ئىران پىرىزدېنتى ئەخمەد نىجاد ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنى تۇنىس ۋە لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.
پىرىزدېنت ئەھمەد نىجاد 19-يانۋار ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يازد (Yazd) شەھىرىدە ئاممىغا سۆز قىلغاندا، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەقسىتى پىسخىكا ئۇرۇشى ئارقىلىق تۇنىسلىقلارنىڭ ھوقوق-مەنپەتىنى تارتىۋالماقچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۆتكەن بىر ئايدىكى كەڭ كۆلەملىك توپىلاڭ ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش تۇنىسنى زىلزىلىگە سالغان ئىدى. ساقچىلار يايمىكەش مۇھەممەد بۇئەزىزىنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىۋالغاندا، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغان، بۇ سەۋەبلىك توپىلاڭ يۈز بەرگەن ئىدى.
پىرىزدېنت ئەخمەد نىجاد تۇنىس سىئاسىيونلىرىنى چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىدىن ئاگاھ بولۇپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجى ۋە تاللىشىغا دىققەت قىلىشىنى، تۇنىسنىڭ ئىسلام ھۆكۈمىتى بولىشىنى دەۋەت قىلغان.
باشقا جايلاردىكى نۇتىقىدا، ئەخمەد نىجاد غەربنىڭ قوللىشىدىكى ب د ت خەلقئارا سوتىنىڭ سابىق لىۋان باش مىنىستىرى ھاررىينىڭ قەستكە ئۇچرىشىنى تەكشۈرگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
ئەخمەد نىجاد ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلغان.