ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى ئامېرىكىنىڭ ئارال قوغداش مەشىقىنى قوبۇل قىلىدۇ

2011-يىلى01-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ياپونىيەنىڭ يېڭى 5 يىللىق مۇداپىئە پىلانى پروگىراممىسىدا ئاراللارنى مۇداپىئە قىلىش مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 2-ئاينىڭ بېشىدا قوغدىنىش ئارمىيىسى ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ، ئالاقىدار مەشىقلەرنى قىلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا دېڭ
  


ياپونىيەنىڭ يېڭى 5 يىللىق مۇداپىئە پىلانى پروگىراممىسىدا ئاراللارنى مۇداپىئە قىلىش مۇھىم نۇقتا بولۇپ، ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتى 2-ئاينىڭ بېشىدا قوغدىنىش ئارمىيىسى ئوفىتسېر ئەسكەرلىرىنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ، ئالاقىدار مەشىقلەرنى قىلىدىكەن ھەمدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش قىسىمى بىلەن قۇرۇقلۇققا چىقىش مانىۋېرى ئېلىپ بارىدىكەن.
تەيۋەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2002-يىلى ناگاساكى ئايمىقىدا قۇرۇلغان قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوفىتسېر ئەسكەرلەرنى ئامېرىكىنىڭ سانتىياگو قۇرۇقلۇق ئارمىيە بازىسىغا ئەۋەتىپ، بىر ئايلىق مەشىقلەندۈرۈشنى بەلگىلىگەن.
ياپونىيە 2010-يىلى 12-ئايدا يېڭى مۇداپىئە پروگىراممىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز ساھەسىدىكى ھەركىتىنىڭ كۆپىيىشىگە قارىتا، كيۇسىيۇدىن رىيۇكيۇغىچە بولغان غەربىي جەنۇب ئاراللىرىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.
قۇرۇقلۇق قوغدىنىش ئارمىيىسى ئامېرىكىغا ئادەم ئەۋەتىپ مەشىقلەندۈرۈشتىن سىرت، خوككايدۇدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى كىيۇسىيۇدا ھەركەتچان مەشىقنى قانات يايدۇرۇپ، غەربىي جەنۇب ئاراللىرى دۇچ كەلگەن كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەھدىدكە تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!