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشتە، ئۇنىڭغا سېھرىي كۈچ، خاسىيەت ئاتا قىلىشتا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك نەپىس تەسۋىرلەرمۇ ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. بىز كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدىكى چاچ ھەققىدىكى بايانلاردىن چاچنىڭ ئېتىقاد ۋە گۈزەللىك نۇقتىسىدىن تۇتقان ئورنىنى كۆرۈۋالالايمىز.
1. چاچ گۈزەل يار ئوبرازىنىڭ سىماسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: ئەلشىر نەۋائىي چاچ ھەققىدە مۇنداق يازغان:
قوينىدا ئەفئى، نې مۇمكىن كۆزگە ئۇيقۇ كىرگەلى،
ئولكى ھەر كۈن ياد ئېتەر بىر زۇلفىنىڭ پىچۇخەمىن.
(مەنىسى: قوينىغا زەھەرلىك يىلان كىرىۋالسا كۆزگە ئۇيقۇ كىرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھەر كۈنى ئۇخلىماسلىقىمۇ بىر تولغىما چاچنىڭ خىيالىغا چىرمىشىپ قالغانلىقىدىن).
2. چاچ خاسىيەت ۋە سېھرىي كۈچنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى تەلقىنىگە قاراپ باقايلى:
جىسمىم ئەندۇھ ئىچرە دەرد ئاستىدا قالمىش نى ئەجەب؟
ئەگمە قەد بىرلە ئەگەر زۇلفىڭ غەمىدىن ‹‹دال›› مەن.
(مەنىسى: جىسمىم قايغۇدا قالدى، بۇنىڭغا ئەجەبلەنمە، چۈنكى چېچىڭنى ئويلاۋېرىپ قەددىم ئېگىلىپ كەتتى).
3. چاچ ئىشىق ئوتىنى تۇتاشتۇرغۇچى، مۇھەببەت رىشتىنى باغلىغۇچىدۇر. مەسىلەن: كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن زەلىلى مۇنداق يازغان:
ئۇل قۇياشقە زەررەدېك ئۇششاق ھەيراندۇر ھەمە،
زۇلف سەۋداسىدا مەجنۇندەك پەرىشاندۇر ھەمە.
4. چاچ گۈزەل كەلگۈسى توغرىسىدىكى ئوتوپىيىلىك تەسەۋۋۇرنىڭ سىمۋولى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: بىز نەۋائىينىڭ تۆۋەندىكى ئىككى مىسراسىغا نەزەر ئاغدۇرايلى:
ئەي ئارەزى نەسرىن، ساچى سۇمبۇل، قەدى شەمشاد،
بۇلبۇل كەبى ھىجرىڭدە ئىشىم نالەۋۇ فەرياد.
(مەنىسى: ئەي يۈزى گۈل، چېچى سۇمبۇل، بويى شەمشاد، مېنىڭ ئىشىم دەردىڭدە خۇددى بۇلبۇلدەك نالە قىلىش بولۇپ قالدى).
5. قارا چاچ بەختنىڭ نىشانى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. مەسىلەن: نەۋائىي يەنە مۇنداق يازغان:
ئەيلەپ سەلاسىل ئارزۇ، ئارتار جۇنۇنۇم مۇبەمۇ،
ناگاھ نەسىمى مۇشكىنى يەتكۈرسە زۇلفۇڭ نەكھەتىن.
(مەنىسى: ئىپار پۇراقلىق شامال بىردىنلا چېچىڭ ھىدىنى يەتكۈزسە، مەن ئۇنىڭ زەنجىرىگە باغلىنىش ئارزۇسىدا تېخىمۇ ساراڭ بولىمەن).
دېمەك، كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزدە تەسۋىرلىنىۋاتقان چاچ ئېتىقاد ئادەتلىرىمىز بىلەن، شۇنداقلا خاسلىق، ئالاھىدىلىك ۋە ئېستېتىك قاراشلىرىمىز بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن(ئالاھىدە ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بىز يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان چاچقا مۇناسىۋەتلىك شېئىرىي تەلقىنلەرنى نوقۇل مەنىدە ئىشىق – مۇھەببەت مەكتۇپلىرى دەپ چۈشىنىۋالماسلىقىمىز كېرەك).
دېمەك، چاچ خەلقىمىزنىڭ نەزەرىدە گۈزەللىك ئۆلچەملىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. شۇڭا چاچ ئاسراشقا ئەھمىيەت بېرىلگەن، چاچنى مۇھاپىزەت قىلىشقا دائىر يەرلىك ئادەتلەر كېلىپ چىققان. مەسىلەن: قىز – ئاياللىرىمىزدا ئۇزۇن چاچ قويۇشتا مۇنداق ئادەتلەر بار: ياتلىق بولمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15، 17، 21، ھەتتا 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ، ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەم توي قىلمىغان قىزنىڭ پىشانىسىدە كوكۇل چېچى بولىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن كېلىننىڭ چېچى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، ئېرىدىن ئايرىلغان ياش ئاياللار چېچىنى بەش، يەتتە، توققۇز تال قىلىپ ئۆرۈۋالىدۇ. نەۋرىلىك بولغانلار ئۇزۇن چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ، ئۇنى چاچتەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە سۇمبۇل چېچىنىڭ جۈپ ياكى تاق ئۆرۈلگەنلىكىگە قاراپلا ئۇنىڭ قىز، نەۋرىلىك بولغان ئايال، ياشانغان ئايال ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بىراق بۇنداق چاچ مەدەنىيىتىدە بۈگۈنكى كۈندە بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خەلقىمىزدىكى چاچ گۈزەللىكى ئېڭى ئەنئەنىۋى تەركىبلەردىن كۆرە زامانىۋى تەركىبلەرگە بولغان مايىللىقىنى كۆپرەك ئىپادىلەپ، ئەبجەش ھالەتتە بېيىماقتا. شۇڭا ئەجدادلىرىمىزنىڭ چاچ ھەققىدىكى بىباھا قاراشلىرىنى، گۈزەللىك ئادەتلىرىنى، چاچ ئاسراش رېتسېپلىرىنى ئاگاھ سۈپىتىدە خوتۇن – قىزلىرىمىزنىڭ سەمىگە سېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى تۇغۇلماقتا.

ئەسلى مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

كۈچۈرۈپ كېلىنگەن مەنزىرل :ئۇيغۇرلار تورى

ئۇسلۇپ تارقاتتىم ، ئۇسلۇپ ……!!!

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.08ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 19 viewsئىنكاس سانى : 4

بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم ، بىراق يەنە بىرقىسىم جايلىرىدا خاتالىقبار بۇلىشى مۇمكىن ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ خاتالىقلارنى دوستلار بىلەن بىرگە ھەل قىلالايمەنغۇ دەپ يوللىدىم  . بەلىكىم بۇ ئۇسلۇپنى ياقتۇردىغانلار چىقىپ قېلىشى مۇمىكىن ، قېنى ئەمسە قۇرۇق گەپنى ئاز قىلاي ، دوستلار لازىم بولغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر ئەمسە .

ئۇسلۇپتىن بىر قانچە كۆرۈنۈش :

ئەسكەرتىش : ئىشلەتكەندە تەرجىمە قىلغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۋەتمىگەن ئاساستا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ .

چۈشۈرۈش ئادىرسى ؛ بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ !!!

مەن بىر ئۇسلۇب تارقىتىپ باقاي

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.07ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 23 viewsئىنكاس سانى : 8

بۈگۈن نۆۋەتچى ئىدىم ، ئۇزۇن كېچنى تاڭغا ئۇلاپ بۇلالمىدىم ، يەنە كېلىپ ئۇيقۇممۇ كەلمىدى ، ئاخىرى توردىن بىر ئۇسلۇبنى چۈشۈردۈم- دە تەرجىمە قىلىش ئويىغا كېلىپ قالدىم ، ئۇسلۇپ ھۆججەتلىرىنى پىرىستىن يېشىپ تەرجىمە قىلىشقا كېرىشتىم . تۇيۇقسىز بىردەمدىلار تاڭ ئېتىپ كەتتى . ئاخىرى بىر كېچە قىلغان ئەمگىكىمنى بىكار تاشلىۋەتكۈم كەلمەي تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبنى تارقىتىش قارارىغا كەلدىم . قېنى دوستلار پىكىر-تەلەپ- ئىنكاسلىرىڭىلارنى قالدۇرغايسىلەر ! ئەمسە ئۇسلۇب كەتتى ھە !

ئۇسلۇبنىڭ كۆرۈنمە يۈز رەسىملىرىدىن ئارىيە :

ئۇسلۇب ھەقسىز تارقىتىلىدى ، نەشىر ھوقوقىمىزغا دىققەت قىلغان ئاساستا ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ . چۈشۈرۈش ئادىرسى :

بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ

تىنچ ئوكيان تورى VIP ئەزالار مال سېتىۋالغاندا پايدا قايتۇرۇش تۈزۈمى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.06ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 16 viewsئىنكاس سانى : 2

تىنىچ ئوكيان تورى ھەققىدىكى بىلىملەرنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ ھارىرغىچە نۇرغۇن دوستلار مەندىن بۇ تور ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى ئېيىتقان بولسىمۇ بىراق خىزمەت بېسىمى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يازما ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈپ كەتتى ، بۈگۈن ئاخىرى ئالدىراش ۋاقىت سەل پەسلەپ قالغاچقا ۋاقتىمنى چىقىرىپ بۇ يازمىنى تەييارلىدىم ، ئالدىنقى مۇناسىۋەتلىك يازمىمىزدا تىنىچ ئوكيان تورىغا ئەزا بۇلۇش ، توردا تېلفۇنغا پۇل تۆلىگەندە پايدا قايتۇرۇش تۈرلىرى قاتارلىق جەھەتلەرنى سۆزلىگەن ئىدۇق  ، بۈگۈن بىز تىنىچ ئوكيان تورىدا VIPئەزالىرىنىڭ مال سېتىۋالغاندا پايدا قايتۇرۇش تۈزۈمى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز ، ئۇنداقتا دىققىتىڭىز يازمىمىزدا بولسۇن ، ئەگەر سىز بۇ يازما ئارقىلىق مەلۇم نەپكە ئېرىشەلىسىڭىز مەن قىلغان ئەمگىكىمدىن مىننەتتار بولغان بۇلىمەن .

مەجرۇھ قىزنىڭ بەختى

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.01ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 15 viewsئىنكاس سانى : 0

مەجۇرۇھ  قىزنىڭ بەختى

(ھىكايە)

    دىكابىر  ئېيى ئوتۇرلاشماستىنلا  قەھرىتان سوغنىڭ ئاچچىق  نەشتىرى يۈزگە سانجىلىپ   كىشىنى  تولىمۇ ئەندىكتۈرەتتى.
    كوچىدا ماڭا ئوخشاش  بۈگۈنلىگىنى بۈگۈن تېپڭپ ،ئەتىنىڭ غېمىدا تىپىرلاپ يۈرگەن  باقالار،ئاندا -ساندا تېلىفۇن كارتىسىنى قوللىرىغا قاتار ئۆتكۈزۋېلىشىپ،بوش قولىدا    
    ياقىللىرىنى ھىملاپ پۇتلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇرۇشۇپ ئۇيان -بۇيانغا تىنىمسىز  قارىشىۋاتقان بىرقانچە بالىلار.گاھىدا ئىسىل نوركا پەلتو.قاما قۇلاقچىلىرىنى چۆكۈرشۈپ كىيىۋېلىشقان
   ئىسىل زادە خېنىملار،ئاۋايلاپ دەسسەپ تېيىلىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ مېڭىشماقتا.شۇنچە ئادەمنىڭ ئازلىغىغا قارىماي يولۇمنى توسۇپ تۇرۇشقان كىرا ماشىنا  شوپۇرلىرى…
   -ھەي! مەن نىمانچە  شور پىشانە ،دەيمەن.
    -شۇنچە ۋاقىتتىن ،قىمەتلىگىدە-  جىقاراق مالمۇ ئاللمىغان ئىدىم.ئەمدى باھاسى چۈشۈپ خوشاللىغىمدا  شۇنچە جىقمۇ ئاپتىمەن.
     ئالغان ئاپلىلسنىلىرىمغۇ ھەر ھلدا بىر مەزگىل ساقلاپ ساتقىلى بولىدۇ،ئەمما ماۋۇ باننان دىگەن بىر نىمە  يا ساقلىغىلى بولمىغان  مانا  ئۆلۈشكۈن ئالغان مال قارداپ سېسسڭشقا باشلىغان،بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز بۇنى يېمىسە بولمايدىغاندەك .بىر بۇلۇڭدا پاتتاڭ قىسىپ تۇرغان ئاننار،نەشپۈتلىرىمىزگە قارارغا كۆزى يوق.ئاندا-ساندا سوراپ قويىشىدى-يۇ.پۇل سانىمايدۇ.  بەزىدە ئەژداتلىرىمىزنىڭ  ئەقلىگە بارىكاللا  ئېيتماي تۇرالمايمىز،ماننا بۇ نەشپۈت ئانارلىرىمىز جايىدىن چىقىپ قولۇمدا تۇرغىلىمۇ ئاي بولدى،ئۈستىگە تور پاختىنى  يېپىپ قويساقلا ھىچنىمە  بولمايدۇ.
سوغۇقتا ئادەمنىڭ قوسىغى بەكلا  ئاچامدۇ  بىلمىدىم،  مېھرىبان ئاللا ھېلىمۇ قىشنىڭ  كۈنىنى قىسقا  يارىتىپتىكەن.يازدا كۈن ئۇزۇن بولسىمۇ سۇ بىلەن نان بولسىلا خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى ئۆتىۋېرىدۇ.
   ئۆز-ئۆزەمگە غودىراپ قوساقنى ئەستەرلەش،مۇھىمى ئاز-تولا  ئسىنىۋىلىش ئۈچۈن باققال ھارۋامدىكى مىۋىلەرنى پۇختىلاپ يېپىپ قويۇپ ،  ئۇدۇلدىكى سودىسى دىگەندەك ئېقىپ كەتمىسىمۇ.ئۆزى  مۇلايىم كېلىشەڭگۈ  مىجەزلىك ،مۇھىمى پۇلى، ھەر ھالدا مۇۋاپىق چۆپلىرگىمۇ ئادەمنىڭ قوسىغى تويىدىغان ئاشخاننى كۆزلەپ ماڭدىم.
   ئاشخانا ھاممامدەك  ئىسسىق.مېزىلىك تاماقلارنىڭ پۇرىغى بىر ئالغان.ئىسسىز كۆمۆر چىڭداپ سېلىنغان مەشنىڭ قىززىغىدا ئۈستىدىكى چەينەكلىرنىڭ جوغىسىدىن ھور پۇقىراپ
چىقماقتا.
     -كەلسىلە.كەلسىلە،مېھمانجان: بۈگۈن بۇ ھاۋانىڭ پەيلى بەكلا يامانغۇ؟!
     -قانداق،ئاز -توللا سودا  قىللالىلىمۇ؟
    -ھاي!باللا  ،مېھمانجانغا چاينى يېڭىلاپ قىززىق  بىر چەينەك  چاي  ئەكىلىڭلار!
  شۇنداق دەپ  بالىلرنى بۇيرۇپ بولۇپ دائىم  ئۆزى  ئولتۇردىغان  غەللە   ئۈستىلىدىن  يېنىدىكى بوش  ئۈستەلگە ،ئورۇن كۆرسەتتى.
   – نەدىكىنى دەيلا ،بۈگۈن پەقەتلا  سودا  يوق.  كەچكىچە  خۇدايىم  بېرە.
-راست دەيلا،كەچ  قويمىغان  خۇدايىم بەندىسىنى ئاچ  قويماس. بۈگۈن بولمىسا  ،ئەتە بوپ قالار.
-كۆڭەللىرى نىمە  تاماققا  تارتىدۇ؟بۈگۈن پولو بەك  ئوخشىدى ،ئازىراق  يەپ باقاملا؟!
-  بولىدۇ،  گۆشسىز  پولودىن بىر قاچا  بەرسىلە! سوغۇقتا  شورپا بىلەن پولودىن ياخشىسى يوق!
-ھاي !   سەمەتجان  بالام،مېھمانجان  ئاكاڭغا  سەۋزىلىك  يېرىدىن  ئۇسۇپ  بىر  قاچا سۇ  پولو  !
   شۇنداق دەپ  تاڭجاڭ  بالىغا  بۇيرۇپ بولۇپ،ئۈستەلگە يېڭىلا ئەكىلىپ قويغانچە چەينەكتىكى چاينى پىيالىگە لىقلاپ  قۇيۇپ ،ئالدىمغا سۈرۈپ قويۇپ ،خېرىدار سۇنغان تاماق پۇلىنى
  غەللە  ساندۇغىغا  سالغىلى نېرىغا كەتتى.
     ھايال  ئۆتمەي ،   مۇلازىم بالا  ھورى چىقىپ ،رەڭگىدىن ئوخشىغانلىغى  بىلىنىپ تۇرغان بىر  تاۋاق  پولونى ئالدىمغا  قويدى.
      قوسۇغۇممۇ    خېلىلا  ئاچقان   ،  ئۇستام  دىگەندەك  ،بۈگۈنكى  پولو  ھەققىقەتەن   ئوخشىغان   ئىدى.
  تاماقنى  يەپ  بولۇپ  ،ئاتنىڭ قېنىدەك   قىزىرىپ تەمى چىققان  چاينى  ئىچىپ خېلىلا  ئىسسىپ  قالدىم. خېرڭدارمۇ    خېلىلا  سېلىككەن  بولغاچقا  ،ئىسلىشىپ  كەتكەن بۇ  چوڭ  ئاشخانە  بوشاپ قالغان .ئەمدى   چىقاي دەپ  تۇرسام ،ئاشخانىىغا   ئىككى     خېرىدار  كىرىپ  كەلدى .
بىرى  ھاسا  تاياقنى   قولتىغىغا   قىستۇرۋالغان  يىگىرمە  ئالتە ،يەتتىلەردە بار  چىرايى  ئاق  سېرىق  كەلگەن ،بىر  قاراشتىلا  كىشىگە ھەي!چىرايلىق،پاكىزمۇ  :قىزكەن  ھەجەپمۇ  بىر  بوپ قاپتىكەن ،دەپ  ،ئىچ  ئاغىرتقىدەك   بىر  ئاجىزە. ئۇنى بىر  قولىدا، قولتۇغىدىن  يۆلىۋالغان،يەنە  بىر  قولىدا  ئېغىر  بىر  سومكىنى  كۆتىرۋالغان  بەستەلەك تۇرقىدىن ئوتتۇز  نەچچە  ياشلار  چامىسىدىكى بىر ئەر  ،ئىككەيلەن  كىرىپ كەلدى.  

بىز   ئۇيغۇرلارنىڭ  ئەركەكلىگىمىز   بەك   كۈچلۈكمۇ  ،ياكى بىزنىڭ  خانىملىرىمىزنىڭ   بىزنى  كۆڭۈل  قويۇپ كۈتۈشى ، ئۆزگەرمەس  پىرىنسىپمۇ    دائىم كۆرۈپ  تۇرغان ،كۆنۈپ كەتكەن  كۆرۈنۈشلەر  دېقىتىمىزنى  تارتالمايدىكەن.  ئەمما  كۆز   ئالدىمدىكى  بۇ   ئەرنىڭ  ،ئورۇندۇقنى  
ئاۋايلاپ  سۈرۈپ  ،ھەمرايىنى  ئاۋايلاپ  ئولتۇرغۇزۇپ   خېلىلا  كونۇراپ كەتكەن  قېلىن  پەلتۇسىنى  سېلىشى  ،بوينىغا  ئورۇغان قېلىن شارپىسى بىلەن قوشۇپ  قاتلاپ  بوش  ئورۇندۇققا  ئاۋايلاپ  قويىشى ،بۇ  ئىشلارنى  قىلىپ كۆنگەنلىگىنى  بىر  قاراپلا  بىلگىلى بولاتتى.  بۇ   ئەرنىڭ  ئۆزىنىڭ  ئۆسۈپ كەتكەن چاچ   ساقاللىرى  ،كىرلىشىپ كەتكەن  كونا   كىيىملىرى  ھەم  قارا   ئۆڭىگە  قاراپ.بىر خىل  تەسىر  قالدۇرسا ،ھەمىرايىغا بولغان  مېھرىبانلىغىىغا  قاراپ  يەنە  باشقىچە   تەسىر   بېرەتتى.
   مۇلازىم  بالىنىڭ  ئەكەلگەن  پىيالىسىنى  بۇ ئەر   ئاۋال  چاقاپ  ھەمرايىغا   قىززىق بىر  پىيالە قۇيۇپ ،ئاندىن  ئۆزى  ئولتۇرۇپ .ئاشخانىغا  زەن  سېلىشقا  باشلىدى.
     شۇ-  ئان،  يۈرۈگۈم  چىم  قىلىپ قالدى،بۇ  ئاجىزەنىڭ   سول  قولىمۇ  بېېغىشىنىڭ  ئۈستىدىن  يوق  تۇرمامدۇ،ھەي!خۇدا  بۇ بىچارىنىڭ پۇتىغۇ  يوق  بولسۇن،قولىمۇ  بولمىسا….
      ئۇستاممۇ  ماڭا   ئوخشاشلا  زەڭ  سېلىپ  تۇرغان بولسا  كېرەك  ،بۇ ئىككەيلەننىڭ   ئلدىغا  كېلىپ  ، قىزغىن  تىچلىق سوراشتى -دە،  ئۆي  ۋاقىدىكىلىرىنى سوراشتۇردى . ئۆزى  تولا  دەملەپ  ئىچىدىغان  بەزىدە  ئارلاپ بىزگىمۇ
      سېلىپ  بېرىدىغان   نوكچە   سېرىق   ناۋاتتىن  ئايىماي    ،ئارا  چىنىدىن ئىككىگە  سېلىپ  مەش ئۈستىدىكى ھورى چىقىپ تۇرغان   چەينەكتىن چاي  قۇيۇپ  بۇ  ئىككى  مېھماننىڭ ئالدىغا  ئاۋايلاپ قويۇپ.ئۇستام،بۇلار بىلەن   كونا   تونۇش بولسا  كېرەك.
  -  باللىرىم،چايغا  كېلىڭلار!  كۆڭلىڭلار  نىمە   تاماق   تارتىدىكىن؟!
   ئۇستامنىڭ  بۇ  ئىشىدىن   تولىمۇ  سۆيۈنۈپ  ،يۈرۈگىمگە  ئىللىق  بىر  سېزىم  تارىغاندەك  بولۇپ.ئىچىمدە

<<خۇدا  سودىڭىزغا  بەركەت بېرەر>> دەپ  تىلەپ  كەتتىم.
    بۇ  ئەر  مۇلايىمغىنا   ھەمىرايىدىن   ،<<نىمە  يىگۈڭ  بار؟>>  دەپ   ،سورىدى،  
-  لەغمەن   يەيمىكىن،،،،،  قىز   سەل  تارتىنىپ.قوشۇپ  قويدى.
-سىز  نىمە   يىسىڭىز   مەنۇ  شۇنى  يەي!
-كۆڭلىڭدىكىنى  دىدىڭ! مەن لەغمەننى ياخشى  ئېتەلمەي سېنى  لەغمەندىن  چىقىرۋەتكەچكە  لەغمەن  يىگۈڭ  باركەندە،
  قىز   ئاۋال  .ئەر  كەينىدىن  كۈلۈپ كەتتى.
    ئەر   ،ئۇستامغا  قاراپ  :
- ئۆي  لەغمىنىدىن   ئىككى  قاچا  .كاۋاپتىن… . يىگىت قىزغا    سوئال  نەزىرىدە قارىۋىدى ،قىز  ئىككى زىخ  ،دىيىشىگە : يىگىت-
  -ئۇنداق  بولسا  ،  ئاكا  لازا  سالماي.ئىككى كويلۇك كاۋاپلىرىدىن ئۈچ  زىخ  يەيلى  .،دىدى.
ئۇستام  .تاماق  جورىغىلى ئىچكىرگە  ئۆزى كىرىپ  كەتتى.ئادەتتە  ئەزىز  مېھمانلارلا  بولمىسا  ،جايىدىن مىدىرلىمايلا  مۇلازىم باللىلارغا  بۇيرۇيتى.
    بۇ  ئىككەيلەننىڭ  بايامقى  قىسقا  چاخچىغىدىن ، دەسلەپ  سىڭلىسى   ئوخشايدۇ،دەپ  ئويلىغان  بولسام. ئەمدىلىكتە  بۇ  قىزنىڭ كۈلكىسى،ھەم بۇ يىگىتنىڭ قىزنىڭ  كۆزىنىڭ  ئىچىگە  قارىشىدىن    سەل   گۇمانلىنىپ  قالغان   ئىدىم.
  مېنىڭغۇ   باشقىلارنىڭ ئىشىغا   قىزىقىدىغان  ئادىتىم يوق ئىدى،بىراق  بۈگۈن نىم  بولدۇمكى،بۇ  قىزنىڭ  ئاجىزلىغى.ھەم بۇ يىگىتنىڭ كۆرىنىشتىكى مېھرىبانلىغى،مېنى  قىزىقتۇرۇپ
قويغان ئىدى.
     ئۇستام  ئالدىدا ،مۇلازىم بالا كەينىدە بىر قاچىدىن لەغمەن  ئەكەلىپ   مېھمانلارنىڭ  ئالدىغا  قويدى.
   يىگىت    چوكىنى ئېلىپ   قىزنىڭ قولىغا  تۇتقۇزۇپ قويدى.  بۇلارنىڭ  ئالدىغا  قويغان   لەغمەن ھەرگىزمۇ   ئۆي  لەغمىنى بولماستىن ،ئايرىم گۆشلۈك  لەغمەن ئىدى.
   بۇنىڭدىن  ئۇستامنىڭ  بۇلار بىلەن خېلىلا   تونۇشلىغىنى قىينالمايلا بىلگىلى بولاتتى.
  - ئۇستام!كىرمەيلى دىسەك   كۆڭلىمىز  ئۇنىمايدىكەن.كىرسەك  دائىم مۇشۇنداق   ،   خىجىل قىلىپ  قويىسىز،ياخشىلىقلىرىڭىزنى  قاچانمۇ  قايتۇرارمىز؟!
-  بالام  !  ماننا  ،قايتۇرۋاتىسەنغۇ.ئايالىڭغا  ،ئاپاڭغا  ياخشى   قاراۋاتىسەن! سېنى بىلگەن ھەممە  ئادەم  سەندىن خۇرسەن.ئلللامۇ سەندىن رازى  بولسۇن.
-سېنى   پات-پات كۆرۈپ  تۇرسام،كۆڭلۈم تەسكىن  تېپپ قالىدىكەن.بولمىسا،تونۇش -بىلىشلەردىن   سېنى سوراپ  تۇردۇم،شۇنچە -دەيمەن بولمىسا: شەھەرگە كىرساڭلار ماڭا  يولۇقۇپ ئۆتىڭلار دەپ.
-ھېلىمۇ،ئون  قېتىم   كەلسەڭلەرمۇ،ئاشخانامغا  بىر قېتىم كىرمەيسىلەر.
- بىزنىڭمۇ  ئوتتەك  كىرگىمىز  بار.كىرسەك   سىزگە   جاپا  سالىدىكەنمىز.يا،پۇل  ئالغىلى  ئۇنىمىسىڭىز.
-ئەدەم  خىجىل  بولۇپ قالىدىكەن.
- ھەي!باللىرىم ،   مەن    شۇنچە   دەيمەن .   ئاللا! سودىمىزغا   بەركەت   بەرمىسە  مىڭ تاپقان   بىلەن  بېكا! ئۇنىڭ  ئۈستىگە  پۇلنى  ئۆزىمىزنىڭ  ئېھتىياجى،خوشاللىغىمىز  ئۈچۈن
  سەرىپ   قىلىمىز   ئەمەسمۇ. ئاكاڭلاردا   جىق  ئەمەس  ،ئاللانىڭ  بەرگىنىدە   ئاز-تولا  بىرنىمە بار،شۇ  يېتىدۇ.ھەرگىز  ئۇنداق  ئويلىماڭلار!  شەھەرگە  كىرسەڭلارلا  مېنى  يوقلاپ
تۇرىڭلار، نەچچىلىك  ئۆمىرىمىز  بار  دەيسىلەر.ھەممە  ئىش  تىرىكلىكتە   ئەۋزەل.
مۇلازىم  بالا   كاۋاپنى  ئەكىلىپ  ئىككىسىنىڭ  ئالدىغا  قويۇپ قويدى،ئۇستام  ئۇلارنىڭ  چىنىسىگە  چاي   جىقلاپ  قويۇپ ،خېرڭدارغا   پۇل قايتۇرۇش  ئۈچۈن غەللە  ساندىغى بار ئۈستەلگە  كەتتى.
  مەن كۆز  ئۈزمەي  بۇ  ئىكىكىسىگە  قاراپ  ئولتۇرىمەن،ھەر  ھالدا  كاللامدىكى تۈگۈچنىڭ بىرسى  يېشىلگەن ئىدى.بۇ  ئاكا -سىڭىل  بولماستىن ،ئامىراق بىر جۇپلەر  ئىدى.
  يىگىت  ئايالىغا  زورلاپ  دىگىدەك   ئىككى  زىخ  كاۋاپنى  يىگۈزۈپ  ،ئۆزى  بىر زىخ  يەپ بولدى  قىلدى.
    مېنى  كۆرگەنلا  نىمىگە  ھەيران  قالىدىكەن دېمەڭلار،مەن كۆرمىگەن ئىشلار  ئاز  قالدى.بولمىسا  ماڭا  ئوخشاش  ھارۋا  سۆرەپ  كوچىمۇ-كوچا  ،شەھەر مەمۇريىتى ساقچقلقرىدىن
قورقۇپ  تېنەپ-تەمتىرەپ.يۈرسەڭلار.بۇلۇڭ   پۇچقاقتىكى   بىر تۈزۈك  ئادەملەرنىڭ  قىلىشىپ  يۈرگەن ئىشلىرىنى  ،مىڭ   كۆرمەسكە  سېلىۋالسىڭىزمۇ  كۆرمەسكە  ئامالىڭىز  يوق.
   كوچىدىكى  كۈندە  نەچچە  خىل   چىقىدىغان،شاخلىنىپ  ئاۋال  ھىكايىگە.كېيىن  ئەپسانىگە ئايلىنىپ  كېتىدىغان  شۇ   پەسكەش  پاراڭلارنى  ئاڭلىماسلىققا  تىرشسىڭىزمۇ  ئاڭلىماسلىققا  ئامالىڭىز  يوقتە.
  مېھرى-مۇھاببەت،دىيانەت پەقەتلا  كىنولار بىلەن مەتبۇئاتلاردا  ئاندا-ساندا  چىقىپ  تۇرغان بىلەن  تۇرمۇشتا  ھەقىقەتەن  تولۇمۇ  سۇسلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى  كۈندە كۆز  ئالدىمدىكى   بۇ  بىر  جۇپلارغا  قاراپ   جىق   ئىشلارنى  ئويلاپ  كەتتىم.
  بۇ  بىر  جۇپلار  تاماقنى  يەپ  دۇئا   قىلىشتى،شۇندىمۇ كۆزۈم  شۇلاردا  ،مەنمۇ  دۇئاغا  قول  كۆتۈردۈم.
     كۆزۈم  يەنىلا  بۇ  قىزدا،  ئۇنىڭ ساق  قولىنى تىرەپ تۇرغاندەكلا كۆرىنىدىغان ناكا  قولىغا  قاراپ  ئىچىمدە  بۇ ئىككىسىنىڭ  تېننى سالامەت  مۇھابىتىنى زىيادە  قىلىشىنى چىن دىلىمدىن  تىلىدىم.
   يىگىت  ئاۋالقى  مېھرىبانلىغى  بىلەن   قىزنىڭ  پەلتولىرىنى كەيدۈرۈپ.شارپىسىنى ياخشىلاپ چىگىپ.ئۇستام  بىلەن خوشلۇشۇپ  ئاشخانىدىن چىقىشتى.ئۇستاممۇ  ئۇلارنى  ئۇزۇتۇپ
   نىمىلرنىدۇ  جېكىتلەپ   ئاشخانىدىن  ئۇزۇتۇپ  چىقىپ  كەتتى
ئۇستام بۇ ئىككىسىنى  ئۇزۇتۇپ  چىقىپ  خېلى  ھايالشىپ  كىردى ،مەن  قىزىقىشىمنى  يوشۇرالماي لا
-  ئۇستام  ،بۇ  ئىككىسى  سىزنىڭ   تۇقانلىرىڭىزمۇ  -نىمە؟ دەپ  سورۇدۇم.
   ئۇستام  ماڭا  قاراپ  : ياق! مېھمانجان،بۇ  بالىنىڭ  ئسمى  تۇرسۇن. مەن ئۇنىڭ  دادىسىنى  تونۇيتۇم.
ئۇ   ياخشى  ئادەم  ئىدى، سىز  كىچىك  بىلمەيسىز.ئاشۇ  قاتتىقچىلىق زامانىدا
  ماڭا   ئارلاپ   ئوتۇن   ئەكىلەتتى،شۇ  زامانلار .  ئۇستام  تۇرۇپ كېتىپ  ئۆز-ئۆزىگە  دىگەندەك<< ئاللاھ! بەندىلىرىڭگە  ئۇ  كۈنلەرنى  كۆرسەتمىگەيسەن!!>>
  شۇ  زامانلاردا   ئۈلپەتداش  بولۇپ قالغان.بىچارە  شۇنچە  زورلىساقمۇ تاماق  يىگىلى  ئۇنىمايتى،نىمىشقا  دەمسىز؟! شۇ  ئۆيىدىكى  ئاتا -ئانىسىغا  قىسىنىپ گېلىدىن ئوتمەيتى .ئاش-نان ،نەدىمۇ   بۈگۈنكىدەك  كەڭرى  بولسۇن،شۇنداقتىمۇ  ئېپىنى  تېپىپ  ئاز  -تولا  بىرنىمىلەرنى  تىقىشتۇرۇپ  بېرەتىم. بۇ  ئادەم   مەنتەڭگە   زاغىرنى  چىلاپ  تويغىدەك  بىر  يەۋالسا
خوش   بولۇپ كېتەتتى.  شۇ   ھارۋا -ئېشەكمۇ كامىنانىڭ  ،ئەكەلگەن  ئوتۇنى  ،شۇ ۋاقىتلاردا  سەككىزمو   دىسىلە،شۇ  پۇلنىمۇ  ئەتىرەتنىڭ  باشلىقلىرى  بىلەن  ئۆلەشىدىغان  تۇرسا،
  بۇ  بىچارىگە  نىمە  قالاتتى.شۇنداقتىمۇ  ئانچە-مۇنچە بىرنىمىلەرنى بېرىپ  تۇرىدىغان.
    كېيىن   مەنمۇ   ئونسۇر ئاتىلىپ  تارتىپ   چىقىرىلدىم،بۇ يۇرۇتتا  تۇرۇشقا  ئىمكان بولمىدى.شۇ  بىر  بېلەن  تەمىنلەش  كوپىراتۋىدىكى  خىزمىتىمنى تاشلاپ.تاغ  ئارىسىغا  قاچتىم.
   شۇ بىر   قاچقانچە  -تۇرپان،غولجا،ئۈرۈمچى  بولۇپ  جان  ساقلاش   ئۈچۈن     يەتتەيىل  سەرگاردان  بولدۇم.
كېيىن  جاھان  تۈزەلدى،شۇندىمۇ  پۇلنى قوغلاپ  يەننە  سەككىز  يىل جاھان   كەزدىم.ئىلگىرى-ئاخىر  بولۇپ   ئون بەش  يىلدەك  قاڭقىپ  يۈرۈپ.كىملەر   كېتىپ  ،كىملەر   قالدى. بۇنى   بىلەلمىدىم.ئارلاپ.تاپقان تەرگىنىمنى  ئۇدۇللۇق  ئۆيدىكىلەرگە
   يەتكۈزۈپ  تۇردۇم،ئۇزۇن  ئۆتمەي  ئاۋال   ئانام  كېيىن ئاتامدىن ئايرىلدىم.شۇنداق   قىلىپ   كېيىن سەككىز  يىلنى  ئاسمىنى  كەڭ ، يۇرتنىڭ  گۈل تاجى ئۈرۈمچىدە  ئۆتكۈزۈپ  شۇ  يەردە   ئۆيلۈنۈپ   بالا-چاقىلىق  بولۇپ  تۇرۇپ قالدىم.  بالىلارنىڭ   بېشىنى ئوڭلاپ  ،ئۇھ!  دەپ . يۇرتقا قايتىپ  كېلىپ  ئاشخانا  ئېچىۋاتقىلىمۇ  خېلى  بىر زامان بولدى.
     تۆت  يىلنىڭ   ئالدىدىغۇ   دەيمەن،تۇيۇكسىز   گەپ  ئىچىدە ، شۇ   بايامقى  تۇرسۇننىڭ   ئانىسىنى  تونۇپ قالدىم،  ئۇ  مەزلۇمنىڭمۇ  كېسىلى  خېلى  باركەن.  تۇرسۇن  توي  قىلىپلا
خوتۇنىنى  تاشلاپ قويۇپ  ئىچكىرگە  پۇل تاپىمەن   دەپ   چىقىپ  كېتىپ ،پۇل   تېپىش   بىر  ياقتا  تۇرسۇن.تۈرمىدە  ئىككى  يىل  يېتىپتۇ.بۇ  بىچارا ئىككى  مەزلۇم يىغلا-قاھشا
   يامان  كۈنلەرنى   بېشىدىن ئۆتكۈزىپتۇ.بىچارە  كېلىنچەك  قېيىن ئانىسىنىڭ  خىزمىتىنى  بىجاندىل  قىلىپ.ئۆيىدىكىلىرىنىڭ   دوسلىرىنىڭ  ئاجىرشىپ  كېتىشىگە  قىستاشلىرىغا باش
  ئەگمەي   .قېيىن ئانىسىنىڭ   ئۆيىدىن  چىقماي  دۇئاسىنى   ئاپتۇ.
     خەقنىڭ   گەپ  تېپىشىدىن   قورقۇپ  شەخىسلەرگە  ئشلىمەي.ھۆكىمەتكە  ئىشلەيمەن  دەپ.بىر  پاختا  زاۋۇتىدا

  ۋاقىتلىق  ئىشلەپتۇ.چارچاپ كەتكەنمۇ،نىمىسى-نىم   بولغان
پۇتىنى  چىغىرىق  ئەكىرىپ  كەتكەن،يىقىلغاندا   ھوشىدىن  كەتكەنمۇ  قولىنىمۇ   پۇتى بىلەن  تەڭ   زاۋۇت  يىگەن.
  شۇ   كېلىنىگە  قاراپ  دوختۇرخانىغا  تاماق  توشۇش   جەريانىدا  تۇرسۇننىڭ  ئانىسىنى  ئۇچىرتىپ  قېلىپ

دوختۇردىن  چىققىچە  بەزىدە  ئۆزى  كەلدى  بەزىدە  خىجىل بولدىمۇ ،كەلمىگەن   چېغىدا باللاردىن  تاماق  چىقارتىپ  تۇردۇم.
تۇرسۇن  ،ئىچكىردە  كۆرمىگەننى  كۆرۈپ ھەممە قازاندا  پىشىپ قايتىپ  كەلسە  بۇ  ئىش.دەسلەپ  پەقەتلا چىدىماپتۇ.  
يۇرۇت  -جامائەت.دوس  -يارەنلىرى   ئايالىنىڭ  ئانىسىنى  قانچىلىك  كۈتكىنىنى،شۇ  ئۆينى  باقىمەن دەپ  ناكا  بولغىنىدىن تارتىپ  ھەممىسىنى  دەپتۇ،ھەتتا   ئاتا  -ئانىسىنىڭ  ئۆيىگىمۇ   قېيىن   ئانىسى بىلەن  بىللە بارىدىغانلىغىنىمۇ.سۆز-  چۆچەكتىن قورقۇپ   ئىپىتىنى  ساقلاپ تالا-تۈزگىمۇ   تۈزىكىرەك  چىقمقغانلىغىنى  ئاڭلاپ  تۇرسۇن   قەۋەتلا   خوش
  بولۇپ.مانا   كۆردىڭىز،ئايالىنى   خانىشنى  كۈتكەندەك  كۈتۈپ   شۇنداق    ياخشى  ئۆتىۋېتىپتۇ.
   تۇرسۇن   ئۆينىڭ  بارلىق   ئىشىنى  قىلىپ  ھەم  ئۇنىڭدىن  ئېشىنىپ  ئېتىز-ئېرىقنىڭ ئشىنىمۇ  قىلىپ  ئۈلگىرىدىكەن.  ماننا   ھازىر  ئوماق   بىر   ئوغلى  بار.
بۇيىل   يېڭىلاپ   ئۆي  سېلىۋاپتۇ،ئانىسىنىڭ  ھالىدىن  ياخشى  خەۋەر  ئېلىۋېتىپتۇ.بۇنى  ئۇقاندىن  كېيىن  بۇلار  كۆزۈمگە  بەك  ئىللىق  كۆرىنىدۇ،خۇددى ئۆز  باللىرىمنى  كۆرگەندەك.
  بۇلار   خىجىل   بولامدۇ  بەك   ئاز  كېلىدۇ. بەلكىم  قۇدۇرتى  ئۇلۇغ  ئاللا  بۇلارنىڭ  مېھرىنى  ئۆزى   سالدىمىكىن،بۇلارنى كۆرسەم  ئىچىم  ئېچىلىپ  قالىدۇ.شۇ بىچارە   قىزنى  كۆرسەم   ئىچ   ئاغىرغى  تارتىپ  نەچچە   كۈنگىچە خىيالىمدىن  چىقمايدۇ.
    ئۇستامنىڭ  گەپلىرىنى  ئاڭلاپ  ،بۇ   ئىكىكىسىنىڭ   كەچمىشلىرىنى  ئاڭلاپ  كۆڭلىمدىكى  تۈگۈنچەك  يېشىلگەندەك  يىنىكلەپ قالدىم.
    كونىلارنىڭ<<قارغۇنى،ھاساسىدىن  ئايرىمايدۇ>>  دىگەن  ھېكمەتلىك  سۆزىنى  ئەسكە  ئالدىم.
      تۇرۇپ   ئويلاپ     قالدىم   ،تەن-دۇرۇس،جىمى نەرسىسى  تەل   ئادەملەرمۇ،گاھىدا  ئۇنچىلىك   بەخىتلىك  بولماس.
      يىگەن  تامىغىمنىڭ    پۇلىنى  ،ئۇستامنىڭ   ئۇنىمىغىنىغا   قويماي  تۆلەپ ،خوشلۇشۇپ سىرتقا  چىقتىم.مېزىلىك تاماققا   قوشۇلۇپ  ئىسسىق  مەشنىڭ  ھارارىتى  تېشىمنى
    ئىسىتقان    بولسا،تەسىرلىك  بايانلار   بىلەن  بەخىتلىك  ئىككى  ياشقا   قاراپ   ئىچىم   ئىللىپ  قالغان  ئىدى.
  بۇ   تاپتا   ماڭا   دىكابىرنىڭ   سوغىغى  ،كۇزنىڭ    سەلكىن شامىلىدەك  بىلىنمەكتە .

خەتكۈچ : تۈر : تەرمىلەر

ئويۇندىن چىققان قۇيۇن

يوللانغان ۋاقتى : 2011.07.01ئاپتور : ئىزتىلكۆرۈلۈشى : 17 viewsئىنكاس سانى : 2

چاڭڭىدە “ قىلىپ تەككەن تەستەكتىن كۆزۈمدىن ئوت يېنىپ كەتتى. نېمە بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە، چېچىم بىراۋ تەرىپىدىن قاماللاپ تۇتۇۋىلىندى.
_ ھۇ پاسكىنا، ئەمدى قولۇمغا چۈشتۈڭمۇ؟ خىزمەتداشلىرىڭ ئالدىدا ئەپتى – بەشىرەڭنى ئېچىپ تاشلاپ، باش كۆتۈرۈپ يۈرگۈسىز قىلىۋەتمەيدىغان بولسام…
شۇندىلا خىزمەتداشلىرىمنىڭ ياردىمىدە چاچلىرىمنى قولىدىن تەستە ئاجراتقان، مېنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاۋاتقان كىشىنىڭ كىملىكىنى بىلەلىدىم. ئۇ خىزمەتدىشىم نۇرىكامنىڭ ئايالى پاتىگۈل ھەدە ئىدى. خىزمەتداشلىرىمنىڭ سالا – سۈلىسى بىلەنمۇ ياكى بەك ھاياجانلىنىپ كۈچەپ كېتىپ ھېرىپ قالغانلىقتىنمۇ ، ئۇ ئۇرۇش – تىللاشتىن توختاپ تۇرىشىغا، كىمدۇ بىرىنىڭ ئۇچۇر بېرىشى بىلەن ئەھۋالدىن چالا – پۇچۇق خەۋەر تاپقان باشلىق يېتىپ كەلدى.
_ نېمە جاڭجال بۇ؟
باشلىقنى كۆرۈپ قايتىدىن مەدەت ئالغان پاتىگۈل ھەدە يەنە زۇۋانغا كەلدى.
_ باشلىق، ئاۋۇ پاسكىنا ئېرىمنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆيۈمنى بۇزۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
يەر يېرىلسا كىرىپ كەتسەم ئىدىم.نېمىدېگەن نۇمۇس، نېمىدېگەن خورلۇق…پاقىرىشىپ قاراپ تۇرغان خىزمەتداشلىرىم گەرچە ماڭا ئىچ ئاغرىتقاندەك قىلىشقىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە تاماشا كۆرىۋاتقانلىرى ئازمۇ؟
_ مېڭىڭلار مېنىڭ ئىشخانامغا،_ دېدى باشلىق جىددىي تەلەپپۇزدا.
مەن ئىككى قولۇم بىلەن يۈزۈمنى ئەتتىم – دە، كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدىن يۈزۈم بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ ، باشلىق ئىشخانىسىغا ماڭدىم. كەينىمدىن ئۇ قار – يامغۇر كەبى تىللاپ، ئاھانەت ياغدۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.   باشلىق كېلىپ ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. ئىشىكتىن ئېتىلىپ كىردىم – دە، “ ۋاڭڭىدە “ يىغلىۋەتتىم.
_ ئەمدى نېمە يىغلايسەن ، پاسكىنا؟ ئېرىم تاتلىق تىتىغان چېغىدا يىغلاپ قالارىڭنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيدىڭ؟
_ ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ، بۇ دېگەن ئىدارە، نېمە تۇرمۇش ئىشىنى بۇ يەرگە سۆرەپ كېلىپ قالايمىقان قىلىسىز؟
_ باشلىق، سىز بىر ئىدارىنىڭ مەسئۇلى بولغاندىكىن قول ئاستىڭىزدىكىلەرنى ياخشى باشقۇرىشىڭىز كېرەكقۇ؟ نېمانداق ئەخلاقسىز نەرسە بۇ؟!_ دېدى ئۇ ماڭا ھومۇيۇپ.
نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېقىڭ ، _ دىدى باشلىق پاتىگۈل ھەدىگە.
  _ ئېرىم نۇرى مۇشۇ بىر يىلدىن بېرى غەلىتىلا بولۇپ قالدى، دەسلەپ ئۆزەممۇ سەزگەندەك بولدۇم، ئەمما ئېنىق پاكىتىم بولمىغاچقا، ئۈندېيەلمەي يۈرگەن ئىدىم. مۇشۇ يېقىندىن بېرى دىققەت قىلسام ، ئۇ تېلېفۇنىنى مەندىن يوشۇرىدۇ. ئىشتىن كېلىپلا تېلېفۇنىنى ئېتىپ قويىدۇ. بۇ ئىش كۆپ تەكرارلانغاندىن كېيىن ، مەن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشتۈم. ئاخىرى ئۇنى شۇنچە ئالاقزادە قىلىپ، ئەس – ھۇشىنى قويمايۋاتقان تېلېفۇن نومۇرىنى قولغا چۈشۈردۈم. ئىنىقلاپ كۆرسەم، ئېرىمنى شۇنچە ۋەيران قىلىۋاتقان ، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەملىكىنى بۇزۇۋاتقان مۇشۇ “ *** “ ئىكەن ، _ دېدى ئۇ ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت ەەپ بىلەن قولىنى ماڭا شېلتىپ تۇرۇپ.
_ نېمە گەپ بۇ؟ _ سورىدى باشلىق مېنىڭدىن.
_ باشلىق ،  پاتىگۈل ھەدەم خاتا چۈشىنىپ قاپتۇ، نۇرىكام بىلەن بۇ ھەدەم ئېيتقاندەك غەيرى مۇناسىۋىتىم يوق، بۇ تۆھمەت،_دېيەلىدىم ئارانلا ئىسەدەپ تۇرۇپ ئەمما ئۆزەمنى ئاقلاشقا ھېچبىر گەپ تاپالمايۋاتاتتىم. دېمىسىمۇ بۇ كۈن ماڭا ئاز، خەقنىڭ ئېرى بىلەن شۇنداق چەكتىن ئاشقان چاقچاقلارنى قىلىشماسلىقىم لازىم ئىدى ئەمەسمۇ؟!
ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ئىدى:
ئالدىنقى يىلى ئۆيدىكى كومپېيوتىرىمنى تورغا ئۇلىدىم. مەلۇم بىر مۇنازىرە مۇنبىرىن ىڭ چ چ توپىغا قوشۇلىۋالدىم. توپتا ئانچە – مۇنچە چاقچاقلىرىم بىلەن بىر توردىشىمنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويغان ئوخشايمەن ، بىر كۈنى ئۇ توپتىن مېنى ئايرىپلا، چ چ رىمغا قوشۇلىۋىلىشنى ئىلتىماس قىلدى. قىززىقچىلىقتا مەنمۇ باش -ئاخىرىنى ئويلىمايلا قوشۇپ سالدىم. سۆزلىشىش ئارقىلىق ئۇ خىزمەتدىشىم نۇرى ئاكام بولۇپ چىقتى. ھەر ئىككىلىمىز بىر – بىرىمىزنى تونۇشۇپ كۈلۈشۈپ كەتتۇق.
نۇرى ئاكام ئىدارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىشلەۋاتقان ياش كادىرلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئايالى پاتىگۈل ھەدەمنىمۇ تونۇيتتىم.  ئاق پىشماق، غۇنچە بوي، بۈدۈر چاچلىرى كەڭ يېيىلىپ، يەلكىسىگە ئۆزگىچە سىن بەرگەن، كۈلۈمسىرەپلا تۇرىدىغان خۇشخۇي بۇ ھەدىمىز شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پۇنكىتىدا ئىشلەيدۇ. ئوغلى يەسلىدە ئىدى.
دەسلەپتە بۇ توردىشىمنىڭ نۇرىكام ئىكەنلىكىنى بىلمەيلا قوشۇۋالغانتىم، بىلگەندە چىقىرىۋىتەي دېسەم خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويۇشۇمدىن ئەنسىرەپ، “ تۇرىۋەرسىمۇ ھېچ گەپ يوققۇ “ دەپ ئويلاپ ئۇنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدىم. نەتىجىدە، ئويۇندىن قۇيۇن چىقىپ قالغاندەكلا ئىش بولدى. بىر – بىرىمىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىلىشەتتۇق، ئارىلاپ تېلىفۇندا، ئارىلاپ چ چ دا چاقچاقلىشىپمۇ قويۇشاتتۇق. كىم بىلسۇن،  بۇ چاقچاق ئويۇنلىرىمىزنىڭ پاتىگۈل ھەدىدە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويۇشىنى…
بۇ گەپلەرنى باشلىققا دەپ چۈشەندۈرگىلى بولاتتىمۇ؟ پەقەت ئىسەدەپ  تۇرۇپ، “ بىز گۇناھسىز “ لا دېيەلىدىم. باشلىق پاتىگۈل ھەدىگە بىرمۇنچە تەسەللىي سۆزلەرنى ئېيتىپ، كەچۈرۈم سورىدى. نۇرىكام بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ، تەربىيىۋى خىزمەت ئىشلەيدىغانلىقىنى ، بۇ ئىشنى پاتىگۈل ھەدە رازى بولغۇدەك بىر تەرەپ قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋەدىمۇ بەردى، ئارقىدىن پاتىگۈل ھەدىنىڭ كۆزىچىلا ماڭا قاتتىق  تېگىشكە باشلىدى.
_ رەھىمە، سىز ئىدارىمىزدىكى ئەڭ ياش خىزمەتچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخى توي قىلمىغان.ئۆزىڭىزنىڭ ئىززەت – ئابرويىڭىزنىغۇ قوغدىماڭ، ئەمما شۇنچە كىشى ئىشلەيدىغان ما ئىدارىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ، نامىغا داغ چۈشۈردىڭىزمۇ؟ ئايالى، بالىسى بار كىشىنىڭ پېيىدە يۈرمىسىڭىزمۇ سىزگەباشقا كىشى چىقماسمۇ؟ “ دەرەخ زىننىتى  ياپراق ، ئادەم زىننىتى ئەخلاق “ دىگەن سۆزنى ئاڭلىمىغانمىدىڭىز؟ بۇ يۈزىڭىزنى قانداق كۆتۈرۈپ يۈرمەكچى ئەمدى؟
_ باشلىق ، بۇ ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئەمەس، نۇرىكام بىلەن مەن پەقەت خىزمەتداش شۇ. _ ئەمدى پەقەت خىزمەتداشلا بولۇپ قالدىڭما؟نەچچە ۋاقتىن بېرى بۇنى نېمىشقا بىلمەي يۈرگەنتىڭ؟ _ ئۇ يەنە ماڭا ئېسىلىشقا تەييارلانغان ئىدى، باشلىقنىڭ ئۈستەلگە قاتتىق تەككەن مۇشتىدىن ئەيمەندىمۇ ئەيتاۋۇر، موكلا چۈشۈپ جايىغا ئولتۇرىۋالدى.
_ “ ياخشى گەپ بوسۇغىدىن چىققۇچە، يامان گەپ يەتتە تاغدىن ھالقىپتۇ “  بۇ گەپ ھازىرلا پۈتۈن شەھەرگە پۇر بولىدۇ، _ دېدى باشلىق، _ خەققە چۈشەندۈرۈپ، ئىشەندۈرۈپ بولغىلى بولاتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز تېخى توي قىلمىغان قىز تۇرسىڭىز، مۇشۇ گەپ سەۋەبىدىن ئىستىقبالىڭىزغا، قىزلىق شەۋكىتىڭىزگە داغ چۈشمەسمۇ؟. باشلىقنىڭ ئاتا نەسىھەت سۆزلىرىنىڭ تەسىرىدىن قىلغان ئىشلىرىمدىن تېخىمۇ ئۇيالدىم.
باشلىقنىڭ ئالدىدا پاتىگۈل ھەدەمگە بۇندىن كېيىن نۇرى ئاكام بىلەن قەتئىي گەپلەشمەسلىك، ئۇچۇرلاشماسلىق ھەتتا قاراشماشلىق ھەققىدە سۆز بەردىم- دە، ئىشخانىدىن كۆزلىرىمنى سۈرتكىنىمچە چىقتىم.
كوچىدا كېتىۋاتىمەن…… باشلىق دېگەندەك بۇ گەپ بىردەمدىلا، پۈتۈن شەھەرگە تارقاپ كەتكەندەك، گويا ھەممىلا كىشى ماڭا قارىشىۋاتقاندەك، نېمىلەرنىدۇ دېيىشىپ مېنى كۆرسىتىپ كۇسۇرلىشىۋاتقاندەك خۇدۇكسىرەپ ماڭالمايلا قىلىۋاتىمەن“ نېمە دېگەن سەتچىلىك – ھە؟ ئەمدى قايسى يۈزۈم بىلەن ئۆيگە بارارمەن؟ قايسى يۈزۈم بىلەن كوچىغا چىقارمەن؟ خىزمەتداشلىرىمغا قايسى يۈزۈم بىلەن قارارمەن؟ باشلىق ئېيتقاندەك بۇ ئىشلارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرگىلى، ئىشەندۈرگىلى بولارمۇ؟ئاھ……… بەڭۋاشلىقىم، ئەجەپ رەسۋا قىلدىڭغۇ مېنى……….“

مەنبە : ئېنىق ئەمەس