ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى كەسپىي مائارىپنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2011-يىلى06-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    جىڭ بو خەۋىرى : 7 – ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي مائارىپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىندا مۇنداق دېدى: مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىق مېخانىزمى، تۈزۈلمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، كارخانىلار بىلەن يەرلىك ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئاكتىپ ئىزدىنىش بىلەن بىللە كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى كارخانىلارنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاشسا بولىدۇ.

    ئەركىنجان تۇراخۇن مۇنداق دېدى: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، يىتۈك ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج جىددىي ئېشىۋاتىدۇ، بۇ بىزدىن كەسپىي مائارىپنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مۇلازىمەت قىلىشتىكى كىرىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى، كەسىپ تەسىس قىلىش، ئوقۇتۇش كۆلىمى، ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە يۇقىرى ساپالىق مەلىكىلىك سانائەت ئىشچىلىرى، يېڭىچە دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش تەلىپىگە ماسلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىگە مۇلازىمەت قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ.

    ئەركىنجان تۇراخۇن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي مائارىپ خىزمىتىدە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ كۆلىمىنى مۇقىم كېڭەيتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قوللاشنى ئاكتىپ قولغا كەلتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسپىي مائارىپتا ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!