جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 17-مارت خەۋىرى:ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى نازارىتى 17-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، شۇ جاي ۋاقتى 17-مارت سەھەر سائەت 6 بولغىچە، ياپونىيەدىكى 9.0 يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەقىقىي سانى 4377 ئادەمگە، يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى 9083 ئادەمگە يەتكەنلىكىنى، ئىككىسىنى قوشقاندا 13 مىڭ 400 ئادەم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭدا، مىياگې ئايمىقىنىڭ مىنامى سانرىكۇ رايونىدا 2244 ئادەمنىڭ ئۆلگەن، 2362 ئادەم يوقاپ كەتكەن. ئىۋاتې ئايمىقىدا 1545 ئادەم ئۆلگەن، 3814 ئادەم يوقاپ كەتكەن. ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە مىياگى ئايمىقىنىڭ مىنامى سانرىكۇ رايونىدا يەنىلا 8000 ئادەمنىڭ ئىز دېرىكى يوق ئىكەن، ئوناگاۋادىمۇ 5000 ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. مۆلچەرلىنىشچە ئۆلگەن ۋە يوقاپ كەتكەنلەر 300 ئادەمگە يېتىدىكەن.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سوغاق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، سېنداينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم شەھەر-بازارلاردا قار ياققان، ئىۋاتې ۋە سېنداينىڭ 16-مارتتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپراتورىسى نۆلگە چۈشكەن، قۇتقۇزۇش ھەركىتى سوغاقتا داۋاملاشقان.
گەرچە ئېلىكتىر كۈچى ئەسلىگە كېلىپ، 550 مىڭ پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەنلىرى ئۆيىگە قايتىشقا باشلىغان. ئەمما ياپونىيە ساقچى نازارىتىنىڭ سىتاتىستىكىلىشىچە، يەنە 430 مىڭ ئادەم 2400 ئورۇندا پاناھلىنۋېتىپتۇ. قاتتىق سوغاق پاناھلىنىش ئورنىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى قىيىنلاشتۇرغان. ئاپەت رايونىدىكى بىر قىسىم رايونلاردا تو بولمىغاچقا، 2000 يېقىن پاناھلىنىش ئورنىدا ھاۋا تەڭشىگۈچ يوق ئىكەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!