ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى

2011-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتۇسى: 8-ئىيۇن ، مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىغا داغدۇغىلىق ئىش باشلاندى . بۇ قەشقەر ۋىلايىتى ، جۈملىدىن مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە مەنبەسى ئېلېكتىر كۈچى ۋە سانائەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دىرەك بېرىدۇ.

    دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارت 40 مىليون يۈەن ھەركەتچان مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ئېلېكتىر تورىنى 3 مىليارت 238 مىليون كىلوۋات توك بىلەن تەمىنلەيدۇ ، سېتىپ چىقىرىش كىرىمىنى 870 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ ، يۇقىرىغا 110مىليون يۈەن باج تاپشۇرىدۇ . بىرىنچى قارارلىق ماشىنا-زاپچاسلار 2013-يىلى 4-ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ ، توك تارقىتىش پىلانلاندى ؛ تۈر قۇرۇلۇشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ ئېلېكتىر تورىدىكى مۇھىم تايانىچ توك مەنبەسىگە ئايلىنىپلا قالماستىن يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ توك ئىشلىتىشىدىكى توك جىددىيچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلىپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇنداقلا يەنە مارالبېشى ناھىيە بازىرى ۋە سانائەت باغچا رايونىنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەپ ، كۆپ مىقداردىكى تارقاق ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك پار قازانلارنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ ، مارالبېشى ناھىيە بازىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ ، پاختا بايلىقىغا تايىنىش ئارقىلىق توقۇمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

   ئىش باشلاش مۇراسىمىدا قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى يې لىن ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمىگە ، شۇنداقلا ۋىلايەتتىكى 4 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىگە ۋاكالىتەن تۈر قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەپ ، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ قەشقەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيىتتى . يې لىن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلانغانلىقى قەشقەرنىڭ ئېلېكتىر تور قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، ئېلېكتىر كۈچى بىلەن ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ، توك بىلەن تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى پەسەيتىش، شۇنداقلا قەشقەرنىڭ يېڭىچە سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قەشقەردە ‹‹ 10چوڭ كەسىپ بازىسى بەرپا قىلىش›› ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قەشقەرنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . يې لىن مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، تۈر قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ھەر تەرەپتىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىشىگە ياخشى بولغان تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ.

   جوڭگو دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جاڭ شۇمىن ئىش باشلاش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جوڭگو دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭدا ‹‹ چوڭ قۇرۇلۇش قىلىش، چوڭ ئېچىۋېتىش، چوڭ تەرەققىي قىلىش›› تەك قۇرۇلۇش قىزغىنلىقىغا ئاكتىپ قاتنىشىش جەريانىدا ئەمەلىي ھەركىتىمىز ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى قوللايمىز . ئۇ ماۋۇلارنى ئۈمىد قىلدى : تۈر شىركىتى ۋە قۇرۇلۇشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ، قۇرۇلۇشنى سۈپەتلىك، ۋاقتىدا تاماملاش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق‹‹ شىنجاڭچە ئۈنۈم›› ئارقىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى ئەلا سۈپەت ، يۇقىرى ئۈنۈم ، ئېنېرگىيە تېجەشچان ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئىسىل قۇرۇلۇش قىلىپ ، قەشقەر ۋىلايتىدە توك كەمچىل بولۇش ۋەزىيىتىىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشى كېرەك .

    مۇراسىمدا ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولىياڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشىغا ئىش باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى . ئۇ مۇنداق دېدى : دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى مارالبېشى ئېلېكتىر ئىستانىسىسى MW350×2 پار-ئېلېكتىر بىرلەشمە قۇرۇلۇشى مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بايلىقنى ئۆزگەرتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ ، كۆمۈر ئېلېكتىر ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ، ئوبلاست ۋە مارالبېشىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە . جاڭ گولىياڭ يەنە ئاپتونوم رايون ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، قۇرۇلۇش داۋامىدا بايلىقنى ئېچىشنى ئىمكانىيەتلىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى ، يۇقىرى ئۈنۈم ئارقىلىق مۇھىت قۇرۇلۇشى تەرەققىايتىنى تېزلىتىپ ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ۋاقتىدا تاماملىنىشىنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى .

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ گولىياڭ ، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى جاڭ شۇمىن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن ۋالىيسى يې لىن ، مارالبېشى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گوڭ ۋېيبىڭ قاتارلىق رەھبەرلەر تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن لېنتا كەستى .

   مۇراسىمغا ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ شۆبىسى ۋە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ، شۇنداقلا ناھىيەگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارىلارنىڭ رەھبەرلىرى، قۇرۇلۇشچىلاردىن بولۇپ ، 1000غا يېقىن كىشى قاتناشتى .

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر