ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

تەنتەربىيە خىزمىتىدە زەپەر قۇچقان يىللار

2011-يىلى02-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

روشەنگۈل ئابدۇراخمان

    2010 – يىلى ‹‹11 – بەش يىل››نىڭ ھوسۇلىنى يىغىۋالىدىغان بىر يىل، بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىدا خېلى كۆپ ئىلگىرىلەش بولدى. 

    يېقىندا شىنجاڭغا تەنتەربىيە ساھەسى بويىچە ياردەم بېرىش يىغىنى ئېچىلىپ، شىنجاڭغا تەنتەربىيە ساھەسى بويىچە ياردەم بېرىشتىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، ‹‹12 – بەش يىل››دىكى شىنجاڭنى سىياسەت جەھەتتىن يۆلەش، تۈر جەھەتتىن قوللاش، ئىختىساسلىقلارنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

    ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى››نىڭ مەزمۇنىنى موللاشتۇرۇش ئۈچۈن ‹‹ھەر ئايدا يېڭى پائالىيەت بولۇش›› خىزمەت ئىدىيەسى بويىچە تېمىسى يېڭى، مەزمۇنى مول، شەكلى ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئولىمپىك چېمپىيونلىرى، مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچىلەر ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ لېكسىيە سۆزلەش، ماھارەت كۆرسىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش قىزغىنلىقى ئۆستۈرۈلدى. دۆلەت 3 – قېتىملىق خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دېھقانلار تەنتەربىيە خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى قاتارلىق يىغىن، خىزمەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ ئۈرۈمچى، ئالتاي، سانجى قاتارلىق جايلاردا قار – مۇز پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى، تەكلىماكاننى ئاپتوموبىل بىلەن ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى، سايرام كۆلىنى ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش مۇسابىقىسى، ئايدىڭكۆلنى موتوسىكلىت بىلەن ئايلىنىش مۇسابىقىسى، پىچان قۇمتاغدا پىيادە مېڭىش مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى نۇرغۇن ھەۋەسكارنى جەلپ قىلدى ھەم شۇ جاينىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى. نۇرغۇن تەنتەربىيە سارايى، مەيدانى سېلىنىپ، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلدى.

    ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى، 2010 – يىلى 16 – نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالتە ماھىر تۆت تۈردىكى مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، بىر ئالتۇن مېدال، بىر كۈمۈش مېدال، بىر مىس مېدال، ئىككى 5 – لىككە ئېرىشىپ، شىنجاڭلىق ماھىرلارنىڭ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈردى. 5 – ئايدا خېفېي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 4 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرى 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئالتىنى، 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ئالتىنى، 3 – دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن 14نى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇمىي نەتىجىدە مەملىكەت بويىچە 14 – ئورۇندا، غەربىي رايون بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرى دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇسابىقىلەردە 21 قېتىم 1 – لىكنى، 17 قېتىم 2 – لىكنى، 15 قېتىم 3 – لىكنى قولغا كەلتۈردى.

    2010 – يىلى 1 مىليارد 13 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىلىپ، 6 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى يىغىلىپ سېتىلىپ، 1 مىليارد 673 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى جامائەت پاراۋانلىق فوندى يىغىلدى، دۆلەتكە 120 مىليون يۈەن باج تاپشۇرۇلدى.

    بۇ بىر يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا تەپمە بوكس دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆلىمى زور، تەسىرى چوڭقۇر خەلقئارالىق مۇسابىقىلەر كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرىنىڭ ماھارىتى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈلدى ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەلئىچى تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرى بۇ چوڭ سەھنە ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى. بۇنىڭدىن باشقا شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كەسپىي تېخنىكا سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن تەرەققىيات سەھنىسى ھازىرلاندى.

    ئەمدى بىز ئاپتونوم رايونىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ‹‹11 – بەش يىل››دىكى تەرەققىياتىغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

    ئۆتكەن بەش يىلدا ئاممىۋى تەنتەربىيە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. ئاممىۋى تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى شەھەر – يېزىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش پىلانى تېزىسى››، ‹‹ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى››نىڭ تۈرتكىسىدە، نادام، روزا ھېيت قاتارلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايراملارنى چۆرىدىگەن ھالدا ھەر خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېڭى ئۆستۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا دائىم بەدەن چېنىقتۇرىدىغانلار 5 مىليون 470 مىڭغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %23.8ىنى ئىگىلىدى.

    ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى، ئىلمىي مەشىق قىلىش، ئىلمىي باشقۇرۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈلدى. ‹‹11 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىز تەنھەرىكەتچىلىرى خەلقئارالىق مۇسابىقىلەردە 27 ئالتۇن مېدال، 24 كۈمۈش مېدال، 17 مىس مېدالغا؛ مەملىكەت ئىچدىكى چوڭ مۇسابىقىلەردە 113 ئالتۇن مېدال، 115 كۈمۈش مېدال، 131 مىس مېدالغا ئېرىشتى. 2008 – يىلى 29 – نۆۋەتلىك بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئاپتونوم رايونىمىز ماھىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە مېدال ئالالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى، 2010 – يىلى 16 – نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايونىمىز 2010 – يىللىق دۇنيا لوڭقىسى تەپمە بوكس لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىدىن بەشنى، مەملىكەتلىك چوڭ مۇسابىقىدىن 14نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.

    تەنتەربىيە كەسپىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى. ‹‹11 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي 4 مىليارد 300 مىليون يۈەنلىك تەنتەربىيە لاتارىيەسى سېتىلدى، جەمئىيەتكە 20 مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنى تەمىنلەندى، تەنتەربىيە لاتارىيەسىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانلىرى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىقتىسادىي تۈۋرۈكلۈك رولى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى باسقىلى بولمايدىغان رولى جارى قىلدۇرۇلدى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە قار – مۇز تۈرى، دالا تەنتەربىيەسى، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت مۇسابىقىلىرى كۆلەملىشىپ، بىر تۈركۈم داڭلىق ماركا بارلىققا كەلدى. يىغىپ ئېيتقاندا، تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇلدى.

    تەنتەربىيە ئاساسىي مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىدا نەتىجە كۆرۈنەرلىك بولدى. تەنتەربىيە مەيدانلىرى ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى موللاشتۇرىدىغان ۋە جانلاندۇرىدىغان مۇھىم سورۇن. ‹‹11 – بەش يىل››دا ئۈرۈمچى، بايىنغولىن، قىزىلسۇ، ئاقسۇ، قۇمۇل، بورتالا، چۆچەك قاتارلىق جايلاردا تەنتەربىيە مەركىزى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 2010 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆلچەملىك تەنتەربىيە مەيدانىدىن 75ى، ئۆلچەملىك تەنتەربىيە سارىيىدىن 53ى، سۇ ئۈزۈش مەيدانىدىن 20سى سېلىندى. تەنتەربىيە ئاساسىي مۇئەسسەسەلىرى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى، بولۇپمۇ يېزا – قىشلاقلاردىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشتا زور رول ئوينىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!