مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن داۋالغۇ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە قانداق تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ؟ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 19-ماي مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا: سۈرىيە ھازىر مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، مىسىر ۋە تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ، ئىسرائىلىيە بولسا پەلەستىننىڭ 1976-يىلىدىكى چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا ماقۇل بولىشى كېرەك، دەپ ئېلان قىلدى.
شۇ كۈنى ئوباما ئامېرىكا گۇۋۇيۈەنى بىن جېمىن فرانكىلىن زالىدا مۇھىم سۆز قىلغان، بۇ ئوبامانىڭ 2009-يىلى ئىيۇلدا مىسىر پايتەختى قاھىرەدە نۇتۇق سۆزلىگەندىن بۇيان ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكا بىلەن مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىسىدا مۇھىم نۇتۇق ئېلان قىلىشى.
سۈرىيە مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە
18-ماي ئوباما مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالىغان بولۇپ، ئامېرىكا «زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى» نەزەردە تۇتۇپ، سۈرىيەنىڭ يەتتە چوڭ ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكىدىكى مۈلىكىنى توڭلاتقان، مۈلىكى توڭلىتىلغانلار سۈرىيە زۇڭتۇڭى بېشار ئەساد ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئوباما 19-مايدىكى نۇتۇقىدا: زۇڭتۇڭ ئەساد چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە، ئۇ يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشى ياكى ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك ، ئەگەر بۇنداق بولمىسا دۆلەت ئىچىدە داۋاملىق خىرىسقا ئۇچرايدۇ، دۆلەت سىرتىدا تايانچسىز قالىدۇ، دېگەن.
مىسىر بىلەن تۇنىس ياردەمگە ئېرىشىدۇ
ئوباما ھۆكۈمەتلىرى ئالمىشىپ بولغان مىسىر ۋە تۇنىس توغرىسىدا توختالغاندا، بۇ ئىككى دۆلەتكە كۆپ تۈرلۈك ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھازىر ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسىنى مالىيە جەھەتتە ياردەم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرىۋېتىپتۇ.
شۇنى بىلەن بىرگە ئامېرىكا مىسىرنىڭ 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى قەرزىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى
ئوباما 2009-يىلى قاھىرەدە نۇتۇق ئېلان قىلغاندىن كېيىن پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرۈگەن، يەنە «پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە بىر يىل ئىچىدە مەسلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈپ چىقىدۇ» دېگەن، لېكىن ئىككى يىلدىن بۇيان پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن.
ئوباما 19-مايدىكى نۇتۇقىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق كېڭىشىشى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ زىمىن پۈتۈنلۈك تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، 1976-يىلى بېكىتكەن چېگرا سىزىقى ئىچىدە دۆلەت قۇرۇشىغا يول قويىشى كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق بولغاندا ئىككى دۆلەت مەسلىسىنى تىنچ، بىخەتەر، ئورتاق مەۋجۈت بولغان ئاساستا ھەل قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.