يۈسۈپ ئىسمائىل خەۋىرى : قۇمۇل شەھىرىنىڭ بىرىنچى پەسىللىك يەرلىك باج كىرىمى 419 مىليون 690 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %123.88 ئاشتى.
قۇمۇل شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسى يىل بېشىدا باج مەنبەلىرىنى ئېنىقلاش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش بىلەن باج يىغىشنى بىر گەۋدىلەشتۈردى. دۆلەتنىڭ باج قانۇنى ۋە ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئېڭىنى ئۆستۈردى، كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قۇمۇل شەھىرىدە تۆمۈريول، تاشيول قۇرۇلۇشى، كانچىلىق، نېفىت، تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىدەك پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى باج مەنبەلىرىنى كۆپەيتتى. بىر قىسىم نۇقتىلىق ئورۇن، كان – كارخانىلارغا كامېرا ئورنىتىپ نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، باج يوشۇرۇش، باج ئوغرىلاش قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىپ، باج كىرىمىنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى.