يۈرەك كېسىلىنىڭ 12خىل بېشارىتى

ۋاقتى:2010-11-02 23:20مەنبە: يوللىغۇچى:بەختىيار يۈسۈپ چېكىلىشى:قىتىم
  
تەشۋىشلىنىش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە قورقۇش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
مەيدىسى قىزىپ كەتكەندەك بولۇش.كۆكرەك ئاغرىش يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ تىپىك ئالامىتى، ئەمما ئاغرىقلارنىڭ ھەممىسىدىلا كۆكرەك ئاغرىقى كۆرۈلۈۋەرمەيدۇ. يۈرەك كېسىلى قوزغىلىشتىن كېلىپ چىققان كۆكرەك ئاغرىقى كۆپىنچە كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ سەل سول تەرىپىدە كۆرۈلىدۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسىدە مەيدىسى قىزىپ كەتكەندەك بولىدۇ، مەيدە چىڭقىلىش ۋە كۆكرەك ئاغرىش ئالامەتلىرى بولمايدۇ.
يۆتىلىش. توختىماي يۆتىلىش ياكى دەم سىقىلىش يۈرەك زەئىپلەشكەنلىكنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن، بەزى چاغلاردا يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلى ئاغرىقلىرىدا قان تۈكۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
باش قېيىش. يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىق ئاغرىقلاردا باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
چارچاش. يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا، ئادەمدە دائىملىق چارچاش كېلىپ چىقىدۇ، بۇ ئاياللاردا كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
ئىشتىھا تۇتۇلۇش.يۈرەك كېسىلى قورساقتا سۇلۇق ئىششىق پەيدا قىلغان چاغدا، ئاغرىقلارنىڭ ئىشتىھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ياكى ئاغرىقتا كۆڭۈل ئېلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سىرقىراپ ئاغرىش. بەزى ئادەملەرنىڭ يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا كۆكرەك ئاغرىمايدۇ، باشقا يەرلىرى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ. مەسىلەن: يۈرەك كېسىلى بار ئەر ئاغرىقلارنىڭ دائىم سول بېلىكى ئاغرىيدۇ، ئايال ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچە ئىككى بېلىكى ياكى تاغاق سۆڭىكى ئاغرىيدۇ.

www.iz.la


تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىش ياكى تەرتىپسىز بولۇش.تومۇرنىڭ سوقۇشى تېزلىشىپ كەتسە ياكى تەرتىپسىز بولسا ھەم بۇنىڭغا ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش ياكى نەپەس تېزلىشىش قاتارلىقلار قوشۇلۇپ كەلسە، بۇ يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر.بۇنى ۋاقتىدا داۋالاتمىغاندا، يۈرەك زەئىپلىشىش ياكى تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
نەپەس تېزلىشىش. بەزى يۈرەك كېسىلى ئاغرىقلىرىدا مەيدە چىڭقىلىش، كۆكرەك ئاغرىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ، ئەمما نەپەس تېزلىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدۇ.
تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش. تۇيۇقسىز سوغۇق تەرلەش، يەنە كېلىپ جىم ئولتۇرغاندىمۇ توختىماي تەرلەش يۈرەك كېسىلى قوزغالغانلىقىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتىدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئىششىپ قېلىش.يۈرەك زەئىپلەشكەندە پۇت، ئوشۇق، پاقالچاق ۋە قورساقتا سۇلۇق ئىششىق كۆرۈلۈپ، بەدەن ئېغىرلىقى تۇيۇقسىز ئېشىپ كېتىش ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ماغدۇرسىزلىنىش. بەزى ئادەملەر يۈرەك كېسىلى قوزغالغاندا ئۆزىنى ماغدۇرسىزلانغاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئەسلى مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(38)
92.7%
ئالقىشلايمەن
(3)
7.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • نىمە ئۈچۈن سۈگەل پەيدابۇلىدۇ؟

    سۆگەل ئادەتتە تېرە يۈزىدە كۆپرەك ئۇچىرايدىغان ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىر خىلى، ئۇ سۆگەل ۋىرۇسىدىن پەيدا بولىدۇ.سۆگەلنىڭ پەيدا بولۇشى بەدەندىكى ئىممۇنىتىتنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.ئىممۇنىتىتى بولۇپمۇ ھۈجەيرە تۆۋەن بولغان كىشىلەر سۆگەل بىلەن ئاسان يۇقۇملىن...

  • چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر

    چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئىلىشتىكى تەدبىر 1. چاچقا نىلون تارغاق ۋە تىلون چوتكا ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى نىلون تارغاق ياكى چوتكا باش تېرىسىگە قارىتا يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ. 2. مايسىزلاندۇرۇشى كۈچلۈك بولغان چاچ سوپۇنلىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى بۇ خىل چا...

  • سۇنۇق موقۇملاشتۇرۇلغانىدىن كىيىنكى پەرۋىش

    سۇنۇق موقۇملاشقانىدىن كىيىنكى پەرۋىش - سۇنۇقىنىڭ بالدۇر ساقىيىشىدا موھىم رول ئوينايدۇ . شۇڭا ، سۇنۇقىنى ئائىلىدە پەرۋىش قىلىشتا تۆۋەنىدىكى نوقتىلارغا دىققەت قىلىش لازىم . 1- كۆزتىشكە دېققەت قىلىش - سۇنۇقىنى موقۇملاشتۇرغانىدىن كىيىن ھەر ۋاقىت سۇنۇقىنىڭ يىر...

  • ئۇيقۇ ۋە سالامەتلىك

    ئۇيقۇ كۈچ - قۇۋۋەتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشتە زۆرۈر بولغان بولغان دەم ئېلىشتىن ئىبارەت ، يېتەرلىك ئۇيقۇنىڭ ئادەمىنىڭ مىڭىسىنى سەگەكلەشتۇرۇپ ، كۈچ -قۇۋۋۇتىنى ئاشۇرۇشىتىن باشقا ، يەنە كىشلەر بىلىپ كەتمەيدىغان تۆۋەنىدىكى ئاجايىپ ئۇنۇمى بار . سۆڭەكىنىڭ ئۆسۈشىنى تى...

  • شوخلا بىلەن چېچەكسەي مەزى بېزى راكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالىدىنى ئالىدۇ

    ئامېرىكىدىكى تەتىقىقاتچىلارنىڭ ھايۋان ئۇستىدە ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى تەتىقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، شوخلا بىلەن چېچەك سەينى قوشۇپ يېسە ، راك كېسەللىكىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالىدىنى ئالغىلى بولىدۇ ، دېيىلىگەن . شوخلا بىلەن چېچەك سەيىنى قوشۇپ ئستېمال قىلغنادا ، يالغۇ...

  • تۈنەپ ئىشلەيدىغانلار سەمىگە

    1- تۈنگەندىن كيىنكى ئىككىنىچى كۈنى چۈشلۈكى بىر سائەت دەم ئېلىشى ، مۇشۇنداق قىلغاندا ، چوڭ مېڭەھۈجەيرىسىنى نورمال ھالەتكە كەلتۇرۇشكە كاپالەتىلىك قىلىغىلى بولىدۇ . 2- تۈنىگەن ۋاقىتتا چوقۇم يېمەكلىكلەرنى تولۇقلاپ تۇرۇشى ، يەنى كېچىدە ، سۈت ، تۇخۇم ، گۆشلەرنى...

  • ساغلام بولاي دېسىڭىز ......

    ئۇلۇغ غايىنى كۆزلەپ ، كۆڭۈل - كۆكسىڭىزنى كەڭ تۇتۇڭ ،ئۆمۈتۋار بولۇپ ، غايىڭىزگە يىتىش يولىدا ئەمگەك سىڭدۇرۇپ ، ئوزۇنسىز ئاچىقلىنىش ۋە ھەسرەت چېكىشلەردىن ساقلىنىڭ ، ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش ۋە مەدەنىيى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ھالدا بىرلەشتۇرۇڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇنكى...

  • ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ..........

    ئۈچ خىل كىشىلەر چۈشتە ئۇخلىسا بولمايدۇ.............

  • مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق

    مەركەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش سالامەتلىككە زىيانلىق نۇرغۇن كىشلەر ئارام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،مەر كەزلەشتۈرۈپ چېنىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئادەتتىكى چاغلاردا بەدەن چېنىقتۇرۇش يىتەرلىك بولماسلىقتەك بوشلۇقنى تولدۇرماقچى بۇلىدۇ. لېكىن چېنىقش مۇتەخەسىسلىرى بۇنداق تۇيۇ...

  • چىراغ يورۇقىدا ئۇخلاش ئاسان راك پەيدا قىلىدۇ

    تىببىي ئالىملارنىڭ قارىشىچە ، ئادەم چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا بەدەننىڭ ئىمۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپ ، ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىكەن . چۈنكى چىراغ يورۇقىدا ئۇخلىغاندا ئادەم بەدىنىدىكى مىلاتونىن دەيدىغان ئاجرالما توسالغۇغا ئۇچراپ ئىممۇنىتېت ئ...