ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

سىئولدىكى پويىز ئىستانسىسى ۋە يولۇچى توشۇش بېكىتىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

2011-يىلى05-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    12 – ماي، كورىيەدىكى سىئول پويىز ئىستانسىسى ۋە جياڭنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىدە ئارقا – ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى ، نۆۋەتتە ، ساقچى تەرەپ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتە.

     ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، 12 – ماي چۈشتىن بۇرۇن 11 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ، جياڭنەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولۇچى توشۇش بېكىتىدىكى نەرسە – كېرەك ساقلاش ساندۇقى پارتلاپ كەتكەن ، ۋەقەدە ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. شۇ كۈنى، 11 دىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە ، سىئول پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈتۈش زالىدىكى نەرسە – كېرەك ساقلاش ساندۇقىمۇ پارتلاپ كەتكەن. ساقچى تەرەپ ساندۇق ئىچىدىن كۆيۈپ كەتكەن سومكا ۋە كىچىك كۆمۈر گازى بوتۇلكىسىغا ئوخشايدىغان بۇيۇمنى بايقىغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!